− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ياش پىدائىيلارنى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىدى
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى
«ياشلىق چەكسىز ئۈمىد يېتىلدۈرىدۇ، ياشلار گۈزەل ئەتىنى يارىتىدۇ» «سىلەرنىڭ تۆھپە قوشۇش، دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت پىدائىيلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتىنىمىز بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتا چىڭ تۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».
ياشلارغا، ياش پىدائىيلارغا باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەمىشە چوڭقۇر غەمخورلۇق قىلدى، ئۇلاردىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتتى. ھەربىر پارچە جاۋاب خەت، ھەربىر قېتىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەربىر كۆڭۈل بۆلۈشتە ياشلىقنى مەدھىيەلىدى، ياشلارغا ئىلھام بەردى، خۇددى باھار شامىلىدەك، شەبنەمدەك قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇردى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، مىليونلىغان ياش پىدائىي قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار مۇساپىسىدە، تىرىشىپ تۆھپە قوشۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ياشلىق ئارزۇسى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان ياشلىق جاۋاب قەغىزى پۈتتى.
ئىدىيە يېتەكچىلىك قىلدى: «خەلققە مۇلازىمەت قىلىش، ۋەتەنگە تۆھپە قوشۇش زامانىمىزدىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ توغرا يۆنىلىشى»
باھار كۈنلىرىدىكى شىنجاڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، كىتاب ئوقۇغان ئاۋازلار ياڭراپ تۇراتتى.
دەرسخانىدا، 2000 - يىللاردا تۇغۇلغان ئوقۇتقۇچى لى لېي بالىلارنى يېتەكلەپ تېكىست دېكلاماتسىيە قىلىۋاتاتتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، لى لېيغا ئوخشاش مۇشۇنداق تۈركۈم - تۈركۈم ياش پىدائىي يىراق يول بېسىپ، چېگرا لىنىيەسىگە ئاران 47 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ كەنت دەرىجىلىك باشلانغۇچ مەكتەپكە كېلىپ، ياشلىقى ۋە ئەجرىنى بۇ جايغا بېغىشلىدى.
«سىلەر پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ غەربىي قىسم چېگرا رايونىغا بېرىپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، شۇ جاينىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ۋە چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا پائال رولۇڭلارنى جارى قىلدۇردىڭلار، ئۆزۈڭلارمۇ چېنىقىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇڭلار.»
بىر يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتناشقان ياشلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ كۆتۈرەڭگۈلۈك بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان روھىي قىياپىتى ۋە دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مەن بولۇشۇم كېرەك، دەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلغانلىقىنى تەرىپلىدى.
لى لېينىڭ ئېنىق ئېسىدە، جاۋاب خەت تاپشۇرۇۋالغان شۇ كۈنى «قەلبى تولۇپ تاشقان بەخت تۇيغۇسىغا چۆمگەنىدى». ئۇنىڭ تېخىمۇ ئېسىدىن چىقمايدىغىنى تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپلا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكىدە، ئۇ ۋە ئەترەت ئەزالىرىنىڭ قىپقىزىل پىدائىيلار كىيىمى كىيىپ سەھنىگە چىقىپ، باش شۇجىغا مائارىپقا ياردەم بېرىش كەچۈرمىشىنى دوكلات قىلغانلىقى بولدى.
«باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى خۇددى ماياكقا ئوخشاش، بىزنى ياشلىق يالقۇنىنى ياندۇرۇپ، ئېگىزلىكتىكى بالىلارنىڭ كىشىلىك ھايات يولىنى يورۇتۇشقا يېتەكلىدى.» «لى لېي»لار ئۈچۈن ئېيتقاندا، گۈزەل ياشلىق باھارىنى ۋەتەن زېمىنىغا پۈتۈش ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى قىزغىنلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.
ياشلىق باھارىنىڭ كۈچى، ياشلىق باھارىنىڭ مەۋج ئۇرۇشى، ياشلىق باھارىنىڭ ئىجادچانلىقى باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشى، دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ.
ئېكسكۇرسىيە - تەكشۈرۈشتە بولدى، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ تاپىلىدى، خەت ئارقىلىق غەمخورلۇق يەتكۈزدى... باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر ياشلىرىنىڭ سەمىمىي سادىقلىق بىلەن تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى، ياش پىدائىيلار ئىشلىرىغا چەكسىز غەمخورلۇق قىلدى.
