− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«ئاساس تەتقىقات پۈتكۈل ئىلىم - پەن سىستېمىسىنىڭ مەنبەسى، بارلىق تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ يادرولۇق ئاچقۇچى.» ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى جىددىي تەلەپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول.
4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساس تەتقىقاتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىسلارنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: «تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك».
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساس تەتقىقاتقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساس تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشتىكى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاساس تەتقىقاتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، ئاساس تەتقىقاتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئۇسۇلى ۋە يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساس تەتقىقات سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى.
يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشتىن قارىغاندا، «دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى پىروگراممىسى» «گوۋۇيۈەننىڭ ئۇل پەن تەتقىقاتنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكرى» ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن، مەركىزىي كومىتېت پەن - تېخنىكا كومىتېتى قۇرۇلۇپ، پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك، يۆنىلىش خاراكتېرلىك، ئومۇملۇق خاراكتېرلىك زور مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلىشقىچە، يەنە يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، دۆلەت تەجرىبىخانىسى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكىچە، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاساس تەتقىقاتنىڭ كۈچلۈك ئۈنۈمىگە ئايلاندى.
سېلىنما كاپالىتىدىن قارىغاندا، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساس تەتقىقات خىراجىتى سىجىل ئېشىپ، 2025 - يىلى 277 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %11.1 ئاشتى، ئاساس تەتقىقات سېلىنمىسىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تۇنجى قېتىم %7تىن ئاشتى. كۆپ خىل سېلىنما ئەندىزىسى «نۆلدىن بىرگىچە» بولغان تېخىمۇ كۆپ بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ «سۈرئىتىنى تېزلەتتى».
بۈگۈنكى جۇڭگو تېز يۈكسىلىپ دۇنيا بويىچە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم بىر قۇتۇپقا ئايلاندى. كىۋانت پەن - تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە قوللىنىشتا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى، كاربون تۆت ئوكسىدى سۈنئىي ئۇسۇلدا كىراخمال قىلىپ بىرىكتۈرۈلۈپ «تېخنىكىلىق يارىتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تولۇق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك توكاماك يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى تەجرىبە قۇرۇلمىسى دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىدى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ مودېل دۇنيانىڭ ئوچۇق كود ئېكولوگىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلدى... دەل پەن تەتقىقات ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، سېلىنما كاپالىتىنى زورايتىش، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ پايدىسىدىن ئاساسىي ئالدىنقى سەپ يۆنىلىشىدىكى مۇھىم ئەسلىي ئىجادىي نەتىجىلەر سىجىل مەيدانغا كېلىپ، كىشىلەرنى روھلاندۇرۇپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىپ، بىزنىڭ ئاساس تەتقىقاتنى ئىزچىل كۈچەيتىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتتى.
ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ئاساس تەتقىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ سىياسىي كاپالىتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۈزۈپ بەرگەن ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئاساس تەتقىقاتنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم رولىنى ئىگىلەپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتكەندە، پەن - تېخنىكا جان تومۇرى ۋە تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتالايمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پەن - تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرەك قىلىشقا تايىنىش كېرەك». پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا 2035 - يىلىغا بارغاندا پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىن 15 يىل بۇرۇن بولۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باشلامچىلىق ئورنى ۋە تۈپ تىرەكلىك رولى گەۋدىلەندۈرۈلدى. «ئۇل پۇختا سېلىنسا، پەن - تېخنىكا ئىشلىرى سارىيىنى ئاندىن ئېگىز سالغىلى بولىدۇ». بىز قۇرۇپ چىقىدىغان پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى جەزمەن كۈچلۈك ئاساس تەتقىقات ۋە دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، مۇھىم ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى سىجىل بارلىققا كەلتۈرۈشى كېرەك.
«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا مەۋقە ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قويۇلۇپ، ئاساس تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يېڭى مۇساپىدە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «تۆتكە يۈزلىنىش» ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل كۈچەپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش جەھەتتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ تۇتقاندا، ئاندىن پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىغىلى بولىدۇ.
يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئارقىدا قالغان، بوزەك بولىدىغان پاسسىپ ۋەزىيەت ئۆزگەرتىلدى، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، تارىخ شۇنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدىكى، كىم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى چىڭ تۇتسا، شۇ يۈز يىللىق ئۆزگىرىشتە پۇرسەتنى ئىگىلىيەلەيدۇ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. ھازىر، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا پەقەت توققۇز يىللا ۋاقىت قالدى، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، بۇرچ زىممىمىزدە. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان غەيرەت، بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان شىجائەت بىلەن، ھەقىقىي تۈردە ئاساس تەتقىقات خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ بېكىتىلگەن نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)






