تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئېچىۋېتىپ - ھەمكارلىشىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ خەلقئارا رىقابەتكۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرۈش

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر يۈرۈشلۈك بايان (4)

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى زوۋ دوۋېي

مۇلازىمەت كەسپى خەلقئارا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ساھە، دۆلىتىمىز مۇلازىمەت كەسپىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرۈشتە، ھەم ئىچكى يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش، ھەم تاشقى كۈچتىن پايدىلىنىش كېرەك.

يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىش»نى گەۋدىلەندۈرۈشنى تەكىتلەپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئاجىز بولۇش، جۇغراپىيەلىك سىياسىي توقۇنۇش سىرتقا كېڭىيىپ كېتىش خەۋپ - خەتىرى ئېشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، پارچە سېتىش، يېمەك - ئىچمەك، پۇل مۇئامىلە، ئۇچۇر تېخنىكىسى، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇلازىمەت كەسپى ئۆزىنىