ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى
«مەن بۇ كەسىپنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ يەرنىڭ تاغ جىلغىلىرى ماڭا جەڭ ئېلان قىلماقتا، مەن چوقۇم ئارزۇيۇمنى تىيانشاندىن ئۇچۇرىمەن» دېدى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىدىكى بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ يېڭىسار بازىرى، تىيانشان تاغ تىزمىسى جىلغىسىدىكى شەرق فىزىكىلىق تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ 10 نەچچە يىللىق ئۇچۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ئادەمسىز ئۇچقۇ مەشغۇلاتچىسى ھاياجانلانغان ھالدا.

ئۇنىڭ كەينىدە، زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلەن تەبىئىي توسالغۇلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سىنىشىش ئاستا-ئاستا نامايان بولدى. ئېغىرلىقى بىر توننىدىن ئاشىدىغان بۇرغىلاش ماشىنىسى ۋە يانداش ماددىي ئەشيالار چوڭ تىپتىكى ئادەمسىز ئۇچقۇ تەرىپىدىن تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ مۇقىم كۆتۈرۈلدى، غايەت زور پىرقىرىما قانات ھاۋادا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندى، ئادەمسىز ئۇچقۇ خۇددى «پولات بورانقۇش»قا ئوخشاش، بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە جىلغىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى تاغ چوققىسىدىكى قۇرۇلۇش نۇقتىسىغا توغرا يۆتكەپ ئېلىپ چىقتى. بۇ كۆرۈنۈشنى ئىلگىرىكى فىزىكىلىق چارلاش مەشغۇلاتىدا تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى، ھازىر تۇرپان غەربىنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك يەر تەۋرىتىش ئارقىلىق ئەۋرىشكە ئېلىش تۈرىدە ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى.
بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ يېڭىسار بازىرى تىيانشان تاغلىق رايونىدىكى تۇرپان غەربىي ئۈچ ئۆلچەملىك يەر تەۋرىتىش ئارقىلىق ئەۋرىشكە ئېلىش تۈرى نەق مەيدانىدا، ئادەمسىز ئۇچقۇ ئۈسكۈنىلەرنى تاغ چوققىسىدىكى قۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئېلىپ چىقماقتا.
بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن خۇ جيې شەرق فىزىكىلىق چارلاش خىزمىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم فىزىكىلىق چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇ بۇ تاغ جىلغىسىدا 40 نەچچە كۈن چىڭ تۇرۇپ، 1000 قېتىمدىن ئارتۇق ئاسما ئۇچۇرۇشنى بىخەتەر تاماملىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئۇ جېجياڭنىڭ ئورمانچىلىق رايونلىرىغا بېرىپ، ئورمانچىلىق ئىشچىلىرىغا ياردەملىشىپ كېسەل تەگكەن دەرەخلەرنى ئېسىپ ئۇچۇرۇتۇپ توشۇپ بەردى؛ ئىلگىرى يەنە سىچۇەننىڭ ئېتىز-ئېرىقلىرىدا دېھقانلارنىڭ كۆممىقوناق توشۇشىغا ياردەم بەرگەنىدى. ئەمما كۆز ئالدىدىكى تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تىيانشان تېغىغا قاراپ، خۇ جيېنىڭ كۆزلىرىدە ئەنسىرەش ۋە ھاياجان ئەكس ئەتتى. «بۇ تاغ رىقابەتكە تولغان ئىكەن». خۇ جيې بىخەتەرلىك قالپىقىنى ئۈستىگەرەك كۆتۈرۈپ قويۇپ، يىراقتىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ئادەمسىز ئۇچقۇغا تىكىلىپ قارىدى، «پەقەت مۇشۇ يەردىلا ئادەمسىز ئۇچقۇنىڭ قىممىتى ۋە كۈچىنى ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ.» ئۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئەنئەنىۋى ماددىي ئەشيا توشۇش ئۇسۇلى بىلەن مۇشۇنداق مۇرەككەپ يەر شەكلى ئالدىدا مەشغۇلات قىلىش ئىنتايىن مۈشكۈل ئىش، ئادەمسىز ئۇچقۇنىڭ ھەرىكەتچان، جانلىق بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى بۇ يەردە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
بۈگۈر ناھىيەسى يېڭىسار بازىرى تىيانشان تاغلىق رايونىدا، خۇ جيې (ئوڭدا) تاغ چوققىسىغا يامىشىپ چىقىپ يەر شەكلىنى كۆزىتىپ، ئېسىپ ئۇچۇرۇپ توشۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇشتىن دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تەكشۈرۈشىگە كۈچ قوشۇشقىچە، خۇ جيېنىڭ قولىدىكى تىزگىنەك ئادەمسىز ئۇچقۇغا ئۇلىنىپلا قالماي، تەبىئىي توسۇقتىن ھالقىپ ئۆتۈش ئۈمىدىگىمۇ ئۇلانغان ئىدى. تىيانشان تېغى ئېتىكىدە، بۇ «يەر يۈزى ئۇچقۇچىسى» قايتا-قايتا دەل جايىدا ئۇچۇش-قونۇش ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى ئەمگەكچىلەر بىلەن پەن-تېخنىكىنىڭ ئورتاق يۈكسىلىش سەھىپىسىنى ياراتماقتا.
بۈگۈر ناھىيەسى يېڭىسار بازىرى تىيانشان تاغلىق رايونى تۇرپان غەربىي ئۈچ ئۆلچەملىك يەر تەۋرىتىش ئارقىلىق ئەۋرىشكە ئېلىش تۈرى نەق مەيدانىدا، خۇ جيې (سولدا) ئادەمسىز ئۇچقۇ تىزگىنىكىنى تەكشۈرۈپ تەڭشىمەكتە.
بۈگۈر ناھىيەسى يېڭىسار بازىرى تىيانشان تاغلىق رايونى تۇرپان غەربىي ئۈچ ئۆلچەملىك يەر تەۋرىتىش ئارقىلىق ئەۋرىشكە ئېلىش تۈرى نەق مەيدانىدا، خۇ جيې بىلەن ئادەمسىز ئۇچقۇ گۇرۇپپىسىدىكىلەر قۇياش كۆتۈرۈلگەن پەيتتە ئادەمسىز ئۇچقۇنى تەكشۈرۈپ، ئېسىپ ئۇچۇرۇپ توشۇش مەشغۇلاتىغا تەييارلىق قىلماقتا.

بۈگۈر ناھىيەسى يېڭىسار بازىرى تىيانشان تاغلىق رايونى تۇرپان غەربىي ئۈچ ئۆلچەملىك يەر تەۋرىتىش ئارقىلىق ئەۋرىشكە ئېلىش تۈرى نەق مەيدانىدا، خۇ جيې (ئوڭدا) ئادەمسىز ئۇچقۇنى يۆتكەشكە تەييارلىق قىلماقتا.

بۈگۈر ناھىيەسى يېڭىسار بازىرى تىيانشان تاغلىق رايونى تۇرپان غەربىي ئۈچ ئۆلچەملىك يەر تەۋرىتىش ئارقىلىق ئەۋرىشكە ئېلىش تۈرى نەق مەيدانىدا، خۇ جيې (ئوڭدا) ئادەمسىز ئۇچقۇغا توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسىنى يۆتكەشكە تەييارلىق قىلماقتا.






