4-ئاينىڭ 29-كۈنى، «قەلىبداش بولۇپ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى پارلاق» باش تېمىسىدىكى 2026-يىللىق «قەلبداشلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. باشلىنىش مۇسابىقىسى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە باشلىنىدۇ، ئۈرۈمچى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا قاراماي كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. جەنۇبىي رايوندا قەشقەر كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئاقسۇ كوماندىسى بىلەن، تۇرپان كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا خوتەن كوماندىسى بىلەن چۈشىدىغان مۇسابىقىمۇ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە يەنە «شىنجاڭ بويىچە مۇسابىقە كۆرۈش بېلەت باھاسى مۇقىم 9.9 يۈەن بولۇش»تىن ئىبارەت مۇسابىقە كۆرۈشتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ.
بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى، شىنجاڭ بويىچە ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى، تەسىر كۈچى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى پۇتبول كۇرسلۇق مۇسابىقىسى بولۇپ، 5-ئاينىڭ 16-كۈنى باشلىنىپ، 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر بىلەن بىڭتۇەننىڭ يېقىن ئەتراپتىكى شى، شەھەرلىرى بىرلىشىپ 14 ۋەكىللەر كوماندىسىنى تەشكىللەپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدۇ، كوماندىلار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ قىسقارتىلغان نامى بىلەن ئاتالدى. مۇسابىقە ئادەتتىكى مۇسابىقە، شاللاش مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، جەمئىي 56 مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە باشلىنىش مۇسابىقىسى، چېمپىيونلۇقنى، 2-چىلىكنى ۋە 3-لىكنى تالىشىش مۇسابىقىلىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.







