تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئۆكۈنمەس ياشلىق باھارىنى پۈتۈپ چىقىش

− تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا چاقنىغان ياش كۈرەش قىلغۇچىلار توغرىسىدا

4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىدە، مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتمەكتە. □ شۈ شيەنخاۋ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ

«ياشلىق باھارى دېگەن نېمە؟»

«ياشلىق باھارى − ئۆزى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا ئورۇنلىشىپ، يىلتىز تارتىش، چېچەكلەش، مېۋە بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.»

«مەسىلەن؟»

«مەسىلەن شىنجاڭدا.»

4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ياڭرىغان سادا ياشلىق باھارىغا جانلىق ئىزاھات بەردى. يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ياشلىرى يالقۇنلۇق قەلبى ئارقىلىق ئاددىي ئىش ئورنىدا چېگرا تېشىدەك مەزمۇت تۇرۇپ، جۇشقۇن ياشلىقىنى ۋەتەنگە بېغىشلانغان چوڭقۇر مۇھەببەتلىك داستان قىلىپ پۈتۈپ چىقتى.

ئەڭ چوڭقۇر مېھىرلىك تۇپراقتا يىلتىز تارتىش

«ۋەتەننىڭ ئېھتىياجى دەل ياشلارنىڭ تاللىشى.» بۇ، شىنجاڭ تيەنچى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شياۋ لۇنىڭ ئەقىدىسى. ئون يىل ئىلگىرى، ئۇ كەسكىنلىك بىلەن بېيجىڭدىن يۇرتى شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى.

«خىزمەت مۇھىتى گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالدىم، ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ ئەرزىيدۇ.» ئۇ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ جۇڭغار ئويمانلىقىدا يىلتىز تارتىپ، يۇقىرى ئىشقارلىق كۆمۈرنى كۆيدۈرۈش تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، دۇنيادىكى يەككە ئازگال كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان كاندا ئىشلىتىلىدىغان شوپۇرسىز ئاپتوموبىل توپى بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى %37 ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كۆمۈرچىلىك كەسپىدە رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن «جۇڭگو لايىھەسى»نى تەقدىم قىلدى. ئون يىللىق بوران - چاپقۇندا، چېكە چاچلىرى ئاقارغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يەنىلا قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى: «جاپادىن قورقمايمىز، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا چېكىنمەيمىز، بىز ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئالىمىز».

ئوخشاشلا «جاپانى ئۆزى ئىزدەپ تېپىش»نى تاللىۋالغانلاردىن يەنە ئالتاي شەھىرى قىزىل تاش بازىرىدىكى 90 - يىللاردا تۇغۇلغان چېگرا قوغدىغۇچى قاينار تولقىنمۇ بار.

«مەن ئوشئېرىق چېگرا لىنىيەسىدىكى ھەربىر جايدىن مېڭىپ ئۆتكەن، ئۇلار مېنى تونۇيدۇ، مەنمۇ ئۇلارنى تونۇيمەن.» قاينار يىلمۇيىل قار كېچىپ چېگرانى چارلاپ، سەككىز يىلدىكى قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىقتا، ھەربىر جىلغا، ھەربىر ئۆتكەلنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۆزىنى چېگرا لىنىيەسىدىكى «تىرىك خەرىتە»گە ئايلاندۇردى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرەپ بىلەن ئاپتونوم رايون بويىچە «چېگرا مۇداپىئە خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس»، ئالتاي ۋىلايىتى بويىچە «ئەڭ گۈزەل چېگرا قوغدىغۇچى» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى. بۇ ياش چېگرا قوغدىغۇچىنىڭ كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى: «ئۆمۈر بويى بىرلا ئىشنى قىلىمەن، ۋەتەن ئۈچۈن چېگرانى قوغدايمەن!»

«ئۈسكۈنىلەردىكى ھەربىر غەيرىي ئاۋاز، سانلىق مەلۇماتتىكى ھەر قېتىملىق داۋالغۇشنىڭ ھەممىسى كاشىلا ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.» خۇاديەن ئىلى كۆمۈر ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى ئۈسكۈنىلەرنى ئاسراش بۆلۈمىنىڭ ئىسسىقلىق تىزگىنلەش كەسپى ئىنژېنېرى، 90 - يىللاردا تۇغۇلغان ما خەيچياڭ بەن گۇرۇپپىلارنى يېتەكلەپ كېچە - كۈندۈز ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، پار ماشىنىسى ئوققازىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىدىكى داۋالغۇش قاتارلىق تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ئارقا - ئارقىدىن ھەل قىلدى. ئۇ جەمئىي 50كە يېقىن قوغداش، ئەلالاشتۇرۇش تۈرىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ ۋە قاتنىشىپ، 25 تۈرلۈك تېخنىكىلىق چىگىش، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى، 2025 - يىلى شەرەپ بىلەن «ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىسى» نامىغا ئېرىشكەن بولۇپ، خىزمەتداشلىرىنىڭ قەلبىدە ئىسمى - جىسمىغا لايىق «گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك قوغدىغۇچىسى» ھېسابلىنىدۇ.

«شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى پۇختا ئېنېرگىيە كاپالىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، ياش پارتىيە ئەزالىرى جەزمەن بۇ مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك!» بۇ قەسەم سۆزى ما خەيچياڭنىڭ قەتئىي ئىرادىسى.

مېھىر - مۇھەببىتىنى ئەڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بېغىشلاش

«بىر ئاغرىق بالىغا بېشىنى كۆتۈرۈشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن، بەلكىم نەچچە مىڭ قېتىم تەكرار مەشىق قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ كۈلۈمسىرەپ ماڭا قارىغان ئاشۇ دەقىقىدە، بارلىق ئەجرىمنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن.» قەشقەر شەھىرىدە، ئاينۇر خالىق قۇرغان «ئانىلار ئائىلىسى» مېيىپ بالىلار مۇلازىمەت مەركىزى مېيىپ بالىلارنىڭ ئىللىق ماكانى.

13 يىل ئىلگىرى، ئاينۇر كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ ئاممىۋى مەنپەئەتدار ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە ئايلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جەمئىي 1500 نەپەردىن ئارتۇق مېيىپ بالىنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئېلىپ بېرىشىغا ياردەم بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نەچچە ئون پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر مېيىپ بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى ئۈچۈن چېپىپ يۈردى، «مېيىپ بالىلارنى باشقا بالىلارغا ئوخشاش قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈش، خۇشال - خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش» ئۇنىڭ ئاددىي ئارزۇسى ئىدى.

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا سۈپەت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سايا ماقات چاقىرىققا پائال ئاۋاز قوشۇپ، يەكەن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ياردەم بېرىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاساسىي قاتلام داۋالاش بىرىنچى سېپىنى چىڭ ساقلىدى. ئۇ باش بولۇپ بۇ دوختۇرخانىدا ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قۇرۇپ، ناھىيە رايونىدىكى تۇنجى «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك راك كېسىلى ئاغرىقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كېسەلخانىسى» بەرپا قىلىپ، شۇ جايدىكى دوختۇرخانىنىڭ كۆپ تۈرلۈك داۋالاش تېخنىكىسىدا «يوق بولۇش ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ئىچىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈشىگە كۈچ قوشتى. ئۇ يەنە ئاساسىي قاتلامدىكى ۋىراچلارنى ھەقسىز يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ، شۇ جاي ئۈچۈن «ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان» داۋالاش تايانچ قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. «يۇرتداشلارنى ئىشىك ئالدىدىلا كېسىلىنى ياخشى داۋالىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك، بۇ ھەممىدىن مۇھىم.» ئۇ ھەمىشە بۇ گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.

«نەچچە قېتىم كەلكۈن ئۇرۇپ يىقىتىۋەتكەن بولسىمۇ، ھېچنېمىدىن قورقماي، پەقەت ئادەمنى بىخەتەر قۇتقۇزۇپ چىقىشنىلا ئويلىدىم» دېدى كۇچا شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش چوڭ ئەترىتىنىڭ جېڭۋېيسى لى يۈنفېي 2018 - يىلى كەلكۈن ئاپىتىدىن قۇتقۇزغان - ياردەم بەرگەن چاغنى ئەسلەپ. شۇ چاغدا ئۇ شىددەتلىك كەلكۈن ئېقىنىغا سەكرەپ چۈشۈپ، قاپسىلىپ قالغان ئەر - خوتۇننى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇپ چىققان، ئەمما ئۆزى كۆپ مىقداردا لاي - لاتقىنى سۈمۈرۈۋالغان، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەچكە نەق مەيداندا ھوشىدىن كەتكەن.

لى يۈنفېي قېتىم - قېتىملاپ قارشى يۆنىلىشتە جەڭگە ئاتلىنىپ، خەتەرگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، قاپسىلىپ قالغان ئاممىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزدى، ئاممىنىڭ مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى. ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقاندىن سىرت، ئۇ باش بولۇپ «لىن جىلۇ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى» قۇرۇپ، يىل بويى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا يار - يۆلەك بولۇپ، ئۆسمۈرلەر، بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كىچىك ياخشى ئىشلىرى ئارقىلىق بىر شەھەردىكى پۇقرالارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، كۆپ تۈرلۈك شان - شەرەپكە ئېرىشتى. تەرىپلەشلەر ئالدىدا، ئۇ ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، پەقەت بىر جۈملە سۆز قىلدى: «خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىيىن ئىشى دەل مېنىڭ ئىشىم.»

