تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«شان - شەرەپ ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ، بەخت ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ»

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەمگەكچىلەر بىلەن بىللە بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەر

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

ئەمگەك بارلىق بەختنىڭ مەنبەسى؛ ئەمگەكچىلەر گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ياراتقۇچىلىرى، قوغدىغۇچىلىرى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەمگەك ئىجادىيىتىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مەدھىيەلەپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇردى، بىرىنچى سەپتىكى ئەمگەكچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە كۆيۈنۈپ، كەڭ ئەمگەكچى خەلق بىلەن بىر سەپتە تۇردى، بىرلىكتە ئويلىدى، بىرلىكتە ئىشلىدى.

بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى. «1 - ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، كەڭ ئەمگەكچى ئامما پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجاد قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

«شان - شەرەپ ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ، بەخت ئەمگەكچىلەرگە مەنسۇپ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى يۈز مىليونلىغان ئەمگەكچىلەرنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە ئەمگەك ئارقىلىق يېڭى شان - شەرەپلەرنى پۈتۈشكە ئىلھاملاندۇرماقتا.

«بىزنىڭ يىلتىزىمىز ئەمگەكچى خەلق ئارىسىدا»

«بۇ دۇنيادىكى بارلىق بەخت جاپاغا چىداپ ئەمگەك قىلىشقا تايىنىپ يارىتىلىدۇ.» 2012 - يىلى 11 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان باش شۇجىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە شۇنداق دېدى.

چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان بۇ سۆزلەرنىڭ ۋەزنى زور بولۇپ، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ ئەمگەكچىلەرگە خاس خىسلىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

بۇ يىل 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، بېيجىڭ باھار نۇرىغا چۆمدى، چاڭپىڭ رايونىنىڭ بەيشەن بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن پايتەختنىڭ خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، گۈرجەك بىلەن توپا ئۇستى، توپا يۆلەپ قىر چىقاردى، سۇ ئەكىلىپ سۇغاردى... باش شۇجى شى جىنپىڭ كادىرلار، ئامما، پىيونېرلار بىلەن بىرلىكتە قىزىل قوۋزاقلىق قارىغاي، بېيجىڭ مودەنگۈلى، يۈيېمېي، دۇجۇڭ، يۈەنباۋفېڭ قاتارلىق كۆپلىگەن كۆچەتلەرنى تىكتى.

بىر دانە گۈرجەك ئارقىلىق يېڭى توپا يۆلىدى، بىر دانە ئوتىغۇچ ئەسلىي مەقسەتنى جۇلالاندۇردى.

30 نەچچە يىل ئىلگىرىكى 1989 - يىلى، ئەينى چاغدا فۇجيەن نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان يولداش شى جىنپىڭ ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى كادىرلارنى باشلاپ خالىسانە ئەمگەككە قاتناشتى. بىر پارچە كونا سۈرەتتە، ئۇ مۈرىسىگە ئوتىغۇچنى ئېلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ھالدا ئېتىز قىرىدا كېتىۋاتاتتى.

1969 - يىلى 1 - ئايدا، 16 ياشقا توشمىغان شى جىنپىڭ سېرىق توپىلىق ئېگىزلىككە جايلاشقان شەنشى يەنچۇەن ناھىيەسىنىڭ ۋېنئەنيى گۇڭشېسى لياڭجياخې دادۈيىگە كېلىپ ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىگە قاتناشتى. يەر تېرىش، كۆمۈر توشۇش، توسما ياساش، قىغ توشۇش... لياڭجياخېدا، شى جىنپىڭ يۇرتداشلار بىلەن سەمىمىي ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇپ، جاپالىق تۇرمۇشنىڭ تاۋلىشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدى.

ئاشۇ يىللارنى ئەسلەپ، يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۆزۈمگە قويغان ئەڭ مۇھىم تەلىپىم <جاپانى ئۆزۈم ئىزدەپ تېپىش>».

سېرىق تۇپراقتىكى كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىدىن سەلتەنەتلىك چوڭ دۆلەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇشقىچە، بۇ جەرياندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر ئەمگەكچى بولدى، باشتىن - ئاخىر ئەمگەكچى خەلققە بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ كەلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەدىمى مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىغا يېتىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بىللە ئەمگەك قىلغان نۇرغۇن سىيماسى قالدى −

جياڭشى جىڭگاڭشەندە، قولىغا ياغاچ توقماق ئېلىپ، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە سىبا سوقتى، ياغاچ توقماقتىن چىققان ئاۋاز بېيىش ئۈمىدىنى ياڭراتتى؛ سىچۇەن ۋېنچۇەندە، تۈگمەن تېشىنى ئايلاندۇرۇپ، ئامما بىلەن بىللە دۇفۇ قېتىقى ئۇيۇتۇپ، كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىلەك كۈچىنى ناھايىتى چېنىقتۇرغىلى بولىدىكەن، ھەقىقەتەن قانچە ئايلاندۇرغانسېرى غەيرەت شۇنچە ئاشىدىكەن»؛ گۇيجوۋ بىجيېدە، مياۋزۇ يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە خۇاڭبا تۈگۈپ، ئۆز قولى بىلەن شېرىن تەم ۋە ئۈمىدنى ئوراپ چىقتى...