قەلبتە ئېتىقاد بولسا، يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ، ئۇلۇغ دەۋرنىڭ ھەيۋەتلىك ئېقىنىدا، ياشلار بۇرچىنى قانداق ئادا قىلىشى كېرەك؟
«ھەقىقەتنىڭ تەمى ئىنتايىن شېرىن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ تۇنجى جۇڭگو تىل - يېزىقىدىكى تولۇق تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىنى كۆپ قېتىم سۆزلەپ بەرگەنىدى: 1920 - يىلى، جېجياڭ يىۋۇدىكى بىر ئوتۇنخانىدا، چېن ۋاڭداۋ ئىسىملىك ياش پۈتۈن دىققىتى بىلەن تەرجىمە قىلىۋاتقاندا، سىياھنى قارا شېكەر ئورنىدا ئىچىۋېلىپمۇ ھېچنېمىنى سەزمىگەنىدى.
توپتوغرا 100 يىلدىن كېيىن، 2020 - يىلى، فۇدەن داشۆ «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» كۆرگەزمە سارىيىنىڭ پارتىيەلىك پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى ياشلار باش شۇجىغا خەت يېزىپ، «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» روھىنىڭ سادىق ۋارىسلىرىدىن بولۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ ئىلھاملاندۇردى: «كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش ئۈچۈن، بىز غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قەتئىي ئىرادە باغلاپ جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق.»
بۈگۈنكى كۈندە، «ئۇچقۇن» نامىدىكى بۇ بىر توپ ياش پىدائىي ھەر ساھەدىكى 150 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيەچىگە مۇلازىمەت قىلىپ، 4900 مەيداندىن ئارتۇق چۈشەندۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، سىجىل مۇلازىمەت قىلىش ۋە تۆھپە قوشۇش داۋامىدا، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى بېيىتتى، شۇنداقلا ھەقىقەتنىڭ شېرىن تەمى بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى.
مول مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كېلىپ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسەتتى، بۇ، ياشلىقنىڭ باشتىن - ئاخىر ئېتىقاد بىلەن ھەمسەپەر بولغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.
پارتىيە بايرىقى قايسى تەرەپنى كۆرسەتسە، ئىتتىپاق بايرىقى شۇ تەرەپكە يۈزلىنىدۇ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، ياش پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىدا قانداق قىلغاندا يۆنىلىشنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ؟
ئىلگىرى خالىسانە ئەخلەت تېرىپ تورداشلار تەرىپىدىن «مېترودىكى ئەڭ گۈزەل قىز» دەپ تەرىپلەنگەن مېڭ سىيۈەن يەتتە يىل ئىلگىرىكى قىشتىكى ئىللىق كۆرۈنۈشنى ئۇنتۇيالمايدۇ.
2019 - يىلى 1 - ئايدا، تيەنجىندە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ خېپىڭ رايونى شىنشىڭ كوچىسىنىڭ چاۋياڭلى مەھەللىسىگە كەلدى. مەملىكەت بويىچە تۇنجى مەھەللە پىدائىيلار تەشكىلاتى بارلىققا كەلگەن جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، پىدائىيلار روھى بۇ جايدا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى.
ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار ۋەكىلى مېڭ سىيۈەن كىشىلەر توپى ئارىسىدا تۇرغان بولۇپ، مەيدىسىدىكى ئىتتىپاق ئىزنىكى چاقناپ تۇراتتى. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا مەن تولۇقسىز 3 - يىللىقتا ئوقۇيتتىم، شى بوۋام كۆپچىلىككە: پىدائىيلار ئىشلىرى <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانى بىلەن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش بىلەن ھەمسەپەر بولۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىگەنىدى، بۇنى مەن ئىزچىل قەلبىمدە چىڭ ساقلاپ كەلدىم.»
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئۇ مەكتەپ پىدائىيلار مۇلازىمىتى كۇرۇژۇكىغا كىردى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە پائال قاتناشتى؛ داشۆدە، مەھەللە تازىلىقى قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان ئوقۇغۇچى پارتىيە ئەزاسى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى...
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىمى باشتىن - ئاخىر مېڭ سىيۈەننى قەتئىي تۈردە پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى، ئۇنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى داۋامىدا ياشلىق باھارىنى تەقدىم قىلىپ، دەۋرگە يۈزكېلەلەيدىغان بولۇشقا يېتەكلىدى.
كىشىلىك ھاياتتىكى ياشلىق چاغلاردا، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ گۈزەل مەزگىلدە، غەيرەت - شىجائەتكە تولغان ياشلىق مەزگىلىدە، ياش پىدائىيلار قانداق قىلىپ شەخسىي قىممىتىنى نامايان قىلىشى، جەمئىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك؟
2007 - يىلى، دۇنيا يازلىق ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، بۇ كاتتا مەرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلۈشى، ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلۈشى، جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلۈشى.
