
خەيرلىك سەھەر! ساغلاملىق كەلدى
ساغلام شىنجاڭ
بايراملىق دەم ئېلىشنىڭ باشلىنىشى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى، ساغلاملىق «يۈك-تاقلىرىڭىز»نى تولۇق تەييارلاپ بولدىڭىزمۇ؟
«1-ماي»لىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىشكە ئاز قالدى، ئارزۇدىكىدەك جايغا قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى نەرسىلەرنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ: پاشا قوغلاش سۇيۇقلۇقىنى سومكىڭىزغا سالدىڭىزمۇ؟ ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمىنى ئالدىڭىزمۇ؟ ئەگەر تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭراق جايغا بېرىشنى ئويلىشىۋاتقان بولسىڭىز نېپىزراق چاپان تەييارلىدىڭىزمۇ؟
بۇلارنى تەييارلىغاندىن سىرت، يان تېلېفونىڭىزغا مەنزىلگە يېقىن جايدىكى دوختۇرخانىنىڭ ئېنىق ئادرېسىنى ساقلاپ قويۇڭ. ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق، مۇشۇنداق قىلغاندا ئاندىن سەپەر جەريانىدا مەنزىرىدىن قانغۇچە بەھرىلىنىپ «كۈتۈلمىگەن ئىش»تىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ.
مەزمۇننى بېكىتكۈچى: شىنجاڭ تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى ساغلاملىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش شۆبە جەمئىيىتى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى
بىرتۇتاش پىلانلىغۇچى: سۇ لۇپىڭ
لايىھەلىگۈچى: كاڭ ياجۈن
يېتەكچى ئورۇن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