ئۇنىڭ ھەربىر سۆز - ھەرىكىتىدە ئىچ - ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان سەمىمىي خىسلەت نامايان بولۇپ تۇرىدۇ، يىللار ئۆتسىمۇ ئۆزگەرمەيدىغان خەلقچىل ھېسسىيات ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ.

2019 - يىلى 8 - ئايدا، گەنسۇ گۇلاڭ ناھىيەسىنىڭ بابۇشا ئورمانچىلىق مەيدانى بىر ئالاھىدە «قۇم تىزگىنلىگۈچى»نى كۈتۈۋالدى.

شۇ چاغدا، ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى بىر قانچە ئىشچى - خىزمەتچى «ئوت - چۆپ كاتەكچىسى ئارقىلىق قۇم باستۇرۇش» مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېرىپ، ئۇلاردىن مەشغۇلات ئۇسۇلىنى سوراپ، چۆنەك ئېچىش ساپىنىنى قولىغا ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلەشكە باشلىدى.

باش شۇجى ئۇلارغا مۇنداق دېدى: بابۇشا ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى «ئالتە بوۋاي»نىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى بۇرۇنلا ھەممە ئادەم بىلىدۇ، يېڭى دەۋر «ئالتە بوۋاي»غا ئوخشاش بۇنداق ھازىرقى زاماندىكى تېخىمۇ كۆپ يۈگۇڭلارغا، تېخىمۇ كۆپ دەۋر نەمۇنىچىلىرىگە ئېھتىياجلىق.

بىر تەرەپتىن پاراڭلاشقاچ، بىر تەرەپتىن ساپان سېلىپ، ھەرىكەتنى بىر يولىلا تاماملىدى. بىردەمدىلا، ئىككى مېتىردىن ئارتۇق ئۇزۇنلۇقتىكى تۈز چۆنەك قۇم يەردە ئېچىلدى. ئىشچى - خىزمەتچىلەر: قاراشتىنلا باش شۇجىنىڭ «ئىشقا پىششىق» ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدىكەن، دېيىشتى.

جياڭخەن تۈزلەڭلىكى، خۇبېينىڭ جيايۈ ناھىيەسى پەنجياۋەن بازىرى. 2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ بىر كۈنى، كۆكتاتچى دېھقان يې شياڭسۇڭ ئون چاقىرىملىق كۆكتات كارىدورىدا ئالدىراش ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېتىز قىرىنى بويلاپ كۆكتاتلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ، كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قاراشتىنلا ھوسۇل ياخشى بولىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ!» ياش ۋاقتىدا دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ باققاچقا، باش شۇجى كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش مەزگىلىنى تەپسىلىي سورىدى، يىغىش - ساقلاش ئەھۋالىنى سورىدى، سېتىلىش مىقدارى ۋە باھاسىنى سورىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: «دېھقانلاردىن ئىبارەت بۇ بىر تەرەپنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، دېھقانلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك».

مېڭىش ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرىگىنىچە ئالدىغا بېرىپ قولىنى سۇندى. لاۋيې ئالدىغا بىر قەدەم ئېلىپ، باش شۇجىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتتى.

بوخەي دېڭىزى ساھىلى، شەندۇڭ دۇڭيىڭدىكى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزى. 2021 - يىلى 10 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايدا تەكشۈرۈشتە بولدى، بىر ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىغا كىرىپ، ئېڭىشىپ تۇرۇپ بىر تال سەي پۇرچاقنى ئۈزۈپ، سىيرىپ پۇرچىقىنى چىقىرىپ، سۈپىتىنى ئىنچىكە كۆزەتتى، بىر تال چوڭ پۇرچاقنى ئاغزىغا سېلىپ، ئالدىرىماي چايناپ: «پۇرچاق ناھايىتى ياخشى ئۆسۈپتۇ» دېدى.

بىر چەتتە تۇرغان دېھقانچىلىق تېخنىكا مەسئۇلى ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «بۇ پېشقەدەم دېھقانلارغا خاس ھەرىكەت».

