تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

نەشپۈت شەھىرىنىڭ قېتىقى بازار تېپىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى

4-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئىشچىلار سېختا چوڭ بوتۇلكىلىق قېتىقنىڭ ئاغزىنى ئەتمەكتە.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى، خەۋىرى) 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىسى قاراباغ قېتىق زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، ئالدىراش بولۇپ كەتتى. 16 يىل قېتىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان بۇ كارخانا ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىپلا قالماي، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى كارخانىلارغا تېخنىكا جەھەتتىن ئۇزاق مۇددەت ياردەم بېرىپ، رايون قېتىق كەسپى توپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

4-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا.

   كارخانا مەسئۇلى ياسىن داۋۇت يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ياش بولۇپ، ئىشنى بازاردا يايما يېيىشتىن باشلاپ، ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت ۋە ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، كىچىك دۇكانلارنى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھازىرقى كۆلىمى 2000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان زامانىۋى زاۋۇتقا ئايلاندۇرۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.5 توننىدىن 2 توننىغىچە قېتىق ئىشلەپچىقىرىپ، يىللىق كىرىمىنى 3 مىليون يۈەندىن ئاشۇردى.

4-ئاينىڭ 29-كۈنى، خىزمەتچى خادىم توردا قېتىق مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسەتمەكتە.

   كارخانا «كالىنى نېسىگە سېتىپ يار-يۆلەك بولۇش» ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىي 100دىن ئارتۇق سۈت كالىسىنى نېسىگە سېتىپ، 20 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، 50تىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەن دېھقان ئارزىگۈل مۇسانىڭ سۈت كالىسى دەسلەپكى ئۈچتىن 20گە كۆپىيىپ، ھەر ئايدا سۈت سېتىپ قىلغان كىرىمى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

4-ئاينىڭ 29-كۈنى، خېرىدار ئاپتوموبىلغا قېتىقلارنى قاچىلىماقتا.

   ھازىر، قېتىق زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى شەندۇڭ، خېنەن قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ. ياسىن مۇنداق دېدى: سۈپەتنى داۋاملىق چىڭ ساقلاپ، تېخنىكا جەھەتتىن يار-يۆلەك بولۇش بىلەن كارخانا-دېھقان بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قېتىق كەسپى ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە كۈچ قوشىمىز.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.