جەنۇب، شىمالدىكى ئۈچ مەيداندا بىرۋاقىتتا مۇسابىقە باشلىنىدۇ، پۈتۈن شىنجاڭدا مۇسابىقە كۆرۈش بېلەت باھاسى 9.9 يۈەن بولىدۇ
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، «قەلبداش بولۇپ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى پارلاق» باش تېمىسىدىكى 2026 - يىللىق «قەلبداشلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، باشلىنىش مۇسابىقىسى 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە باشلىنىدىكەن، ئۈرۈمچى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا قاراماي كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدىكەن. جەنۇبىي رايوندا قەشقەر كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئاقسۇ كوماندىسى بىلەن، تۇرپان كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا خوتەن كوماندىسى بىلەن چۈشىدىغان مۇسابىقىمۇ شۇ كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە يەنە «شىنجاڭ بويىچە مۇسابىقە كۆرۈش بېلەت باھاسى مۇقىم .9 9 يۈەن بولۇش»تىن ئىبارەت مۇسابىقە كۆرۈشتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى يولغا قويۇلىدىكەن.
بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى، شىنجاڭ بويىچە ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى، تەسىر كۈچى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى پۇتبول كۇرسلۇق مۇسابىقىسى بولۇپ، 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر بىلەن بىڭتۇەننىڭ يېقىن ئەتراپتىكى شى، شەھەرلىرى بىرلىشىپ 14 ۋەكىللەر كوماندىسىنى تەشكىللەپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدۇ، كوماندىلار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ قىسقارتىلغان نامى بىلەن ئاتالدى. مۇسابىقە ئادەتتىكى مۇسابىقە، شاللاش مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، جەمئىي 56 مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە باشلىنىش مۇسابىقىسى، چېمپىيونلۇقنى، 2 - لىكنى ھەم 3 - لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى بىردەك ئۈرۈمچىدە مەركەزلىك ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بىرلەشمە مۇسابىقە مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سودا ئىشلىرى تارماقلىرى «مۇسابىقە ئارقىلىق كىشىلەرنى جەلپ قىلىش، ئىستېمال ئارقىلىق بازارنى جانلاندۇرۇش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، كەسىپ ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى يۆنىلىش قىلىپ، تەنتەربىيە، مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى ھەم ساھە جەمئىيەتلىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، «مۇسابىقە كۆرۈش + ئىستېمال قىلىش + ھېس قىلىش» بويىچە بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەت ئىستېمالى يېڭى ھالىتىنى بەرپا قىلىدۇ. تاماشىبىنلار مۇسابىقە بېلەت كۆتىكى ياكى مۇسابىقە كۆرۈش ئىسپاتىغا ئاساسەن، پۇتبول ماھىرلىرى، تىرېنېرلار، مۇسابىقە خىزمەتچى خادىملىرى كۈچكە ئىگە كىنىشكىسىگە ئاساسەن، پائالىيەتكە قاتناشقان يېمەك - ئىچمەك، ياتاق، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش - چاچ ياساش قاتارلىقلارغا دائىر بەلگىلەنگەن دۇكانلاردا باھانى چۈشۈرۈپ ئېتىبار بېرىش، خاس مەززىلىك تائام، زاكازلىق يۈرۈشلۈك تائام قاتارلىق مەخسۇس پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.
مۇسابىقە مەزگىلىدە يەنە مەدەنىيەت - ساياھەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە دائىر بىر قاتار سىياسەتلەر يولغا قويۇلۇپ، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە بىڭتۇەن، 5A دەرىجىلىك 18 مەنزىرە رايونى ھەمتۈرتكە بولۇپ، «شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە ئەگىشىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» مەدەنىيەت - ساياھەت چوڭ سوۋغىسى ماس قەدەمدە ئېلان قىلىنىپ، مۇسابىقە مەخسۇس بېلىتى ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، يېمەك - ئىچمەك، ياتاق باھاسىنى چۈشۈرۈش، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىدىن توغرىلاپ كۆتۈرۈۋېتىش، مۇسابىقە كۆرۈش مەخسۇس لىنىيەسى ياردەم پۇلى قاتارلىق «بېلەت كۆتىكى +» يۈرۈشلۈك ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلىدۇ.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئانار بۇلۇت تېرمىنالىغا ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇچۇرىنى تۇنجى تارقىتىدىغان بىردىنبىر سۇپا بولۇش ھوقۇقى بېرىلدى. توپ مەستانىلىرى ۋە تاماشىبىنلار ئانار بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق «شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى» قانىلىغا كىرىپ، مۇسابىقە كۈنتەرتىپى، مۇسابىقىلىشىدىغان كوماندىلارنىڭ تىزىملىكى، ئورۇن، نومۇر، بېلەت سېتىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا سۈرۈشتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا بىرلەشمە مۇسابىقە ئەھۋالىنى ئىگىلىيەلەيدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە مۇسابىقە كۆرۈش بېلەت باھاسى شىنجاڭ بويىچە بىرتۇتاش 9.9 يۈەن بولۇپ، شيۇدۇڭ APPسى ئاساسىي كىرىش ئېغىزى قىلىنغان، ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسىدا بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق بېلەت سېتىۋېلىش ماس قەدەمدە يولغا قويۇلغان. «ئالدىن كېلىشىش − چەك تارتىش − مەيدانغا كىرىش»تىن ئىبارەت پۈتۈن جەريانلىق قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، راست نام تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ ھەم مۇسابىقە باشلىنىشتىن 24 سائەت بۇرۇن بېلەتنى جانلىق قايتۇرۇش، بېلەت پۇلىنى دەرھال قايتۇرۇشنى قوللايدۇ.