2013 - يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە باھار بايرىمى ھارپىسى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭ مېتروسىنىڭ 8 - لىنىيە قۇرۇلۇش ئورنىغا كېلىپ بىرىنچى سەپتىكى ئەمگەكچىلەرنى يوقلىدى. تار شوتىنى بويلاپ 20 نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستى مەشغۇلات سۇپىسىغا چۈشۈپ، باش شۇجى كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «ئاممىۋى قاتناشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش زامانىۋى شەھەر تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى.» بۇ بىر جۈملە سۆزنى نەق مەيداندىكى لى ۋېيچۇەن ئىسىملىك ياش بىر ئۆلچەش خادىمى ئېسىدە مەھكەم ساقلىۋالدى.

ئون نەچچە يىلدىن كېيىن، جۇڭگو تۆمۈريولى 14 - ئىدارىسىنىڭ تۈر ئۆلچەش مەسئۇلى بولغان لى ۋېيچۇەن كوللېكتىپنى باشلاپ مىللىمېتىر دەرىجىدىكى ئېنىقلىقتا تىزگىنلىنىدىغان تونېل قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى: «بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ھەربىر مىللىمېتىردىكى سانلىق مەلۇماتتا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.»

2019 - يىلى 2 - ئاي دېھقانلار كالېندارى بويىچە باھار بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا، بېيجىڭ چيەنمېندىكى شىتوۋ خۇتۇڭ تېز يەتكۈزۈش نۇقتىسىدا، ليۇ كو ۋە خىزمەتداشلىرى ئۆزلىرىنى يوقلاپ كەلگەن باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى.

كۆپچىلىكنىڭ باھار بايرىمى ھارپىسىدا ئاندىن ئۆيىگە قايتالايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى مۇنداق دېدى: «تېز يەتكۈزگۈچى»لەرنىڭ خىزمىتى ناھايىتى جاپالىق، سەھەر تۇرۇپ كەچ قايتىدۇ، ئۇلارنى بوران - چاپقۇنمۇ توسۇيالمايدۇ، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلار خۇددى ئىشچان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاش ئەڭ تىرىشچان ئەمگەكچىلەر بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق ئېلىپ كەلدى.

مۇشۇ يىللاردا، ليۇ كو شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»دا تېخىمۇ تىرىشىپ تېز ئىلگىرىلىمەكتە.

2013 - يىلى 11 - ئاينىڭ بىر كۈنى، شەندۇڭ جىنەن شەھىرىنىڭ سىرتتىن كەلگەن ئىشلىگۈچىلەر ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزىدە ئادەم كۆپ ئىدى. تەكشۈرۈشتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆزنەك ئورۇندىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە ئىش بېجىرگىلى كەلگەن دېھقان ئىشلەمچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئائىلە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر توپ «خۇش چىراي ھەدە»لەر چۆرىدەپ كېلىپ باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى.

«دەسلەپتە، مەن بۇ خىزمەتنى ئىشلىگەندە سەل ئەندىشە قىلغانىدىم، لېكىن باش شۇجى <ئائىلە مۇلازىمەت ئىشلىرىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق> دېدى، بۇ مېنىڭ قەلبىمنى بىردىنلا ئىللىتتى.» «خۇش چىراي ھەدە» كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى جو چاڭلىنىڭ ئېنىق ئېسىدە، «مېڭىش ئالدىدا، باش شۇجى پەلەمپەيدىن چۈشۈپ بولغان بولسىمۇ، يەنە ئالايىتەن كەينىگە بۇرۇلۇپ بىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، يەنە ماڭا ئاچا - سىڭىللارغا خىزمەتنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشنى تاپىلىدى.»

2018 - يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، جو چاڭلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنە بىر قېتىم باش شۇجى شى جىنپىڭغا «خۇش چىراي ھەدە»نىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى يۈزتۇرا دوكلات قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، باش شۇجىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، «خۇش چىراي ھەدە» جىنەندىن پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ، نەچچە ئونمىڭ كىشىنى ئائىلە مۇلازىمىتى قوشۇنىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدىكى ئەمگەكچىلەرنى قەلبىگە پۈكۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەربىر تىرىشچانلىقىنى قەدىرلىدى: قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، دېھقان ئىشلەمچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، «دېھقان ئىشلەمچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈش، تېخىمۇ كۆپ كۆيۈنۈش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛ تاكسى يولۇچى توشۇش شىركىتىدە، «ئەر تاكسى شوپۇرى» «ئايال تاكسى شوپۇرى»لىرىدىن باھار بايرىمىدا تاكسىغا ئولتۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى سورىدى؛ تازىلىق پونكىتىدا، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنى شەھەرنىڭ «ھۆسن تۈزىگۈچى»سى دەپ تەرىپلىدى...

ئاددىي سۆزلەر، ئۆزگەرمەس چوڭقۇر ھېسسىيات كەڭ ئەمگەكچىلەرگە ھەسسىلەپ ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى ۋە ئۇلارنى روھلاندۇردى.

«پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ھۆرمەتلەش، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك»

«ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر خەلقنىڭ ئۈلگىسى، دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى».

2025 - يىلى «1 - ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى ھارپىسىدا، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇزاقتىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دەۋرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتا ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.

جۇڭگو يولىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر باشتىن - ئاخىر دەۋر كەيپىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كۈرەش قىلىشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

«50 - يىللاردا يولداش لياڭ جۈن، يولداش شېن جىلەندەك ئۈلگىلەر بار؛ 60 - يىللاردا يولداش گو فېڭليەندەك ئۈلگىلەر بار؛ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن كېيىن يولداش يۈەن لۇڭپىڭ، يولداش لۇ گۇەنچيۇدەك ئۈلگىلەر بار؛ يەنە يېڭى دەۋردىكى ئۈلگىلەر بار».

بۇ، بىر قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىختىيارسىز تىلغا ئالغان بىر قاتار ئىسىملار بولۇپ، ئۇلار زامان - ماكاندىن ھالقىپ، كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ يىلنامە تارىخىنى پۈتتى.

2013 - يىلى 4 - ئاينىڭ ئاخىرى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئورگىنىنىڭ بىر ئادەتتىكى يىغىن زالىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن، ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىن كەلگەن، ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىلدىكى 65 نەپەر ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋەكىلى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ سىرداشتى. باش شۇجى مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنى كۆرۈپ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا بولغان ھۆرمىتىم ئاشتى، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىش، ئەمگەكنى ھۆرمەتلەش ھېسسىياتىم تەبىئىي ئۇرغۇپ چىقتى».

لياڭ جۈن يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ئايال تىراكتورچى، شۇنداقلا 3 - يۈرۈش خەلق پۇلىدىكى ئايال تىراكتورچىنىڭ ئەسلىي تىپى.

«مەن 1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، 1950 - يىلى، ئەينى چاغدا ئەمدىلا 21 ياشتا ئىدىم. مەن نېمە ئۈچۈن ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولدۇم؟ مېنىڭ ئارزۇيۇم شىمالدىكى چوڭ ئاشلىق ئامبىرى قۇرۇش ئىدى، ھازىر بۇ ئارزۇيۇم ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى» دېدى شۇ يىلى 84 ياشقا كىرگەن لياڭ جۈن.

لياڭ جۈن ئىلگىرى شىمالدىكى چوڭ قاقاسلىقتا بوز يەر ئاچقان. موماي ھاياجانلانغان ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىر خېيلۇڭجياڭ مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئاشلىق ئامبىرى. ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ ئۇدا توققۇز يىل ئېشىشىدا بىزنىڭ بىر ئۈلۈش تۆھپىمىز بار، باش شۇجىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خېيلۇڭجياڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇشىنى قارشى ئالىمىز».

«مەن ئىزچىل ئۈچ دەريا تۈزلەڭلىكىنى كۆرۈشكە تەييارلىق قىلىپ كەلگەنىدىم، كېيىن چوقۇم بارىمەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مومايغا قاراپ مۇنداق دېدى: «سىزنىڭ ئىش ئىزلىرىڭىزنى بىز بۇ ياشتىكىلەرنىڭ ھەممىمىز بىلىمىز. جۇڭگودىكى تۇنجى ئايال تىراكتورچى، سىز بەك قالتىس».

باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا ئىزچىل ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتتىن ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ھۆرمەتلەش، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا كۆيۈنۈشنى تەلەپ قىلدى.

2017 - يىلى مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى 90 نەچچە ياشلىق ئاكادېمىك خۇاڭ شۈخۇانى يېنىغا تارتىپ، كۈلۈمسىرىگىنىچە بوۋاينى يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى؛

2021 - يىلى مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان شيا سېن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ تەقدىرلەش گۇۋاھنامىسىنى ئالماقچى بولغاندا، باش شۇجى ئۇنىڭ مۈرىسىگە يېنىك ئۇرۇپ قويۇپ، ئېڭىشىپ تۇرۇپ ئىككى قوللاپ گۇۋاھنامىنى ئۇنىڭغا بەردى؛

2021 - يىلى «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىلغاندا، باش شۇجى قۇم تىزگىنلەش قەھرىمانى شى گۇاڭيىننىڭ يىرىك قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ نەچچە ئون يىلدا سىلەر ھەقىقەتەنمۇ جاپا تارتتىڭلار».

...

ئۇلۇغ ئىش ئۇلۇغ روھنى يارىتىدۇ، ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ ئىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما باشتىن - ئاخىر ۋەتەن بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە جان تىكىپ كۈرەش قىلدى، تىرىشىپ بىرىنچى قاتاردىكىلەردىن بولدى، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىدى.

