سۈرەت ۋە سىن ئارقىلىق ھەممە خاتىرىلىنىپ ئامبار بېيىتىلدى، نەشر ھوقۇقى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈلۈپ يېڭى قۇۋۋەت قوشۇلدى
شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى سۈرەتلەر ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلىدى

خوتەن يۈدۇ مەدەنىيەت - ساياھەت چەكلىك شىركىتىنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى گۈلمىرە نۇرمەمەت: چىن قەلب بىلەن خوتەن ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمەن (4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تارتىلغان).□شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى

ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىنىڭ ياڭماۋگۇڭ بازىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مايسا يېتىشتۈرۈش زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى يىن يەن: تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بىزنىڭ گۈرۈچلىرىمىزنى يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش مېنىڭ ئەڭ زور خۇشاللىقىم (4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تارتىلغان). □سۈن جېنسۇڭ فوتوسى

جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تارىم نېفىتلىك شىركىتى جەنۇبىي بۈگۈر تەبىئىي گاز چوڭقۇر بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشى ئېتان يىغىۋېلىش زاۋۇتىنىڭ پرىبور خادىمى جوۋ شىن: زاۋۇتنىڭ پات ئارىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، بەك خۇشال بولدۇم ( 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تارتىلغان). □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

ئۇلۇغچات ناھىيەسى جىڭدۇڭ يېزا - بازار مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ تېز يەتكۈزگۈچىسى دىلمۇرات تۇرغۇن: بوران - چاپقۇنغا قارىماي، ھەربىر پوسۇلكىنى دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم (4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تارتىلغان). □گۇ چېڭلىڭ فوتوسى

