− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى كەڭ ياشلار ۋە ياش خىزمەتچىلەرنى تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى
«سىلەرنىڭ ئۇلۇغۋار غايىنى قەلبكە پۈكۈپ، قەتئىي ئىرادە باغلاپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، كەڭ ياشلارنى شەخسىي ئىنتىلىشىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭدۈرۈشكە يېتەكلەپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنۇڭلارغا قويۇپ ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يېڭى مۇساپىدە ياشلىق كۈچۈڭلارنى قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» 4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ جۇڭگو ياشلار 4 - ماي مېدالى ھەم يېڭى دەۋردىكى ياش ئاۋانگارتلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىنى ئىلھاملاندۇردى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ياشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەم سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سەمىمىي ئۈمىد قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى كەڭ ياشلار ۋە ياش خىزمەتچىلەرنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، دەۋر ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان ياشلىق سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز.
مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىمىز
«ھەر قېتىم 4 - ماي ياشلار بايرىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نەزەرىنى ياشلارغا قارىتىدۇ. مەن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم ھەم ناھايىتى روھلاندىم» دېدى 2026 - يىللىق جۇڭگو ياشلار 4 - ماي مېدالىغا ئېرىشكۈچى، پايتەخت تېببىي داشۆ قارىمىقىدىكى بېيجىڭ دوستلۇق دوختۇرخانىسى داۋالاش ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جى دېيۈەن.
قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى داۋالىنىش كاپالىتىدىن بۆلۈملەرنىڭ كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇش - داۋالىشىغىچە، كۆپ يىللاردىن بۇيان، جى دېيۈەن خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارغا جەمئىي 5000 قېتىمدىن ئارتۇق دىياگنوز قويۇش، داۋالاشقا قاتناشتى. «ئاغرىقتىن بىرنى ئارتۇق قۇتقۇزۇپ داۋالىغاندا، ئائىلىدىن بىرنى ئارتۇق قوغداپ قالغىلى بولىدۇ. مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقىنى ۋە مېدال، شان - شەرەپنى ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، دوختۇرلار روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، داۋالاش تېخنىكامنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدە كۈچ قوشىمەن» دېدى جى دېيۈەن.
ياشلار پۈتكۈل جەمئىيەت كۈچلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ ئاكتىپ، ھاياتىي كۈچى ئەڭ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كۈچ، دۆلەتنىڭ ئۈمىدى ياشلاردا، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ياشلاردا.
جاۋاب خېتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلار ۋەكىللىرىنى «مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئۆكۈنمەس ياشلىق باھارىنى پۈتۈپ چىقىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ياخشى قىياپىتىنى نامايان قىلدىڭلار» دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى، بۇ، شاڭخەي «موسۇ بوشلۇقى» چوڭ مودېل يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيە مەھەللىسىدىكى ياشلار كوللېكتىپىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى.
«بۇلتۇر 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، بىزنى <ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى قەلبكە پۈكۈش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى تىكلەش، دۆلەتنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش>كە ئىلھاملاندۇردى، بۇ قېتىمقى جاۋاب خېتىدە يەنە ياشلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. بىز مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىمىزغا قويۇپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ سانلىق مەلۇمات، ھېسابلاش ئىقتىدارى، قوللىنىش ھالىتى قاتارلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بايلىقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ياشلىق ئەقىل - پاراسىتىمىزنى تەقدىم قىلىمىز» دېدى كوللېكتىپنىڭ ئەزاسى جاۋ كۇەن.
ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدا، شىنجاڭ ئاتۇش شەھىرىنىڭ قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. بىر يىل ئىلگىرى، شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتى 2025 - يىللىق جۇڭگو ياشلار 4 - ماي مېدالى كوللېكتىپى دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى.
«بىر يىلدىن بۇيان، بىز دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا چوڭقۇر ئىزدىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى كۈچەپ ئۆستۈردۇق، بالىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردۇق. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرىلىشى، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىز تاپشۇرغان يارقىن جاۋاب قەغىزى.» مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى يەن زېفېڭ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، شەخسىي ئىنتىلىشىمىزنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى مائارىپ ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، مېھىر - مۇھەببەت ۋە مەسئۇليەتچانلىق ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش يولىنى يورۇتۇشقا چاقىرىمىز».