«غايىلىك، ئېتىقادلىق، تېخنىكا بىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتالايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، تۆھپە قوشۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان چوڭ سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك» «يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك»... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر چوڭ قوشۇنى قۇرۇشنى ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى.

«زاۋۇتقا كەلگىنىڭىزگە قانچىلىك بولدى؟» «قانداق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە؟» «ئىش ئورنىغا چىقىش بويىچە قانداق تەربىيەلەندىڭىز؟» «كىرىمىڭىز قانداقراق؟»

2025 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەن لوياڭ ئوق قازان گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىختىساسلىقلار − ئۈمىد. ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، زور بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرگەندىلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى زامان ئىشچىلىرى كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئەقىل - پاراسەتكە، تېخنىكىغا ئىگە بولۇشى، كەشىپ قىلالايدىغان، يېڭىلىق يارىتالايدىغان بولۇشى كېرەك.

2020 - يىلى 5 - ئايدا، تەييۈەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھى داتلاشماس پولات سىپتا تاسما پولات چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا، بىر خىل دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز، سىپتا داتلاشماس تاسما پولات ئىشلەپچىقىرىلىۋاتاتتى − قېلىنلىقى پەقەت 0.02 مىللىمېتىر بولۇپ، ئادەتتىكى A4 قەغەزنىڭ تۆتتىن بىرىگە توغرا كېلەتتى، ئۇنى يىرتىش ئاسان بولغاچقا، ئوبرازلىق قىلىپ «قولدا يىرتقىلى بولىدىغان پولات» دەپ ئاتالغانىدى.

2017 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەييۈەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «85 - يىللاردا تۇغۇلغان» تېخنىك خادىم لياۋ شى يېڭى تۈر «قولدا يىرتقىلى بولىدىغان پولات» ئۈستىدە جاپالىق ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم مەغلۇپ بولاتتى. باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان سەمىمىي ئۈمىد ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش جاسارىتىنى ئۇرغۇتتى.

700 نەچچە قېتىملىق سىناقتىن كېيىن، دۇنيا بويىچە ئەڭ نېپىز «قولدا يىرتقىلى بولىدىغان پولات» مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياسالدى.

2020 - يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭنى يەنە بىر قېتىم كۆرگەندە، لياۋ شى جىددىيلەشتى ھەم ھاياجانلاندى. باش شۇجى قولىغا بىر پارچە «قولدا يىرتقىلى بولىدىغان پولات»نى ئېلىپ، يېنىك تولغاپ قاتلاپ بېقىپ، ئىختىيارسىز ماختاپ كەتتى: «ھۈنەر - سەنئىتى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن، خۇددى پال - پال قەغەزگە ئوخشاش نېپىز ئىكەن، نۇرغۇن قېتىم تاۋلانغان پولات ئەۋرىشىم ھالەتكە كەلتۈرۈلۈپتۇ».

«سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىق بويىچە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، ئىلغار ياسىمىچىلىققا تىرەك بولۇش جەھەتتە يېڭى، تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.» باش شۇجىنىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان سۆزلىرى لياۋ شىغا زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسى بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم. بۈگۈنكى دۇنيادا، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىختىساسلىقلار رىقابىتى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسى رىقابىتىدىن ئىبارەت.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئەمگەكچىلەر چوڭ قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سۈن جىڭنەن كەپشەرلەش ئىشچىسى بولۇپ، كەپشەرلەش تېخنىكىسىنى 30 نەچچە يىل باش چۆكۈرۈپ ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، شاگىرت ئىشچىدىن ئۆسۈپ يېتىلىپ جۇڭگو جۇڭچې شىركىتىنىڭ داڭلىق ماھارەت مۇتەخەسسىسىگە ئايلانغان.

2024 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

سۆز قىلغاندا، سۈن جىڭنەن ئۆزىنىڭ چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋىنى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى سۆزلىدى: «<ھۈنەرۋەن> دېگەن سۆز دەل كەسپىي ساھەدە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، جاپالىق چېنىقىش ئارقىلىق ئاندىن بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش دېگەنلىك».

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ مۇنداق دېدى: «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى بىز جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئۇل تېشى، تۈۋرۈكى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز نامرات ھەم ئارقىدا قالغان ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈپ، كىرگۈزۈپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قوبۇل قىلىشتىن يەنە تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، مۇستەقىل، ئۆز - ئۆزىمىزگە ئىگە بولغان ياسىمىچىلىق ئاساسىنى بەرپا قىلدۇق».