شۇڭا، ئەينى چاغدا شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يولداش شى جىنپىڭ پىدائىيلار خىزمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەييارلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى كۆپ قېتىم ئاڭلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىنچىكە نۇقتىلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشنى بەلگىلەيدۇ»، ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى مېيىپ كىشىلەر، ھەربىر كىشىگە بىر پىدائىي سەپلەپ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.
2007 - يىلى 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، يولداش شى جىنپىڭ ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقە - مەشىق مەركىزىنىڭ يىغىن زالىغا كىردى. بىر تۈركۈم پىدائىيلارنىڭ تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىنى، ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنھەرىكەتچىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش ماھارىتىنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ سەمىمىي رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك غايىنى قەلبكە پۈكۈپ ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا، چوقۇم ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، ھاسىلاتقا ئېرىشىدۇ ھەم ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى، گۈزەل قەلبىنى نامايان قىلىدۇ».
شۇ يىلى، شاڭخەي ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 53 مىڭ پىدائىي قوبۇل قىلدى، ئىش ئورنىغا چىققانلار 40 مىڭدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى %66نى ئىگىلىدى، ئەڭ كىچىكى ئاران 18 ياشتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوچۇق رەڭلىك كىيىمىنى كىيگەندىكى ياشلىق سىيماسى، دوستانە، قىزغىن تەبەسسۇمى شەھەر ئاھالىلىرى پەخىرلىنىدىغان «شەھەر نام كارتىسى» بولۇپ قالدى.
«يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 1993 - يىلى «جۇڭگو ياش پىدائىيلار ھەرىكىتى» باشلانغاندىن بۇيان، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ياشلارنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشى، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىدىكى بىر بايراق بولۇپ قالدى، ياشلارنىڭ خەلققە ئۆزىنى بېغىشلاش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا چېنىقىپ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ قالدى.
2017 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈشكە ئۆزى يېتەكچىلىك قىلغان يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى ياشلار تەرەققىيات يىرىك پىلانى ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگو ياش پىدائىيلار ھەرىكىتى نۇقتىلىق تۈر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى؛ 2018 - يىلى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى «ياش پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ياش پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى ياشلارنى پارتىيە، ھۆكۈمەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە جەڭگىۋار قوشۇنلۇق ۋە زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە جەلپ قىلىش، ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلدى.
«تىرىشىپ ئۇلۇغ غايىگە ئىگە ئارزۇغا ئىنتىلگۈچىلەردىن بولۇش، تىرىشىپ ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇش كېرەك»! بارغانسېرى كۆپ ياشلار باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان تۆھپە قوشقۇچىلاردىن بولۇپ، ياشلىق باھارنى قاناتلىنىپ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، پىدائىيلار ئارزۇسىنى دۆلەت مۇھەببىتى بىلەن ماس قەدەمدە بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ئالغا ئىلگىرىلەشكە چاقىرىق قىلدى: «ياشلىق گۈللىرىنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇڭلار»
قانداق قىلغاندا ياشلىق باھارىغا يۈز كەلگىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا پۇشايمانسىز ياشىغىلى بولىدۇ؟
«2000 - يىللاردا تۇغۇلغان» قىزچاق شيې شياۋيۈ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھېكايىنى ئالتە يىل ئىلگىرىكى بىر قارارىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ؛ بۇنىڭ جاۋابى بىر قېتىملىق ئىللىق ئۇچرىشىشقا مۇجەسسەملەنگەن.
2020 - يىلى، ئەسىر يۇقۇمى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. ۋۇخەن دۇڭخۇ شىنچېڭ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق، ئۆيىگە قايتىپ قىشلىق تەتىل ئۆتكۈزۈۋاتقان شيې شياۋيۈ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇپ مەھەللىدىكى ئەڭ ياش پىدائىي بولۇپ، 200گە يېقىن ئائىلىلىك ئاھالە ئۈچۈن كۆكتات، دورا سېتىۋېلىش، تېز يوللانما يەتكۈزۈپ بېرىش بىلەن ئالدىراش بولدى.
ئەڭ جاپالىق پەيتتە، شيې شياۋيۈ ئۆزلىرىنى يوقلاپ كەلگەن باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۆردى.
«سىز 20 ياشقا كىردىڭىزمۇ؟» «پىدائىي بولۇش جاپالىقمىكەن؟»
مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قارا رامكىلىق كۆزەينەك تاقىغان، ساددىلىقى چىقىپ تۇرغان بۇ ياش بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.
باش شۇجىنىڭ ئىللىق كۆزلىرىگە قاراپ، شيې شياۋيۈ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلغۇم بار.»
