ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې خۇيبيەن خەۋىرى) بۇ يىل ئەتىيازدا تېمپېراتۇرا يۇقىرىراق، ھۆل-يېغىن ئازراق بولۇشنىڭ تەسىرىدە، ئالتاي تېغىدا گۈل ئېچىلىش مەزگىلى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن بالدۇر بولىدىكەن. 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، قاناس، قۇم، چۇڭقۇر قاتارلىق جايلار ئەڭ ياخشى گۈل سەيلىسى مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەتچىلەرنى «مۇددەتتىن بۇرۇن تاغ گۈللىرى ئۇچرىشىشى»غا تەكلىپ قىلىدۇ.
نىھراز (百脉根). ئالتاي ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تەمىنلىگەن.
«بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان، ئالتاينىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن ℃2.0 يۇقىرى بولدى، ھۆل-يېغىن مىقدارى %30كە يېقىن ئاز بولدى، يىغىندى قار تېز ئېرىپ، گۈل-چېچەكلەر بالدۇر ئېچىلدى». ئالتاي ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى لى خۇەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالدىنقى مەزگىلدىكى ھاۋارايى شارائىتى بىلەن 5-ئايدىكى تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرىراق، ھۆل-يېغىننىڭ ئازراق بولۇش يۈزلىنىشىنى ئومۇملاشتۇرۇپ مۆلچەرلىگەندە، بۇ يىل ياۋا كۈركۈم گۈلى، دىڭبىڭخۇا گۈلى قاتارلىقلارنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى بۇلتۇرقى ۋە ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن تەخمىنەن بىر ھەپتە بالدۇر بولىدىكەن.
مەخسۇس مەلۇماتتا ساياھەتچىلەرگە «گۈل سەيلىسى ۋاقىت جەدۋىلى» ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى: 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە قاناس، قۇم، ئاق قابا، نارىن ۋە خېيليۇتەن-جيادېڭ جىلغىسى ئەتراپىدا دىڭبىڭخۇا گۈللىرى قالدۇق قار ئارىسىدىن گۈل بەرگىلىرىنى چىقىرىدۇ، ياۋا كۈركۈم گۈلى، قاۋانچىش، مامكاپ بەس-بەستە ئېچىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ياۋا كۈركۈم گۈلىنى سەيلە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى 5-ئاينىڭ باشلىرىدىن ئوتتۇرىلىرىغىچە بولىدۇ؛ 5-ئاينىڭ باشلىرىدىن ئاخىرلىرىغىچە بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ چۇڭقۇر بازىرى، ئالتاي شەھىرى شياۋدۇڭگوۋدىكى جۇڭگو ئاق باش ئوتى، ئېيىق تاپان گۈلى ئارقا-ئارقىدىن راسا ئېچىلىپ، سۆسۈن رەڭلىك گۈل دېڭىزى بىلەن يايلاق بىر-بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ تۇرىدۇ؛ 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 6-ئاينىڭ باشلىرىغىچە، ئاقچېچەك گۈل قاناس، قۇم ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى ئەتىيازلىق گۈللۈك گىلەم توقۇيدۇ.
قىزىل ئۈچقۇلاق. ئالتاي ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تەمىنلىگەن
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






