چېن شياۋجياڭ تۇرپاندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، سۆھبەتلەشتى ھەم ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋالدى
توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

4 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ تۇرپان شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋالدى ھەم ئەرزىيەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. سۈرەتتە: 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، چېن شياۋجياڭ توقسۇن ناھىيەسىگە جايلاشقان خۇانېڭ تۇرپان شەھىرى 1 مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرى نەق مەيدانىغا كېلىپ، نەق مەيداندا شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، تۇرپان، 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ تۇرپان شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋالدى ھەم ئەرزىيەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى ساقچىخانىسىغا بېرىپ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، نۇقتىلىق كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ تەرەققىياتى نەتىجىلىرىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، يارغول قەدىمكى شەھىرىدە خارابىلىكنى قوغداش - پايدىلىنىش ۋە مەدەنىيەت، ساياھەت خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەمەلىي بۇيۇم، ئەمەلىي مەنزىرە، ئەمەلىي ئىش ئارقىلىق تولۇق نامايان قىلىپ، قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، دەل جايىدا كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قاراتمىلىق ھالدا زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «1 - ماي» مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، چېن شياۋجياڭ ئىدىقۇت رايونى ئىدىقۇت يولى كوچا باشقارمىسى گۇاڭخۇي مەھەللىسىدە ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋالدى، ئامما ۋەكىللىرىنىڭ كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ئاڭلىدى، نەق مەيداندا مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئۇنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋېلىش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، «ياشانغانلار، بالىلار» قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپىنى ياخشى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
سۆھبەت يىغىنىدا، چېن شياۋجياڭ تۇرپاننىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، ئەرزىيەت ساھەسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش»تىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغان توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك. ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ئىپادىلەش، مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتى ۋە ئەرزىيەت ھەرىكىتىگە بولغان قوش يۆنىلىشلىك قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش، قوبۇل قىلىش، بېجىرىش، نازارەت قىلىش - جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، تەرتىپنى قوغداشتىن ئىبارەت «بەشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى مەنبەدىن تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنبەدىن ھەل قىلىش، كۆپ خىل يول ئارقىلىق ھەل قىلىش، تەرتىپلىك ھەل قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىش، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ئىشىك ئالدىدا ھەل قىلىش كېرەك. بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ھەل قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش، ھەقىقىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھوقۇق - مەسئۇلىيەت ئېنىق بولۇش، تېگى - تەكتى ئېنىق بولۇش، قانۇن بويىچە بېجىرىش، تەرتىپى ياخشى بولۇش، ئامما رازى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئەرزىيەت تارماقلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئەرزىيەت كادىرلىرى قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزەپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.
قادېن كەبىن، ۋاڭ گاڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.