شيې شياۋيۈنىڭ ۋۇجۇدىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر ياشلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۆردى: «ئىلگىرى بەزىلەر ئۇلارنى ئەركە بىر ئەۋلاد دېيىشەتتى، لېكىن ھازىر قارايدىغان بولساق، ئۇلار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى ئاساسىي قوشۇنغا ئايلاندى».
چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان تەرىپلەش شيې شياۋيۈنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە ئۆزىنى بېغىشلاش ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى. مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ «چىڭدەن» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، 100دىن ئارتۇق ساۋاقداشنى يېتەكلەپ چوڭ - كىچىك كوچىلاردا چېپىپ يۈرۈپ، مېھىر - مۇھەببىتى ئارقىلىق باشقىلارغا يورۇقلۇق بېغىشلىدى.
مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بولغاندىلا، ئاندىن ياشلىق باھارنى جۇلالاندۇرغىلى بولىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن خەتەردىن - ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقىچە، يەنە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بويىچە ئوقۇشقا ياردەم بېرىشكىچە... قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا، شۇ يەردە ياشلىق سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇلار ھەرىكىتى ئارقىلىق ياشلىق باھارىنىڭ كۈچىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
بەزىلەر ئاچقۇچلۇق پەيتتە قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئاتاكىدا ئالدىدا تۇردى، بەزىلەر يىراق چېگرا رايونغا باردى، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە ياراتتى.
20 نەچچە يىل، 9000 نەچچە كېچە - كۈندۈز... ئۆزىنىڭ چۆل - باياۋاندا ئۆتكەن ياشلىق چاغلىرىنى ئەسلىگىنىدە، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى جىڭ خۇيفاڭ ھەربىر كۈنىنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.
2000 - يىلى 8 - ئايدا، دۆلەتنىڭ غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، جىڭ خۇيفاڭ قاتارلىق خېبېي باۋدىڭ شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن 15 كىشى غەربىي قىسىمغا بارىدىغان پويىزغا چىقىپ، بەش كۈندۈز، تۆت كېچە يول يۈرۈپ، يول ئازابى تارتىپ چەرچەن ناھىيەسىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، تۈركۈم - تۈركۈم ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، غەربىي قىسىم تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايوندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىنى يورۇتتى، ئۈمىد بېغىشلىدى.
2014 - يىلى باھاردا، غەربىي قىسىم مائارىپىغا ياردەم بېرىش بويىچە بۇ بىر تۈركۈم ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر ۋەكىللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. خەتتە مۇنداق دېيىلدى: «بىز خۇددى ھەربىر تۈپ يۇلغۇن، ھەربىر تۈپ كېسان گۈلىگە ئوخشاش غەربىي قىسىمدا يىلتىز تارتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، جاپادىن قورقماي، ئاددىي - ساددا ئادەم بولۇپ، بىپايان تۇپراققا چەكسىز ھاياتىي كۈچ بېغىشلاشنى خالايمىز.»
شۇ يىلى 4 - ماي ياشلار بايرىمى ھارپىسىدا، ئۇلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى.
خەتتە «چوڭ دوست»لارغا خاس بىۋاسىتە تەسىرات ئىپادىلەنگەنىدى: «مەن غەربىي قىسىمدىكى رايونلاردا تۇرمۇش كەچۈرۈپ باققان، ئۇ جايلاردىكى بالىلارنىڭ بىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى، ئۇ جايلارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىمەن.»
خەتتە يەنە ياش پىدائىيلارغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدى ئىپادىلەنگەنىدى: «ياخشى ئوغۇل - قىزلار يۈكسەك ئىرادىلىك بولىدۇ، ئىرادىلىكلەر كۈرەش قىلغانلىقىدىن ئۆكۈنمەيدۇ» «ئاساسىي قاتلام ۋە خەلق ئارىسىغا بېرىپ تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىپ، ياشلىق گۈللىرىنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇڭلار».
سۆز ئىخچام، چوڭقۇر مەنىلىك بولۇپ، ئىخچام يېزىلغان خەتتە چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت نامايان بولۇپ تۇراتتى. سەمىمىي ئۈمىد جۇڭنەنخەيدىن چېگرا رايوندىكى يىراق جايغا يېتىپ بېرىپ، مائارىپقا ياردەم بېرىۋاتقان ياشلارنىڭ قەلبىگە ئورنىدى.
«باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تەلىمى مائارىپقا ياردەم بەرگۈچىلەرنىڭ تومۇرىغا خېلى بۇرۇنلا سىڭىپ كىرىپ، بىزنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئۈچ چى كېلىدىغان مۇنبەردە سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ھەربىر سائەتلىك دەرسنى ياخشى ئۆتۈشكە ئىلھاملاندۇردى» دېدى چەرچەن 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 1 - يىللىق 6 - سىنىپنىڭ مۇئاۋىن سىنىپ مۇدىرى جاڭ شياۋۋېي.
