تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

گۈللەرنى قوغلىشىپ ئارزۇغا ئىنتىلىپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش | باھاردا گۈل-چېچەكلەر پورەكلەپ ئېچىلدى، لوياڭ مودەنگۈلى چاپچالدا خۇشپۇراق چاچتى

 ئاپتور: خۇا يەنمىڭ

  4-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ناداچىنىرۇ يېزىسى يۈچايۈەن مودەنگۈل باغچىسىدا، قىزىل، ھال رەڭ، ئاق قاتارلىق 30 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق مودەنگۈل بەس-بەستە ئېچىلىپ، رەڭگارەڭلىققا تولۇپ، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارىلىپ، ساياھەتچىلەرنى قەدىمىنى توختىتىپ تاماشا قىلىپ، باھار پەيزىنى سۈرۈشكە جەلپ قىلدى.
   يۈچايۈەن مودەنگۈل باغچىسى 2017-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 100 موغا يېقىن كېلىدۇ، مودەنگۈل كۆچىتى خېنەن لوياڭدىن كىرگۈزۈلگەن، ھازىر 30 نەچچە خىل سورتى بار. باغچە رايونى تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلىش، ئىلمىي يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق تېرىقچىلىق كۆلىمىنى يىلدىن يىلغا كېڭەيتتى. ھازىر مودەنگۈلنى تاماشا قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى بولۇپ، ئېچىلىش مەزگىلى 5-ئاينىڭ باشلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ.

(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: چاپچال ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.