نۇر ئارقىلىق تېخىمۇ يىراقنى يورۇتۇش

«سەھنىدىكى قىسقىغىنا بىرنەچچە قەدەم ئۈچۈن سەھنە سىرتىدا ئون نەچچە جۈپ مەشىق ئايىغىنى ئۇپرىتىشقا توغرا كېلىدۇ.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنچياڭ ئەلنەغمە تىياتىر ئۆمىكى (شىنجاڭ چىنچياڭ ئەلنەغمە تىياتىر ئۆمىكى)نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى مىن 15 جۈپ مەشىق ئايىغىنىڭ ئارقىسىدىكى جاپالىق ئەجىر بىلەن چىڭ تۇرۇشنى مانا شۇنداق ئاددىي تەسۋىرلىدى. بۇلتۇر، ئۇ جۇڭگو تىياتىرى مېيخۇا مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭنىڭ بۇ مۇكاپات تۈرىدە «يوق بولۇش ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاش»نى ئىشقا ئاشۇردى. ئۇ جەمئىي 500 مەيداندىن ئارتۇق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنىنى قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىدى. «چىنچياڭ تىياتىرى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۆھىرى، مەن ئۇنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ ئېيتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» ئۇنىڭ سۆزلىرى مەردانە، جاراڭلىق ئىدى.

«تەجرىبىدە مەغلۇپ بولۇش دائىملىق ئەھۋال، بەزىدە بىر سانلىق مەلۇماتتا پەرق كۆرۈلسە، نەچچە ئايلىق ئەجرىمىز بىكارغا كېتىپ، قايتىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.» شىنجاڭ داشۆنىڭ پىروفېسسورى تاڭ ياكۇن پەن تەتقىقات بىرىنچى سېپىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، دۆلەت دەرىجىلىك، ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك كۆپ تۈرلۈك نۇقتىلىق تېمىلارغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، بىر قاتار يۇقىرى سۈپەتلىك پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى قاتارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاندى. ئۇزاققا سوزۇلغان پەن تەتقىقات يولى ئۇنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى ئەزەلدىن بوشاشتۇرالمىدى. بۇرچنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «بىز ئۈچ چى كېلىدىغان مۇنبەردىكى ئادەم تەربىيەلىگۈچىلەر بولۇپلا قالماي، يەنە چېگرا رايون پەن تەتقىقات بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، تىرىشىپ پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشىمىز كېرەك.»

«تۇنجى قېتىم دېڭىزنى كۆرگەندە، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كۆز ياشلىرىمنى توختىتالماي قالدىم، ئەسلىدە باتۇرلۇق بىلەن يولغا چىقسىلا، يىراق مەنزىلگە ھامان يەتكىلى بولىدىكەن.» كېسەل سەۋەبىدىن مېيىپ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭلىق قىز ئاياتقان بەكتۇر ئەزەلدىن تەقدىرگە باش ئەگمەي، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، 27 يېشىدا ئارزۇسى بويىچە ئۆزى يازغان ھېكايىنى نەشر قىلدۇردى؛ تۇغما مۇزىكا تالانتىغا تايىنىپ، ھەم ھەر كۈنى تەكرار جاپالىق مەشىق قىلىپ، تۈرلۈك خەلق ئىچى مۇزىكا مۇسابىقىلىرىدە ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى؛ يېڭى تاراتقۇ دولقۇنى ئالدىدا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىشكە ماسلىشىپ، كامېرا ۋە ناخشا ساداسى ئارقىلىق يۇرتىنىڭ مەدەنىيەت گۆھىرىنى يىراقلارغا يۈزلەندۈردى. «دادىللىق بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلسىلا، يەتكىلى بولمايدىغان يىراق مەنزىل يوق» دېدى ئۇ.

«ۋەتەننىڭ ئېھتىياجى دەل ياشلارنىڭ تاللىشى» «ئۆمۈر بويى بىرلا ئىشنى قىلىمەن، ۋەتەن ئۈچۈن چېگرانى قوغدايمەن» «خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن»... بۇ مەردانە، جاراڭلىق سۆزلەر قەسەم سۆزى، شۇنداقلا ئۇلار ھەر كۈنى تەكرار چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان ياشلىق جاۋاب قەغىزى. بۇ ياشلار شىنجاڭدىكى تۈرلۈك - تۈمەن كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئورنى ھەر خىل بولسىمۇ، ئەمما بىر خىل ئېتىقادنى ئورتاق ئىزاھلاپ، شەخسىي ئىنتىلىشىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، ياشلىق باھارىنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا پولاتتەك تاۋلىدى.

شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا، يەنە تېخىمۇ كۆپ ياشلار دەۋر كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى مەھكەم تۇتۇپ، يالقۇنلۇق قەسىمى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا توختىماي ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ياشلىق باھارى ھەيۋەتلىك ئېقىنىنى مۇجەسسەملىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.