تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشان بىنەپشە گۈلى تاغدىن چۈشۈپ ماكانلاشتى

شىنجاڭدىكى دورا كارخانىسى ئالتە يىلدا بىر تال گۈلنى «كۆندۈردى»

تىيانشان بىنەپشە گۈلى تاغدىن چۈشۈپ ماكانلاشتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

شىنجاڭ يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىندولەن دورىگەرلىكى» دېيىلدى) دورا ماتېرىياللىرى ئۆستۈرۈش بازىسىغا كىرگەندە، كۆكۈچ سۆسۈن رەڭلىك دەستە - دەستە گۈللەر شامالدا پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «چولپان» بولۇپ قالغانلىقىنى قىلچە بىلمەيتتى. يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى داڭلىق دورا ماتېرىياللىرى مۇندەرىجىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى، تىيانشان بىنەپشە گۈلى قاتارلىق 44 خىل دورا ماتېرىيالى تىزىملىككە كىردى.

بۇ، تىيانشان بىنەپشە گۈلىنىڭ «شانلىق پەيتى» − بۇ خىل غولىنىڭ ئېگىزلىكى ئاران تۆت سانتىمېتىردىن يەتتە سانتىمېتىرغىچە كېلىدىغان، ئىلگىرى ئۇزاق مەزگىل تىيانشان بىلەن كوئېنلۇن تېغىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2000 مېتىردىن 3800 مېتىرغىچە كېلىدىغان ئېگىزلىكتىكى چىملىق ئارىسىدا خىلۋەت ئۆسكەن ئەتىۋارلىق دورا ماتېرىيالى بۈگۈنكى كۈندە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئوتتۇرا - تۆۋەن بولغان ئۆلچەملەشكەن ئېتىزلاردا يىلتىز تارتتى.

5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، يىندولەن دورىگەرلىكى دورا ماتېرىياللىرى ئۆستۈرۈش بازىسىنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى لۈ يۈنفېي ئېتىز قىرىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، بىر تۈپ تىيانشان بىنەپشە گۈلىنىڭ يوپۇرمىقىنى ئاستا قايرىدى، نېلۇپەر ھالەتتىكى قېلىن قەغەزسىمان يوپۇرماق يەرگە چاپلىشىپ يېيىلغان بولۇپ، كۆكۈچ سۆسۈن رەڭلىك گۈل بەرگى كېپىنەكتەك نەپىس ئىدى. «قاراڭ، بۇنىڭ ئۆسۈشىگە، تاغدىكى ياۋا ئۆسكىنى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئازراقمۇ قېلىشمايدۇ.» ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن مەمنۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى.

مۇشۇ كۈننى لۈ يۈنفېي ئالتە يىل كۈتتى.

تىيانشان بىنەپشە گۈلى ئۇيغۇر تېبابىتى - دورىگەرلىكىدە زۇكامدىن بولغان قىزىش، چىقان چىقىپ يىرىڭداپ ئىشىشنى داۋالاشتىكى ياخشى رېتسېپ ھېسابلىنىدۇ. يىندولەن دورىگەرلىكىنىڭ مەھسۇلات سېپىدە، ئۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى A گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن جۇڭيى تېبابىتى دورىسى، مىللىي تېبابەت دورىسى 1.1 تۈردىكى يېڭى دورا − مۇرەككەپ رېتسېپلىق بىنەپشە جەۋھىرىنىڭ يادرولۇق تەركىبى، تەتقىق قىلىنىۋاتقان يېڭى دورا نەزىلە جەۋھىرى قاتارلىقلارمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ.

ھالبۇكى، ئېگىزلىكتىكى بۇ گۆھەر بىرمەھەل دورا كارخانىلىرىنى ھەم خۇشال قىلغان، ھەم غەمگە سالغانىدى. بازار ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، لېكىن دورا ماتېرىيالىنى %100 ياۋا ئۆسكەنلىرىدىن كولاپ ئېلىشقا تايىنىلاتتى. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئازىيىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، كىلىنىكىدا دورا ئىشلىتىش ۋە يېڭى دورىلارنى كەسىپلەشتۈرۈش «ماتېرىيال ئۈزۈلۈپ قېلىش» خەۋپىگە دۇچ كەلدى.

«ئەمدى كۆندۈرمىسەك، بۇ دورا ئېھتىياجنى قامدىيالمايدۇ» دېدى يىندولەن دورىگەرلىكى دورا ماتېرىياللىرى ئۆستۈرۈش بازىسىنىڭ مەسئۇلى ياڭ چېنگۇاڭ ئەمەلىي ئەھۋالنى سۆزلەپ.

كۆندۈرۈش خىزمىتى بىر مەيدان ئالا قويماي ئۇرۇق پىلازمىسى ئىزدەشتىن باشلاندى. 2020 - يىلىدىن باشلاپ، تېخنىكا كوللېكتىپىنىڭ قەدەم ئىزى تىيانشان 1 - نومۇرلۇق مۇزلۇق، پامىر ئېگىزلىكى قاتارلىق جايلارنى قاپلىدى، ئۇلار ئەلا سۈپەتلىك ئۇرۇقلارنى يىغىپ، نەنسەن، فۇكاڭ قاتارلىق دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا قايتا - قايتا سىناق قىلىپ تېرىپ، ئاتموسفېرا، تۇپراق ۋە ئۆستۈرۈشنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى تەتقىق قىلدى.

