تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش كېرەك

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پەن - تېخنىكا گۈللەنسە مىللەت گۈللىنىدۇ، پەن - تېخنىكا كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن، دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىسلارنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، «بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك» «تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

«ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدە تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، دۇنياۋى پەن - تېخنىكا رىقابىتىدە دىققەت ئاساسىي ئالدىنقى سەپ ساھەلەرگە تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىملىقى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.»

پۇرسەت جەھەتتىن قارىغاندا، دۇنيا چوڭ ئىلىم - پەن دەۋرىگە قەدەم قويدى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مىسلىسىز قويۇق جانلىنىش مەزگىلىگە كىردى، ئىلمىي تەتقىقات ئىنسانلارنىڭ بىلىش چېگراسىنى ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ تاشلىدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساس تەتقىقاتى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان تېز يۈكسىلىش مەزگىلىگە قەدەم قويغان بولۇپ، قىسمەن ساھەلەردە «ئەگىشىپ يۈگۈرۈش» «تەڭ يۈگۈرۈش»تىن «يېتەكلەپ يۈگۈرۈش»كە ئۆتۈشتەك تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

خىرىس جەھەتتىن قارىغاندا، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەردى، پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى بىلەن چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى ئۆزئارا گىرەلەشتى، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مۇسابىقە يولىدىكى رىقابەت تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ ئاساس تەتقىقاتىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن زور ئەسلىي ئىجادىي نەتىجىلەر بىرقەدەر كەمچىل بولۇپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت نىشان - تەلەپكە توغرىلىنىشتا يەنىلا بەلگىلىك پەرق مەۋجۇت.

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاچقۇچ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساس تەتقىقات خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى «15 - بەش يىل»دىن ئىبارەت پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدىكى بۇ ئاچقۇچلۇق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە قويۇپ، ئاساس تەتقىقات خىزمىتىنى سىجىل چىڭ تۇتۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە.

«بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئاساس تەتقىقات سىستېمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساس تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى ۋە مۇقەررەر تەلىپىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەردى.

ئاساس تەتقىقات دەۋرىيلىكى ئۇزاق، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، ئېنىقسىزلىقى چوڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئىلمىي پىلانلاشقا، ئومۇملۇقنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا توغرا كېلىدۇ. يېڭى دەۋردىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئاساس تەتقىقاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەبى شۇكى، تۈزۈم، سىياسەتنىڭ قىممەت ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش رولى ياخشى جارى قىلدۇرۇلدى. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساس تەتقىقاتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، «ھەل قىلغۇچ قەدەم»نى ياخشى ئالغاندىلا، «نۆلدىن بىرگىچە» بولغان تېخىمۇ كۆپ بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

يېڭى دەۋردىكى پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدە، پارتىيەمىز قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن مۇھىم تەجرىبىلەرنى توپلىدى، بۇنىڭ بىرى «تۆتكە يۈزلىنىش» ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پۈتۈن زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، پۈتۈن ساھەنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش. نىشان يۆنىلىشى ۋە ئەركىن ئىزدىنىشتىن ئىبارەت «ئىككى پۇتقا تايىنىپ مېڭىش»تا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات نىشانى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىدىن مۇھىم پەن - تېخنىكا مەسىلىلىرىنى تېپىپ چىقىپ، ئاساس تەتقىقاتنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى ۋە نۇقتىلىق ساھەلىرىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بايلىق تەقسىملەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرغاندىلا، ئاندىن ئاساس تەتقىقاتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا پۇختا، ياخشى ماڭغىلى بولىدۇ.

ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىشتە، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىش، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئاچقۇچ. «سۈنئىي قۇياش»تا «100 مىليون گىرادۇس مىڭ سېكۇنت»لۇق دۇنيا رېكورتى يارىتىشنىڭ ئارقىسىدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى خېفېي ماددا ئىلمى تەتقىقات ئورنىدىكى بىر نەچچە ئەۋلاد ئالىملارنىڭ بوشاشماي ئىزدىنىشى بار؛ دۆلىتىمىز باتارېيە تېخنىكىسىنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرالىشى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپ، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئاساس تەتقىقاتتا چوڭ - چوڭ تۈرلەر، مۇھىم تېمىلارغا قانچە دۇچ كەلگەنسېرى، دۆلەت پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات تىپىدىكى داشۆ قاتارلىقلارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى شۇنچە كۈچەيتىش كېرەك. پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭىچە تەتقىق قىلىش - ئېچىش ئاپپاراتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كارخانا يېتەكچىلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساس تەتقىقات، قوللىنىش، ئېچىش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنىڭ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاساسىي پەنلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پەنلەر بىلەن ئاساسىي پەنلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساس تەتقىقاتتا سىجىل بۆسۈش ھاسىل قىلىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ئۇلنى پۇختىلاش كېرەك.

پەن - تېخنىكا تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، بارلىق مۇھىم پەن - تېخنىكا ئۆزگىرىشىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئاساس تەتقىقاتتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن كەلگەن، پۈتۈن دۇنيادىكى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئاساس تەتقىقاتقا تايانمايدىغىنى يوق. «جۇڭگو قۇدرەت تېپىش، گۈللىنىشتە، چوقۇم پەن - تېخنىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تىرىشىپ دۇنيانىڭ ئاساسلىق ئىلىم - پەن مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىگە ئايلىنىشى كېرەك.» بىز كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساس تەتقىقات خىزمىتىنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.