تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى

«1 - ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە

شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى «1 - ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، كەڭ ئەمگەكچى ئامما پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجاد قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى. كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى، باش قەھرىمانلىق سالاپىتىنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئۇلار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنى ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.