«ياۋا دورا ماتېرىياللىرى ناھايىتى <جاھىل>، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى، تېمپېراتۇرا، تۇپراققا قارىتا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى بار.» لۈ يۈنفېي ئەسلەپ مۇنداق دېدى: دەسلەپكى بىرنەچچە يىلدا، كۆچۈرۈپ تىكىلگەن مايسىلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى ياكى تۆۋەن بولدى، ياكى ئۈنۈملۈك تەركىبىنىڭ مىقدارى ئۆلچەمگە يەتمىدى، «مايسىلارنىڭ كەينى - كەينىدىن قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىچىم ئېچىشىپ كەتتى.»

كوللېكتىپ ۋاز كەچمىدى. ئۇلار ئۇرۇق سېلىش ۋاقتىنى تەڭشىدى، سۇ، ئوغۇتنىڭ نىسبىتىنى ئەلالاشتۇردى، ئەسلىي ئۆسۈش مۇھىتىدىكى كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىگە تەقلىد قىلدى... يىللار كەينى - كەينىدىن ئۆتۈپ سانلىق مەلۇماتلار قېلىن بىرنەچچە خاتىرىگە توپلاندى.

بۇرۇلۇش 2025 - يىلى كۆرۈلدى. سىناق ئېتىزىدا، تىيانشان بىنەپشە گۈلىنى سۈنئىي ئۆستۈرۈش تەتقىقاتىدا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان باسقۇچلۇق نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ يىل، كۆلەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش ئېتىزلىرىدا تىيانشان بىنەپشە گۈلىنى تۇنجى قېتىم كۆلەملەشتۈرۈپ مەركەزلىك چېچەكلىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۆسۈملۈك تۈپى گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن يەككە تۈپ ئون نەچچە تال چېچەكلىدى، كۆكۈچ سۆسۈن رەڭلىك گۈل بەرگىلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى.

«ئۇ ئاخىر <ئورۇن تاللىمايدىغان> بولدى» دېدى ياڭ چېنگۇاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئۆستۈرۈش بازىسىنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى: تۇپراقنىڭ نەملىكى، كۈن نۇرىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى، شامال سۈرئىتى... بۇ، GAP (جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى) ئاقىل بۇلۇت سۇپىسى بولۇپ، ھەربىر تۈپ تىيانشان بىنەپشە گۈلىنىڭ ئۇرۇقتىن دورا ماتېرىيالىغىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرلىك ئۇچۇرىنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپ ئارخىپقا ئېلىنىدۇ.

«ئىلگىرى دورا ماتېرىياللىرى ئۆستۈرۈشتە تەجرىبىگە تايىناتتۇق، ھازىر سانلىق مەلۇماتقا تايىنىمىز.» ياڭ چېنگۇاڭ ئېكراننى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: بازىمىز قېلىپلاشقان ئۆستۈرۈش تېخنىكا ئۆلچىمىنى تۈزۈۋاتىدۇ، ئۇرۇق مەنبەسىنى كېڭەيتىپ ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى ئامبىرى قۇرۇپ، كېيىنكى قەدەمدە GAP ئېتىراپنامىسى ئېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

كەچكى قۇياش غەربكە پاتقاندا، ئۆستۈرۈش بازىسىدا ئادەملەر بارا - بارا شالاڭلاشتى، كۆكۈش سۆسۈن رەڭلىك كىچىك گۈللەر گۇگۇمدا يېنىك تەۋرىنىپ تۇراتتى. ياۋا ھالەتتىن كۆندۈرۈلۈشكىچە، ئېگىزلىكتىن تۈزلەڭلىككىچە، تىيانشان بىنەپشە گۈلى ئالتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر مەيدان «كۆچۈش»نى تاماملىدى، ئەمما بۇنىڭ ئارقىسىدىكىسى ھازىر شەكىللىنىۋاتقان بىر يول: ئەتىۋارلىق نەرسىلەر ئەمدى كەمچىل بولمايدۇ، مىڭ يىللىق ئەقىل - پاراسەت زامانىۋى پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچ قوشۇشىدا تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ.

■ مۇخبىرنىڭ تەسىراتى

كۆچۈرۈلگەن گۈل، يېڭىلىق يارىتىلغان يول

تىيانشان بىنەپشە گۈلى ئېگىزلىكتىن ئادەتتىكى ئېتىز قىرلىرىغا «كۆچۈپ» كەلدى، بۇ كىچىككىنە ھالقىشتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى كەسپىنىڭ توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق ياراتقانلىقىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى.

ئالتە يىل كۆندۈرۈشتە، كۆندۈرۈپ چىقىلغىنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئەتىۋارلىق دورا ماتېرىياللىرىنى «قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قېلىش»تىن «ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىش»قا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئەسقاتىدىغان يول بولدى. ئۇيغۇر تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئەقىل - پاراسىتى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى، رەقەملەشكەن سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى بىلەن ئۇچراشقاندا، قوغدالغىنى ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ كەلگۈسى بولدى.

تىيانشان بىنەپشە گۈلىدىن يىجىخاۋغىچە، تەجرىبىخانىدىن GAP ئاقىل بۇلۇت سۇپىسىغىچە، بۇ بىر مەيدان «كۆچۈش» بىزگە شۇنى بىلدۈرىدۇكى: جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ھەربىر تۈپ داڭلىق دورا ماتېرىيالىغا بولغان ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشتا يىلتىز تارتتى. قەدىمىي ئەقىل - پاراسەت ھازىرقى زاماندا يىلتىز تارتىپ بىخ سۈردى، ئەتىۋارلىق دورا ماتېرىياللىرى ئەمدى كەمچىل بولمايدىغان بولدى، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ ئىللىقلىقى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە نەپ يەتكۈزۈلدى، بۇلار دەل بۇ بىر مەيدان «كۆچۈش»نىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەھمىيىتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.