ئۇلارنىڭ ياشلىق باھارى چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت ئىچىدىكى تۆھپە قوشۇش، ئىرادە تىكلىگەندىن كېيىنكى كۈرەش قىلىشتا ئىپادىلەندى − ئۇلار تاغ - دەريالارنى يىراق كۆرمەي، دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنىلا كۆزلەپ پىدائىي بولۇشنى تاللىدى.
يېڭى دەۋردىن بۇيان، 450 مىڭدىن ئارتۇق غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى 2000دىن ئارتۇق ناھىيە(شەھەر، رايون، خوشۇن)گە بېرىپ پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى، 2025 - يىلى غەربىي قىسىم پىلانىنى يولغا قويۇش كۆلىمى 98 مىڭ كىشىگە يەتتى. ياشلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن غەربىي قىسىمغا ئاتلىنىپ، شۇ جاينىڭ مائارىپ ئىشلىرى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ قوشتى.
ياشلىقتىكى ئاتلىنىش دۆلەت ئىستراتېگىيەسى بىلەن ماس قەدەمدە بولدى؛ ياشلىق تومۇرى خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن سوقتى.
ئىلگىرى گۇيجوۋدىكى تاغلىق رايوندا مائارىپقا ياردەم بەرگەن «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» قىز ئەن يۆچىنىڭ ياشلىق ئەسلىمىسىدە ئۆمۈر بويى ئۇنتۇلمايدىغان بىر پارچە خەت بار.
2013 - يىلى، خۇاجۇڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى «بېنيۈ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»نىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ئەن يۆچى ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ نامرات تاغلىق رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ مائارىپقا ياردەم بەرگەنلىكى، ئۆيىدە قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلغانلىقى قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تونۇشى، تەسىراتىنى دوكلات قىلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى بىر ئالاھىدە ۋاقىتتا − جۇڭگو ياش پىدائىيلار ھەرىكىتى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى ۋە 28 - قېتىملىق خەلقئارا پىدائىيلار كۈنى پەيتىدە، مۇلازىمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلدى.
پىدائىيلارنىڭ خالىس ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى باش شۇجى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى: «سىلەر خېتىڭلاردا تارىخ يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۇلۇغ ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشىدىغانلىقىڭلارنى، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈپسىلەر، بۇ ناھايىتى ياخشى بوپتۇ.»
پىدائىيلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى ئىلگىرىلەش يولىغا قارىتا، باش شۇجى يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى: «سىلەرنىڭ تۆھپە قوشۇش، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت پىدائىيلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەن بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياشلىق ئارزۇسى، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.»
قۇرلار ئارىسىدىكى چىن ھېسسىيات بۇ ياش پىدائىيلارنى «ياشلىق باھارى» دېگەن سۆزگە قارىتا يېڭى چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى: خەلق بىلەن بىللە كۈرەش قىلغاندىلا، ياشلىق باھارىنى ئاندىن جۇلالاندۇرغىلى بولىدۇ؛ خەلق بىلەن بىللە ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاندىن ياشلىق باھارىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، خۇبېي داشۆدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئەن يۆچى نەزەرىنى ساقلىقنى ساقلاش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا قاراتتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ ئوقۇغۇچىلار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كوللېكتىپىدىن 20 نەچچىنى يېتەكلەپ مەھەللىلەرگە كىرىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش توغرىسىدا سۆزلەپ، بىلىمىنى جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا جۇلاللاندۇردى.
«ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ رولۇڭلارنى جارى قىلدۇرۇڭلار». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، بىپايان دالا، چەكسىز ئورمان - قارلىق دالا، تاغ - دەريا، كەڭ تۇپراقنى يورۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياش پىدائىيلىرىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تۆھپە قوشىدىغان ياشلىق ئىزلىرىغا ئويۇلدى.
كۈچنى ئۇرغۇتتى: «پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئاكتىپ كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، چىنلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىكنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك»
دوختۇرخانىلارغا كىرىپ، ئاغرىقلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، دىياگنوز قويدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى؛ كوچىلارغا چىقىپ، كىچىك ئېلانلارنى تازىلاش مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى... ئەنشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھى كانچىلىق شىركىتى چىداشەن تۆمۈر كېنىنىڭ چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل شوپۇرى شۈ پىڭشىن ئۈچۈن ئېيتقاندا، پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش خېلى بۇرۇنلا ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغانىدى.