سەمىمىي تەلىم بېرىپ، سەمىمىي ئۈمىد باغلىدى. تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، ئەمگەكچىلەر روھى تومۇرداش بولۇپ، كۈرەش قىلىش قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى.

2017 - يىلىنىڭ ئاخىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، شۈگۇڭ گۇرۇھى مەيدانىدا شىركەتتىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، تېخنىكا ماھىرلىرى قاتارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنى سەمىمىي يوقلىدى.

باش شۇجى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «كەڭ كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى يېڭى دەۋردىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق تۆھپە قوشۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ روھى ۋە ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرىشىدە ھەممە ئادەم قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك.»

باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى.

جۇڭگو ئەمگەك مۇناسىۋىتى شۆيۈەنى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى تولۇق كۇرس سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتكۈل جەمئىيەت ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك؛

مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا كۆپچىلىكنى تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش، سەمىمىي ئەمگەك قىلىش، ئىجادىي ئەمگەك قىلىشنى ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا چاقىردى؛

جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، جۇڭگو 1 - ئېغىر تىپتىكى ماشىنا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىكى سانائەت ئىشچىلىرى ۋەكىللىرىنى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىچكى ماھارەتنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى؛

...

«ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك.» بۇ، 2020 - يىلى 3 - ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭ نىڭبو جوۋشەن پورتىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، كۆۋرۈك كىرانى شوپۇرى جۇ شىجيېگە قىلغان تاپشۇرۇقى ئىدى.

بۇ تاپشۇرۇق جۇ شىجيېنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇردى. ئۇ دەرسلىك ماتېرىيالى يېزىپ، ئەندىزە يارىتىپ، كوللېكتىپنى بىرلىكتە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆپ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، «جۇ شىجيې كىران مەشغۇلات ئۇسۇلى» سىجىل يېڭىلىنىپ دەرىجىسى يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان 4.0 نۇسخىغا ئۆستۈرۈلدى، دۆلەت دەرىجىلىك خىزمەت ئىشخانىسىغا تايىنىپ 3500دىن ئارتۇق كىشى تەربىيەلەندى.

«ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىشكە، ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ روھىغا ئىنتىلىشكە ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ».

ئۈمىد ۋە ھەيدەكچىلىك كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش قەلبلەرنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. يۈز مىليونلىغان ئىشچى - خىزمەتچى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقىدۇ.

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ»

باھاردا ھەممە جاي ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمدى، «خۇابېيدىكى مەرۋايىت» بەيياڭديەندە قومۇشلار يېشىل تۈسكە كىرىپ، يېڭى مەنىلەرگە تولدى.

«15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن كېيىن تۇنجى قېتىم جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان يۈكلەنگەن بۇ كەلگۈسى شەھەرگە كەلدى. سانسىزلىغان قۇرۇلۇشچىلارنىڭ ئەجرى بىلەن سۇغىرىلغان بىر يېڭى شەھەر يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، غول تارتىپ باراقسانلىدى.

جۇڭگو خۇانېڭ گۇرۇھى تۇنجى تۈركۈمدە شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا تارقاقلاشتۇرۇلغان مەركەز كارخانىسى باش ئىشتابلىرىنىڭ بىرى. كارخانىنىڭ 1 - قەۋىتىدىكى زالدا كەيپىيات قىزغىن بولۇپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىدىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى «يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتلار» يىغىلىپ، تارقاقلاشتۇرۇلغان كارخانا، ئالىي مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىقلاردىكى 100دىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچى ۋەكىلى بىر يەرگە جەم بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شيۇڭئەنلىك بولغانلىقىڭلاردىن پەخىرلىنىپ، باشلامچى بولۇپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، شيۇڭئەننىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىڭلار كېرەك.»

كەلگۈسى قانچە گۈزەل بولغانسېرى، شۇنچە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەمەلىي ئىشلەش ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا خەلق داھىيسىنىڭ ئىزچىل روشەن خىسلىتى بولۇپ كەلدى.

1991 - يىلى 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئەينى چاغدا فۇجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يولداش شى جىنپىڭ ليەنجيا كېمىسىگە چىقىپ كېمىچىلەردىن ھال سورىدى. يولداش شى جىنپىڭ بىر كېمىچىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «سىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار، چوقۇم تۇرىدىغان ئۆي بار بولىدۇ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆيگە كۆچۈپ كىرەلەيسىلەر» دېدى.

شۇ كۈنى نەق مەيداندا ئىش بېجىرىش يىغىنى ئېچىلىپ، ھەل قىلىش لايىھەسى بېكىتىلىپ، 20 نەچچە كۈندىن كېيىن بىنا سېلىش قۇرۇلۇشىنىڭ تۇنجى قوزۇقى قېقىلدى.