تيېمېنگۇەن شەھىرى يىشياڭ ئۆي - جاي مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئىشچىسى ليۇ شاڭرېن: كوچىنى پاك - پاكىز تازىلىسام، كۆڭلۈم ناھايىتى ئازادە بولۇپ قالىدۇ ( 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تارتىلغان). □شيې جياڭلىن فوتوسى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ
ئۇسسۇلدىكى جانلىقلىق، چۇەنجۈ تىياتىرى چىراي ئۆزگەرتىش ماھارىتىدىكى قالتىسلىق ھەمدە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم... شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) «كۆرۈش سېزىمىدىكى شىنجاڭ» ئاممىۋى سۇپىسى يوللىغان «ھال سوراش ئويۇنى ئىش ئورنىدا قويۇلدى، بىرىنچى سەپتىكى ئەمگەكچىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى» ناملىق سۈرەت، يېزىقلىق ماقالە ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى خېيجياشەن كوچا باشقارمىسىنىڭ «1 - ماي»نى كۈتۈۋېلىش بويىچە ھال سوراش پائالىيىتىدىكى قاينام - تاشقىنلىق مەنزىرىنى تورداشلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئېنىق نامايان قىلىپ، قىسقىغىنا بىر كۈندىلا ئىنتايىن ئالقىشلاندى ۋە زور مىقداردا كۆچۈرۈپ تارقىتىلدى. «سۈرەتلەر ھۆكۈمەت تەرەپ تاراتقۇلىرىغا كىرگۈزۈلۈپ، بىردىنلا نوپۇزغا ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە بولدى» دېدى خېيجياشەن كوچا باشقارمىسى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ما يىمىڭ ھاياجانلانغان ھالدا.
2025 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش بويىچە نۇقتىلىق تۈرى − قىممەتلىك تارىخىي سۈرەتلەرنى رەقەملەشتۈرۈپ قۇتقۇزۇپ قايتا پايدىلىنىش ھەم شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى قۇرۇلۇشى تۈرى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلغان شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى رەسمىي تورغا چىقىرىلىپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى رەقەملەشتۈرۈپ ساقلاش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئىزدەپ تېپىش، بازارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش بىر گەۋدىلەشكەن كۆرۈش سېزىمى بايلىقى سۇپىسىغا ئايلاندى. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) باشتىن - ئاخىر «سۈرەت - سىن بايلىقىنى جانلاندۇرۇش، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش»نى ئەسلىي مەقسەت قىلىپ، شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئىلمىي باشقۇرۇپ، ئۇنى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەم يىللار ئەسلىمىلىرىنى ساقلاپ قالدى، ھەم تەرەققىيات كۈچىنى مۇجەسسەملىدى. شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى بايلىقىغا تايىنىپ ئېچىلغان كۆرۈش سېزىمىدىكى شىنجاڭ، شىنجاڭ سۈرەت - سىن تەزكىرىسى، شىنجاڭ سۈرەت - سىن تەزكىرىسى . كۈندىلىك سۈرەت كالېندارى، شىنجاڭ ئەسلىمىلىرى قاتارلىق سۇپا ۋە سەھىپىلەر ئارقىلىق تەشۋىقات سېپى شەكىللەندۈرۈلۈپ، «كامېرا ئارقىلىق دەۋر مەنزىرىسى خاتىرىلەندى، سۈرەت ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسى بايان قىلىندى».
بازارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى قېلىپلاشقان، ئاشكارا بولغان نەشر ھوقۇقى سودا سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كېلىشىم ئىمزالىغان فوتوگرافلار، كەڭ سۈرەتكە ئالغۇچىلارنى ئەسەر ھوقۇقى بېرىش، سودا ئىشلىرىغا ئىشلىتىش، پايدىنى راسچوت قىلىش قاتارلىق پۈتۈن جەريانلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، مۇنەۋۋەر سۈرەت - سىن ئەسەرلىرىنىڭ تارقىتىلىش قىممىتىنى ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجادىيەتچىلەر ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نەشر ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادىي نەپكە ئېرىشىپ، «ئىجادىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، ئەسەرنىڭ قىممىتى بولۇش» ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭنى خاتىرىلەش، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىشقا قاتنىشىش قىزغىنلىقى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلدى.
نۆۋەتتە، شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى 70 مىڭ پارچە قىممەتلىك تارىخىي سۈرەت نېگاتىۋىغا رەقەملەشتۈرۈپ تەسۋىر كۆچۈرۈش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇچۇر بەلگىسى سېلىشنى تاماملىدى ھەم سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، 700 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق سۈرەتنى سانلىق مەلۇماتلاشتۇرۇپ بەلگە سېلىپ ئامبارغا كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. «بۇ قىممەتلىك سۈرەت ۋە سىنلار كىشىلەرگە شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرالايدۇ، كىشىلەرنى ئىلگىرىكىگە نەزەر سېلىش، ئەجدادلارنىڭ تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاش بىلەن بىللە، بۇ مەزگىلدىكى تارىخنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كۆپچىلىكنى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ» دېدى شىنجاڭ ئاخبارات فوتو سۈرەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شېن چياۋ.
تورغا چىقىرىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرىنىڭ سىغىمى سىجىل ئاشۇرۇلۇپ، سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى، تەسىر كۈچى كېڭەيدى. 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، 2026 «شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش» چوڭ تىپتىكى زىيارەت پائالىيىتىدە پۈتۈن مەملىكەتتىن بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش ماھىرلىرى قوبۇل قىلىندى. بۇ پائالىيەتنى شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈملىرى بىلەن بىرلىكتە ئورتاق ئالغا سىلجىتىدۇ. بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش زىيارەت كوللېكتىپى مۇددەتكە بۆلۈپ پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى زور مىقداردىكى يېڭى، جانلىق سۈرەت، سىنلارنى سۈرەتكە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر سۈرەت - سىن ئەسەرلىرى شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرىنىڭ ساقلانما بايلىقىنى تولۇقلايدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجادىيەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ نەشر ھوقۇقى سودىسى ۋە كۆرگەزمە پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى فوتوگراف، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىللىق ئائىلىسىگە ئايلانماقتا. نۆۋەتتە، كېلىشىم ئىمزالىغان فوتوگراف 1000دىن ئاشتى، ئىختىيارىي سۈرەتكە تارتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق ھەرقايسى جايلاردىن 1000دىن ئارتۇق سۈرەتكە ئالغۇچى توپلاندى، كەلگۈسىدە شىنجاڭ سۈرەتكە ئالغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپ 10 مىڭ كىشىدىن ئاشىدۇ. سۇپىنىڭ سىجىل مۇكەممەللىشىۋاتقان نەشر ھوقۇقى تىجارىتى مېخانىزمى تېخىمۇ كۆپ ئاساسىي قاتلام ئىجادىيەتچىلىرىنى سۈرەت - سىن تارقىتىش ۋە نەشر ھوقۇقىدىن نەپ ئېلىش پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرىدۇ.
5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرىدا «ۋاقىتنىڭ ھېكايىسى» ناملىق يېڭى سەھىپە ئېچىلىپ، سۇپىدىكى قىممەتلىك تارىخىي سۈرەتلەر ئىنچىكە تاللىنىپ، سۈرەتكە ئالغۇچىلار ئېكرانغا چىقىپ، سۈرەتلەرنىڭ ئارقىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى بايان قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى، قىسقا سىن شەكلى ئارقىلىق كونا سۈرەتلەرنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلۇپ، سۈرەت - سىن بايلىقىنى جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىش يولى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، داۋاملىق تۈردە سۈرەت ۋە سىن ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى خاتىرىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقنىڭ گۈزەللىكى ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.
«ئىختىيارىي سۈرەتكە تارتىش» قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى بىلەن ئالاقىلىشىش يولى بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، خېيجياشەن كوچا باشقارمىسىنىڭ نۇرغۇن پائالىيەتلىرى تېخىمۇ چوڭ سۇپا ئارقىلىق كەڭ تەشۋىق قىلىندى. ھازىر، بۇ كوچا باشقارمىسى تەۋەلىكتىكى 100 «چولپان»نى سۈرەتكە ئېلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ، بۇ، تازىلىق ئىشچىلىرى، سودىگەرلەر، مەھەللە كادىرلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «بىز ئەڭ ئاددىي كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق، ئەڭ ھەقىقىي تۇرمۇش كەيپىياتىنى گەۋدىلەندۈرمەكچى» دېدى ما يىمىڭ. شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى بۇ ئەسەرلەرنى نامايان قىلىش سەھنىسى ۋە نەشر ھوقۇقى تىجارىتى مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە چۈشەندۈرىدۇ.