«گو مىڭيى مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كوللېكتىپى»غا قاتناشقىنىغا خېلى يىللار بولدى، بۇ كەچۈرمىشىنى تىلغا ئالغاندا، شۈ پىڭشىن ئۈچۈن ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز بولغىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر پارچە خېتى ئىدى.
2014 - يىلى، «گو مىڭيى مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كوللېكتىپى»دىكى يولداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ «گو مىڭيىغا ئەگىشىپ لېي فېڭدىن ئۆگىنىش»تىكى ئاساسلىق نەتىجىلىرى ۋە تەسىراتلىرىنى دوكلات قىلدى.
خەتنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ «گو مىڭيى مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كوللېكتىپى»غا جاۋاب خەت قايتۇردى: «سىلەرنىڭ <گو مىڭيىغا ئەگىشىپ لېي فېڭدىن ئۆگىنىپ>، مېھىر - مۇھەببىتىڭلار ئارقىلىق ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەش داۋامىدا كىشىلىك ھايات مەنزىلىڭلارنى يۈكسەلدۈرگەنلىكىڭلارنى بىلىپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم.»
«باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان چاغدىكى ھاياجانلىق ھېسسىيات ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە.» شۈ پىڭشىن مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ باش شۇجى: <لېي فېڭ روھىنى ھەممە كىشى ئۆگىنىشى كېرەك؛ مېھىر - شەپقەت بېغىشلاش ھەممە جايدا قەدىرلىنىشى كېرەك> دەپ كۆرسەتتى، بۇ، بىزنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىمىزدىكى مۇھىم كۆرسەتمە بولۇپ قالدى».
كۆپ يىللاردىن بۇيان، پەقەت شۈ پىڭشىن تۇرۇشلۇق «گو مىڭيى مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كوللېكتىپى» ئەيشىڭ تيەنشيا شۆبە ئەترىتى قانات يايدۇرغان پىدائىيلار مۇلازىمەت تۈرىلا 30دىن ئاشتى، بۇ، مەھەللە مۇلازىمىتى، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بويىچە قان تەقدىم قىلىش، ئۆيىدە قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ تۈرتكىسىدە «گو مىڭيى مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كوللېكتىپى» سىجىل تەرەققىي قىلىپ زورايدى. بۈگۈنكى كۈندە، مەملىكەت بويىچە 1500گە يېقىن «گو مىڭيى مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كوللېكتىپى»، تەخمىنەن 2 مىليون 450 مىڭ پىدائىي بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى يېرىمىدىن كۆپرەكى ياش پىدائىيلار.
«كوللېكتىپتا ياشلار بارغانسېرى كۆپەيدى، نۇرغۇنلىرى تايانچ كۈچكە ئايلاندى. ئۇلارنىڭ كۈندە قىلىدىغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەتراپتىكى كىچىك ئىشلار. باشقىلار ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغاندا، كۆپچىلىك ياردەم قولىنى سۇنسا، كۈچ چىقارسا، پۈتكۈل جەمئىيەتتە چوقۇم قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ» دېدى ئەنشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھى گو مىڭيى مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.
پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ دائىرىسى كەڭ، ھەممە ئادەم قاتنىشالايدۇ، ھەممە جايدا قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ. ياشلىقتىكى تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەخلاق - پەزىلەتنى ئۇلۇغلاپ ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئىتتىپاق ئۆتۈپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ياش پىدائىيلار مۇلازىمىتىدە بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن.
ياشلىقتىكى تۆھپە قوشۇشتا ئىنچىكە نۇقتىلاردا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، شەخسىيەتسىز مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈش روھىنى جەمئىيەتتە تارقىتىش كېرەك.
خۇادۇڭ سىفەن داشۆسىنىڭ خەيرىيەت مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئۆيىنىڭ مال جازىسىغا تۈرلۈك ئۆگىنىش، تۇرمۇش بۇيۇملىرى تىزىلغانىدى. كىچىكى قەلەمدىن چوڭى يوتقانغىچە بار بولۇپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار كۈندىلىك ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى بۇ جايدىن ھەقسىز ئالالايدۇ.
ئالىي مەكتەپنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئاممىۋى مەنپەئەت تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇادۇڭ سىفەن داشۆسىنىڭ خەيرىيەت مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئۆيى 2005 - يىلى قۇرۇلدى. بۇ جاي ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يار - يۆلەك بولىدىغان كۆۋرۈك بەرپا قىلدى، شۇنداقلا ياش پىدائىيلارغا تۆھپە قوشىدىغان ۋە ئۆسۈپ يېتىلىدىغان ماكان ھازىرلاپ بەردى.