1991 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا فۇجوۋ شەھەرلىك سۇ تىرانسپورت شىركىتىدىكى 104 ئائىلىلىك كېمىچى قىرغاقتىكى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد «ئۆيىمۇ يوق، يېرىمۇ يوق» يۈرىدىغان سەرسانلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، «دەرھال بېجىرىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش» دېگەن بۇ چوڭ خەتلەر فۇجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى زالىنىڭ سىرتقى تېمىغا ئويۇلدى.

كۈرەش قىلغاندىلا، شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ؛ ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتكىلى بولىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىش كېرەك، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىش كېرەك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىمۇ ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىش كېرەك.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى يېپىلىپ بىر ھەپتە بولمايلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن تەكشۈرۈشكە چىقىپ خۇڭچى ئۆستىڭىگە كېلىپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «سوتسىيالىزم كۈرەش قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، قۇربان بېرىش بەدىلىگە بارلىققا كەلگەن، ئىلگىرى شۇنداق بولۇپلا قالماي، يېڭى دەۋردىمۇ ھەم شۇنداق.»

2023 - يىللىق باھار بايرىمىلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈز مىليونلىغان ئاممىغا: «بىز ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىپ شانلىق ئۆتمۈشنى ياراتتۇق، يەنە ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىپ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك» دەپ ئىلھام بەردى.

2024 - يىلى 6 - ئايدا، شېنجېندىن جۇڭشەنگىچە بولغان دەريا ھالقىغان يول پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ!»

خەلق تارىخنى يارىتىدۇ، ئەمگەك كەلگۈسىنى يارىتىدۇ.

يېڭى مۇساپىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەمگەك ئىجادىيىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئەمگەكچى ئاممىنى تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا، يېڭىلىق يارىتىش - ئىجاد قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

2019 - يىلى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنجىن بىنخەي - جۇڭگۇەنسۇن پەن - تېخنىكا باغچىسىغا كەلدى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى تيەنجىن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىنخەي توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ توك تەقسىملەش - جىددىي رېمونت قىلىش بەنىنىڭ بەنجاڭى جاڭ لىمىڭ باش شۇجىغا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك تەقسىملەش تورى توكلۇق مەشغۇلات ماشىنا ئادىمىنى تونۇشتۇردى.

ئۆتكۈزگۈچ سىمنىڭ تاشقى قەۋىتى كېسىپ چىقىرىۋېتىلىپ، ئوقۇرغا تارتىپ كىرگۈزۈلۈپ، قىسقۇچ بىلەن چىڭ قىسىپ قويۇلدى، ماشىنا ئادەمنىڭ مەشغۇلات جەريانى ناھايىتى راۋان بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھايىتى ئەستايىدىل كۆردى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش يۆنىلىشىنى بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، مۇنداق ماختىدى: «ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەندە، ھەقىقىي بىلىم ئىگىلىگىلى بولىدۇ. سىز تۆھپە قوشۇپسىز، يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە بوپسىز.»

«بىز يېڭىلىق يارىتىش ئارزۇسى بار كىشىلەرنى زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشەنچ ۋە قايناق ھېسسىيات بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىغا ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى جاڭ لىمىڭنى ئۆزىنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىنى تېخىمۇ چىڭىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

جاڭ لىمىڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى بىر ئەۋلاد توك تەقسىملەش تورى توكلۇق مەشغۇلات ماشىنا ئادىمى دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا كېڭەيتىلىپ ۋە قوللىنىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئۈچۈن سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشتى.

يېڭى دەۋردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ قەلبىدە ئارزۇ، زىممىسىدە مەسئۇلىيەت، ۋۇجۇدىدا غەيرەت، قەدەملىرىدە يۆنىلىش بار.

ئۇلار ئىلمىي ماقالىسىنى كەڭ تۇپراققا يېزىپ، نەتىجىسىنى دېھقانلارنىڭ قولىغا قالدۇردى.

2023 - يىلى 5 - ئايدا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى پەن - تېخنىكا كىچىك ھويلىسىدىكى ساۋاقداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. باش شۇجى خېتىدە كۆپچىلىكنى «يېزا ئىگىلىكىنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش چوڭ سەھنىسىدە تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىش»قا ئىلھاملاندۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە پەن - تېخنىكا كىچىك ھويلىسى «بىر تال ئۇرۇق»تىن پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان «يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئورمىنى» بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى، ھازىر تەرەققىي قىلىپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى 200دىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ قاتناشتى، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاسپىرانت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، جۇڭگو دېھقانلىرىغا مۇلازىمەت قىلىپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقماقتا.

ئۇلار جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش پەن - تېخنىكىسىنى خەلقئارا ھەمكارلىق سەھنىسىدە يادرولۇق ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدۇردى.