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى ماڭا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردىكى، يېڭى دەۋردىكى ياشلار مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش داۋامىدا چېنىقىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلىشى كېرەك.» جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئەنخۇي سۇجوۋ ۋېيراڭ بىيوپەن - تېخنىكا ھويلىسىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى مياۋ مېڭخەن مۇنداق بىلدۈردى: يېزا ئىگىلىكىنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي بىلىملىرىم ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئوتتەك ياشلىق باھارىمنى يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا بېغىشلايمەن.
بىرىنچى سەپتە يىلتىز تارتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرىمىز
پۇل مۇئامىلە بىلىملىرى بويىچە لېكسىيە ئۆتكۈزۈش، ئاساسىي پۇل مۇئامىلە كەسپىنى بېجىرىش... كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىزاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ «كېسان گۈلى» پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئەترىتى قارلىق ئېگىزلىكتىكى كەنتلەر ئارىسىدا ئالدىراش يۈرۈپ، ئېگىز ھەم سوغۇق چېگرا رايون پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇردى. يېقىندا، ئۇلار 2026 - يىللىق جۇڭگو ياشلار 4 - ماي مېدالى كوللېكتىپى بولۇپ باھالاندى.
«بىرىنچى ۋاقىتتا باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى ئۆگىنىپ، كوللېكتىپىمىز ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلدى.» مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جيايۇڭ جياسو مۇنداق دېدى: «بىز ئېگىزلىكتە تۇغۇلۇپ، ئېگىزلىكتە ئۆسۈپ يېتىلدۇق، كېسان گۈلىگە ئوخشاش قارلىق دالىدا يىلتىز تارتىپ، ياشلىق باھارىمىزنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئېھتىياجلىق جايلاردا جۇلالاندۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان كەسىپ ئىقتىدارى ئارقىلىق ئېگىزلىكتىكى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە مۇلازىمەت قىلىمىز».
ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتتى، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلىدى، ياشلىق باھارى تۆھپە قوشۇش داۋامىدا جۇلالاندى.
«1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، 2026 - يىللىق يېڭى دەۋر ياش ئاۋانگارتلار مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، خېنەن جوۋكوۋ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى جاۋتۇڭ يولى ئالاھىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش پونكىتىنىڭ سىياسىي جىداۋيۈەنى داڭ يەنلۇڭ يەنىلا سەپداشلىرى بىلەن بىرىنچى سەپنى چىڭ ساقلاپ، نۇقتىلىق مەيدان - سورۇنلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملىدى.
«باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزنى <مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنۇڭلارغا قويۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىڭلار> دەپ ئىلھاملاندۇردى. يېڭى دەۋردىكى ياش ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ئاتاكىغا ئۆتۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بەختى ۋە تىنچ - ئامانلىقىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغداپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق <خەلق ئوت مۇداپىئەسى خەلق ئۈچۈن> دېگەن جاراڭلىق قەسىمىمنى ئىزاھلايمەن» دېدى داڭ يەنلۇڭ.
لياۋنىڭ بېنشى، ئەنگاڭ گۇرۇھى بېنگاڭ تاختا ماتېرىياللىرىنى سوغۇق پىروكاتلاش باش زاۋۇتىنىڭ 3 - سوغۇق، كىسلاتالىق پىروكاتلاش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، پولات ئوراملار ئايلىنىپ تۇراتتى.
«بۇلتۇر 1 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ لياۋنىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، بىزنىڭ بۇ يەردىكى ياش تېخنىكا تايانچلىرىنى سەمىمىي يوقلىدى، بۇ يىل 4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە يەنە ياشلارغا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى بىزنىڭ غەيرىتىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى.» بۆلەك باشلىقى ليۇ جەنيۆ مۇنداق دېدى: «ياشلىق − ماھارەتنى جاپالىق مەشىق قىلىدىغان، قابىلىيەتنى ئۆستۈرىدىغان ئالتۇن مەزگىل. مەن كەسىپ بىرىنچى سېپىدە داۋاملىق چوڭقۇر ئىزدىنىپ، كوللېكتىپىمىزدىكى ئەزالارنى يېتەكلەپ، ئىشلەپچىقىرىشتىكى بوغما ھالەتنى ئۈزلۈكسىز بۆسۈپ تاشلاپ، تىرىشىپ ھەربىر تۈرلۈك ھۈنەر - سەنئەتنى ئەڭ ئەلالاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياشلىق ئەقىل - پاراسىتىم ۋە كۈچۈمنى بېغىشلايمەن».
«مەكتىپىمىزدىكى ياش سەرخىل ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن غەربىي قىسىمغا كۆچۈش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غەربىي قىسىمدىكى رايوندا يىلتىز تارتىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاچقۇچلۇق، تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپىدىكى تېخىمۇ كۆپ سەرخىل، ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمنى جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن ماس قەدەمدە بولۇش، ئوخشاش يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن» دېدى شىئەن قاتناش داشۆسى خىمىيە قۇرۇلۇشى ۋە تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ۋۇ جېن.
بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ياشلىق كۈچىنى ئۇرغۇتىمىز
يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى قابىلىيىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە چەكسىز كەڭ، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئىستىقبال چەكسىز پارلاق.
«<15 - بەش يىل>نىڭ باشلىنىش يىلىدا، مەن <ياشلار تۆھپە يارىتىشنىڭ دەل ۋاقتى> دېگەن سۆزنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھى 1 - تەتقىقات ئورنى پايتەخت ئالەم قاتنىشى ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوراشتۇرۇش ئىشچىسى سۈي مېڭيۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: كوللېكتىپىمىز باشتىن - ئاخىر باش شۇجىنىڭ ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى ياشلاردىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك قوراشتۇرۇش بىرىنچى سېپىدە ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسەتتى. «يېڭى مۇساپىدە، بىز ئومۇميۈزلۈك قوراشتۇرۇش ماھارىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، سادىق قەلب بىلەن ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنى قوغداپ، بىپايان ئالەم بوشلۇقىدا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ياشلىرىنىڭ <يادرولۇق> جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقىمىز».
خېبېي ئۆلكىسى لاۋتىڭ ناھىيەسىنىڭ پاڭگېجۇاڭ يېزىسى كەنتيەن گېجۇاڭ كەنتىدە، مېۋە - كۆكتات پارنىكىدىكى قىپقىزىل، توق ئۆسكەن شوخلىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. 2026 - يىللىق جۇڭگو ياشلار 4 - ماي مېدالىغا ئېرىشكۈچى، كەنتيەن گېجۇاڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى ياۋ مېھمانلارغا كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى.
«لاۋتىڭ ناھىيەسى لى داجاۋنىڭ يۇرتى. قىزىل مېھىرلىك تۇپراقتا تۇرۇۋاتقانلىقىمدىن چەكسىز شەرەپ ھېس قىلىمەن، شۇنداقلا زىممەمدىكى مۇھىم ۋەزىپىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» لى ياۋ مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى. مەن جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە پائال ئاتلىنىپ، يۇرتداشلارنى تېرىقچىلىق قىلىش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلايمەن، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى بەختلىك قىلىمەن».
كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىدىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ، ياشلارنى يېتەكلەش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش، ياشلارنى تەشكىللەش ۋە سەپەرۋەر قىلىش، ياشلار بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئالغان.
«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى بىزگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىزمەتنى ياشلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەش، ئاچقۇچلۇق جايلارغىچە ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. مەن ياشلار نەزەرىيە تەتقىقاتى، ئىتتىپاق كادىرلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ياشلار ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغان، ئەمەلدە كۆرسىتىشنى خالايدىغان ئىدىيەۋى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ياشلار كۆڭۈل بۆلىدىغان رېئال مەسىلىلەرنى تولۇق تەتقىق قىلىپ، ياخشى جاۋاب قايتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان ياشلىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەيمەن» دېدى مەركىزىي ئىتتىپاق مەكتىپىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ليەن سى.
ياشلار ئۇلۇغۋار ئىرادىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان پەيت يېتىپ كەلدى.
گۇاڭشى گۇيلىننىڭ چۈەنجوۋ ناھىيەسىدىكى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرى شياڭجياڭ ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ جايغا كېلىشنى تاللاپ، شياڭجياڭ ئۇرۇشى تارىخىنى چۈشىنىپ، ئۇزۇن سەپەر روھىنىڭ دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ھېس قىلدى.
«بۇ يىل قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى. ئالاھىدە ۋاقىت تۈگۈنى خىزمىتىمنى ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە قىلدى.» خاتىرە سارىيىنىڭ ياش چۈشەندۈرگۈچىسى ياڭ شىجېن مۇنداق دېدى: «چۈشەندۈرۈش ئەزەلدىن ئاددىي ھالدا تارىخنى قايتا بايان قىلىش بولماستىن، بەلكى بىر مەيدان زامان - ماكان ھالقىغان سۆھبەتلىشىش. مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <يېڭى مۇساپىدە ياشلىق كۈچىنى بېغىشلاش> دېگەن تەلىپىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەسپىي چۈشەندۈرۈش، سەمىمىي پوزىتسىيە بىلەن شياڭجياڭ ئۇرۇشى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى ماڭىمەن».
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)