2007 - يىلى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئەينى چاغدا شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يولداش شى جىنپىڭ خۇادۇڭ سىفەن داشۆسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئالايىتەن خەيرىيەت مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئۆيىگە كېلىپ، ئوقۇغۇچى پىدائىيلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، كۆپچىلىكتىن بىر ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى، پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىش ھاسىلاتى قاتارلىقلارنى سورىدى.
خىزمەتچى خادىملارنىڭ مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈش ئۆيى ئەندىزىسى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ كىچىك ئۆيدە ھېس قىلغىنىم ئىللىقلىق بولدى» «بۇنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ مېھىر - مۇھەببەتنى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈش كېرەك».
«يولداش شى جىنپىڭ خەيرىيەت مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈش ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئۆز نامىدىن مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈش ئۆيىگە 400 يۈەن ئىئانە قىلدى.» شۇ چاغدىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلىگىنىدە، ئەينى يىلى تېخى ئوقۇغۇچى پىدائىي بولغان ياڭ يەنخۇڭ ھېلىھەم چەكسىز ھاياجانلىناتتى: «يولداش شى جىنپىڭ بىزنىڭ مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈش كۈچ ئۇلاش قوشۇنىمىزغا قوشۇلۇپ، بىزنى باشقىلارغا رىشتە باغلاش، قەلبىمىزگە دۇنيانى پۈكۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن نەمۇنىلىك ۋە يېتەكچىلىك رول ئوينىدى.»
يىللار تېز ئۆتمەكتە، خەيرىيەت مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈش ئۆيى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا پىدائىيلار مۇلازىمىتى روھىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن جەمئىيەتكە يۈزلىنىشكە يېتەكلىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى مەھەللە، قىزىل مەيدان - ساراي قاتارلىق سورۇنلارغا كىرىپ ئاممىۋى مەنپەئەت پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «پاسسىپ ھالدا ياردەم قوبۇل قىلىش»تىن «تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش»قا ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ياشلىقتىكى ئۆزىنى بېغىشلاشتا ئاچقۇچلۇق ئورۇنغا كۈچەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
خۇبېي شىيەن جيۇسېلۇ سۇ ئېكولوگىيەسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ يۇڭنىڭ ئېنىق ئېسىدە، 2024 - يىلى 8 - ئايدا، دەنجياڭكوۋ ئامبار رايونى ئوتتەك قىزىپ كەتكەنىدى، ئۇ مۇھىت قوغداش پىدائىيلىرى بىلەن بىرلىكتە دەريا يولىنى تازىلاۋاتاتتى. دەل شۇ چاغدا، خۇش خەۋەر يېتىپ كەلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە جاۋاب خەت قايتۇرۇپتۇ!
«كۆپچىلىك سۆزمۇسۆز، جۈملىمۇجۈملە قايتا - قايتا ئوقۇدى، بەزىلەر كۈچەپ چاۋاك چالدى، بەزىلەرنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزاردى» دېدى ۋۇ يۇڭ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، مۇھىت قوغداش پىدائىيلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، ئامبار رايونىنىڭ سۈيى تېخىمۇ سۈزۈكلەشتى، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىللاشتى، مۇھىتى تېخىمۇ گۈزەللەشتى.
«باش شۇجى بىزنىڭ چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئامباردىكى زۇمرەتتەك سۇنى قوغدىغان تىرىشچانلىقىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈردى، شۇنداقلا <پىدائىيلار مۇلازىمىتى روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئاڭلىق ھالدا سۇ مەنبەسىنى ساقلىشى، سۇنى قوغدىشى، سۇ تېجىشىگە تۈرتكە بولۇش> يېڭى تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قەلبىمىز ئىللىقلىققا تولدى، زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدۇق» دېدى ئۇ.
بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ۋۇ يۇڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ياش پىدائىي تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېكولوگىيە بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتچىسى بولۇپ، سۇ ئېكولوگىيەسى بىلىملىرىنى مەكتەپ، مەھەللە ۋە يېزا - كەنتلەرگە يەتكۈزدى. كەنت ئاھالىلىرى «تەشەببۇسكارلىق بىلەن سوراپ، تالىشىپ ئىشلەپ»، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، سۇنى قوغداشنى تەدرىجىي ھالدا كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدۈردى، ئاڭلىقلىققا ئايلاندۇردى.