جۇڭچې داليەن پاراۋۇز چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىنژېنېرى جاڭ يەنمىننىڭ يان تېلېفونىدا بىر پارچە «ئالاھىدە سۈرەت» ساقلانغان بولۇپ، قىزىل، كۆك، ئاق رەڭلەر ئارىلىشىپ كەتكەن «سوزۇنچاق يۈز» شەكلىدىكى جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولىدا قاتنايدىغان «لەنساڭ ناملىق» پويىز ۋوگزالدىن سىلىق چىقماقتا ئىدى.

جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولىدا قاتناش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئالتۇن لىنىيە بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتايلى» دەپ كۆرسەتتى. ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگۈچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇرچىمىزنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.» جاڭ يەنمىن مۇنداق دېدى: كۇنمىڭدىن ۋىيېنتيانغا بارىدىغان جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىك پەرقى 2000 مېتىرغا يېتىدۇ. ئۇ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى ھەربىر ۋوگزال، ھەربىر يول ئۇلىغا قاتراپ يۈرۈپ، قايتا - قايتا سىناق قىلىپ، ئاخىردا شاۋقۇن، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يامغۇر كۆپ بولۇش، ۋاگون گەۋدىسى ئاسان بۇزۇلۇپ كېتىش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دۇنيانى «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»نى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئۇلار مەزمۇت قەدەم بىلەن تىرىشىپ «دۆلەتنىڭ مۇھىم جابدۇقى»نى قوغدىماقتا.

بۇ يىل باھار بايرىمى مەزگىلىدە «جۇڭگو تيەنيەن» نورمال ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ پېڭ كۆز ئالدىدىكى ئەسۋابقا تىكىلىپ، ئالەمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى تىۋىشنى خاتىرىلىۋالدى.

2021 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ باھار بايرىمىدىن بۇرۇن گۇيجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «جۇڭگو تيەنيەن» تۈرىنىڭ مەسئۇلى ۋە پەن تەتقىقات تايانچلىرى بىلەن مەخسۇس كۆرۈشۈپ، «تيەنيەن» «دۆلەتنىڭ مۇھىم جابدۇقى بولۇشقا مۇناسىپ» دەپ ماختىدى. ئاشۇ پەيتتە نەق مەيداندىكى جياڭ پېڭنىڭ قەلبىدە ئىللىق ئېقىم مەۋج ئۇردى. مۇشۇ يىللاردا، «جۇڭگو تيەنيەن»نىڭ غەلىبە خەۋەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن تارقالدى، جياڭ پېڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى قەدىمىنى توختاتماي ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ «كۆرۈش دائىرىسى»نىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى.

يەنە بىر باھار. خېبېي سەيخەنبا ماشىنىلاشقان ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى يېشىللىق باشقىچە جۇلالىنىپ تۇراتتى.

«بىر تۈپ دەرەخ»تىن «بىر چەكسىز ئورمانلىق»قىچە بولغان يېشىللىق مۆجىزىسىنىڭ ئارقىسىدا 60 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۈچ ئەۋلاد سەيخەنبالىقلارنىڭ جاپالىق ئىگىلىك تىكلىگەنلىكى، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلغانلىقى بار.

«سەيخەنبا روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلەپ، قىلچە توختىتىپ قويماي، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك». 2017 - يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانىنى قۇرغۇچىلارنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى.

2021 - يىلى 8 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئورمانچىلىق مەيدانىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئۈچ ئەۋلاد ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سوراپ، ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا ئورتاق توختىلىپ، ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئورتاق پىلانلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانى 2 - قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش چوڭ يولىدا تېز ئىلگىرىلىمەكتە. ئورمانچىلىق مەيدانى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئەن چاڭمىڭ مۇنداق دېدى: «كۆز ئالدىمىزدىكى قۇرۇق نام - ئاتاققا بېرىلمەي، قىسقا مەزگىللىك كۆرۈنمە نەتىجىنى قوغلاشماي، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى ياخشى قوغدايمىز، بۇ، ۋەتىنىمىزدە يېشىللىقنى كۆپەيتىش ئۈچۈندۇر، ئېكولوگىيەنى قوغداش ئۈچۈندۇر.»

ئەسلىي مەقسەت ئىزچىل چىڭىتىلدى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسىنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يۈز مىليونلىغان ئەمگەكچىلەر كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەجىر سىڭدۈرۈپ تۆھپە قوشۇپ، ئەمگەك داۋامىدا دەۋر شانلىق سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ، كۈرەش داۋامىدا گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتماقتا.

(مۇخبىرلار چى جۇڭشى، فەن شى، گاۋ جىڭ، خۇاڭ ياۋ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.