
4-ئاينىڭ 25-كۈنى، «تۇرپاندا گۈللەر ئېچىلدى . چوغلۇق ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى» باش تېما قىلىنغان چوغلۇق گۈلىنى تاماشا قىلىش پائالىيىتى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ غولبويى يېزىسى شور كەنتىدە باشلاندى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، نەچچە يۈز مو يەردىكى چوغلۇق ئارقا-ئارقىدىن پورەكلەپ ئېچىلدى. گۈل دېڭىزى ئارىسىدا ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى نۆۋەت بىلەن ئوينالدى، ئارتىسلار لەرزان مېلودىيەگە ئەگىشىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تاماشا قىلىش پائالىيىتى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
توقسۇن ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلالىدىن ئابدۇرېھىم، گاۋ شۇاڭچياڭ