يېقىندىلا، ۋۇ يۇڭ 30دىن كۆپرەك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى يېتەكلەپ «سۇ تازىلاش كىچىك تەجرىبىسى»نى ئىشلىدى. دۇغ لاي سۇنىڭ قاتلاممۇقاتلام سۈزۈلۈش ئارقىلىق سۈزۈكلەشكەنلىكىنى كۆرۈپ، بالىلار بەكلا ھەيران قېلىپ، بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: چوڭ بولغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ جايغا بېرىپ سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، سۇنى قوغداش روھىنى تەشۋىق قىلىمىز.
ياشلىقتىكى نۇر چېچىشتا دۇنيا سەھنىلىرىدە چاقناپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى پائال ياخشى سۆزلەش كېرەك.
بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، چىڭخۇا داشۆدىن كەلگەن پىدائىي لى رۇنفېڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ياشلار بىلەن بىرلىكتە سەھنىگە چىقىپ، «خەلققە ئېھتىرام بىلدۈرۈش» ھالقىسىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى.
«قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەھنىسىدە تۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى كۆرۈرمەنلەرگە زامانىمىزدىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلغانلىقىمدىن چەكسىز شەرەپ ھېس قىلىمەن» دېدى لى رۇنفېڭ.
2021 - يىلى 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخۇا داشۆگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. لى رۇنفېڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىلى سۈپىتىدە دوكلات بەردى.
ئەينى چاغدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: «بىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەش داۋامىدا قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىش، دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالغاندا ھەرىكەتنى سۆزدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەش جەريانىدا زور ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش كېرەك.»
2022 - يىلى 1 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە، ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن پىدائىيلارغا چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «سىلەر بۇنىڭغا قاتنىشىپ گەرچە جاپا تارتساڭلارمۇ، ئەمما شەرەپ، ئىپتىخارلىق ھەم بەخت ھېس قىلىسىلەر. ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارغا قەدىمىي ھەم زامانىۋى بېيجىڭنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارغا جۇڭگو خەلقىنىڭ قىزغىن، مېھماندوست ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇڭلار، بۇ بىر ئۇنتۇلغۇسىز كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشىڭلار بولۇپ قالىدۇ.»
قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى جىددىي ماقالە تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، جۇڭگو قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھېكايىلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولدى؛ جۇڭگو قانۇن ئىلمى جەمئىيىتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىدە پىراكتىكا قىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياردەملەشتى؛ چىڭخۇا داشۆ ئاسپىرانتلار مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۆمىكىگە قاتنىشىپ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ مائارىپقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى... لى رۇنفېڭ باش شۇجىنىڭ سۆزىنى قەلبىدە چىڭ ساقلاپ، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈردى.
پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالساق، ياش پىدائىيلار خېلى بۇرۇنلا جانلىق «جۇڭگو نام كارتىسى»غا ئايلاندى.
ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىكى «شياۋيېزى» پىدائىيلىرىدىن خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى «شياۋچىڭخې» پىدائىيلىرىغىچە، ئۇلار خەلقئارالىق كۆرگەزمە، مۇسابىقىلەردە سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، يىراقتىن كەلگەن ھەرقايسى دۆلەتتىكى مېھمانلار، دوستلارغا جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىدى.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەت ۋە رايونلاردىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپپاراتىغىچە، «جۇڭگو ياش پىدائىيلىرى چەت ئەل مۇلازىمەت پىلانى» بويىچە چەت ئەلگە جەمئىي 900دىن ئارتۇق ياش پىدائىي ئەۋەتىلدى، چوڭقۇر دۆلەت مۇھەببىتى ۋە كەڭ خەلقئارا نەزەرگە ئىگە بىر تۈركۈم ياش پىدائىيلار ۋەكىللىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى قوشتى.
«ياشلار خۇددى تۇپراقتا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان كۆچەتكە ئوخشايدۇ، ھامان بىر كۈنى ئاسمانغا تاقاشقۇدەك چوڭ دەرەخكە ئايلىنىپ، زېمىنغا تىرەك بولىدۇ. ياشلار يەنە خۇددى ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا ئوخشاش، ئۈزلۈكسىز ئېنېرگىيە توپلاپ، ھامان بىر كۈنى نۇر ۋە ھارارىتىنى زېمىنغا تارقىتىدۇ.»
باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ياش پىدائىي «كىچىك مەن»نى «كۆپچىلىك»كە يۇغۇرۇپ، ياشلىقتىكى ئۆزىنى بېغىشلاش، ياشلىقتىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، ياشلىقتىكى تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ياشلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئۇزاق ھەم چوڭقۇر ئىللىق كۈچ بېغىشلايدۇ.
(مۇخبىرلار شى يۈسېن، ۋاڭ پېڭ، ۋاڭ مىڭيۈ، خۇ مېڭشۆ)
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)






