تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەڭ ياخشى دەۋردە ياشلىق نۇرىنى جۇلالاندۇرۇش

چېگرا قوغدىغۇچى ياشلارنى كاڭشىۋا ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، ئەڭ ساپ مۇھەببىتىنى ئەڭ سۆيۈملۈك ۋەتەنگە بېغىشلاشقا تەشكىللەش؛ 4 - ماي ھەرىكىتىنىڭ 107 يىللىقىنى خاتىرىلەش بويىچە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياشلارنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇش؛ يېڭى ئىتتىپاق ئەزالىرى مەركەزلىك ئىتتىپاققا كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ياشلارنى غايە - ئېتىقادنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش... 4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل شەكىلدىكى باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى ياشلارنى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق باھارى، كۈرەش قىلىش جاسارىتى ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ ياشلىق سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈردى.

دەۋر مۇھىم ۋەزىپىلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئوتقاشتەك ياشلىق باھارى تومۇرداش بولۇپ كەلدى. 107 يىل ئىلگىرى، بىر تۈركۈم ئىلغار ۋەتەنپەرۋەر ياشلار دېموكراتىيە ۋە ئىلىم - پەن بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۈتۈن مىللەتنى ئويغىنىشقا چاقىردى. بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزغا نەزەر سالساق، ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلار پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يىلتىز تارتىپ، ياشلىق باھارىنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئېقىنىغا سىڭدۈردى.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، گۈزەلنۇر ئابلا ياشلىق باھارى ئارقىلىق كۈچ ئۇلاپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش بۇرچىنى ئادا قىلىپ، قارلىق ئېگىزلىكتە «كۆچمە چېگرا تېشى» تىكلىدى؛ جاۋ يەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىپ، ئاممىنى خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى؛ تاڭ ياكۇن پەن - مائارىپ مۇنبەت تۇپرىقى توغرىسىدا چوڭقۇر ئىزدىنىپ، ئادەم تەربىيەلەش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئىشلىرىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلدى... شىنجاڭ تۇپرىقىغا نەزەر سالساق، يەنە نۇرغۇن ياشلار ئۇلارغا ئوخشاش ئاساسىي قاتلامدىكى مەھەللە، مەكتەپ، دوختۇرخانا، چېگرا قاراۋۇلخانىسى، كەسىپلەرنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتتى، ئۇلارنىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغان ئالاھىدە تەرىپى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئاددىيلىق ئىچىدە قالتىس ئىشلارنى داۋاملاشتۇردى؛ ئۇلارنىڭ جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگۈدەك باتۇرانە ئىشلىرى بولمىسىمۇ، ئەمما ئىنچىكە ئىشلاردا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشنى نامايان قىلدى.

«سىلەرنىڭ ئۇلۇغۋار غايىنى قەلبىگە پۈكۈپ، قەتئىي ئىرادە باغلاپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، كەڭ ياشلارنى شەخسىي ئىنتىلىشىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنۇڭلارغا قويۇپ ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يېڭى مۇساپىدە ياشلىق كۈچۈڭلارنى قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ياشلار 4 - ماي مېدالى ھەم يېڭى دەۋردىكى ياش ئاۋانگارتلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە قايتۇرغان جاۋاب خېتى مۇقەررەر ھالدا كەڭ شىنجاڭ ياشلىرىنى سادىق قەلب بىلەن دەۋر ئۇچرىشىشىغا ئاتلىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قىياپىتى ئارقىلىق كىشىلىك ھاياتنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ، ئەڭ ياخشى دەۋردە ئەڭ يارقىن نۇرىنى جۇلالاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.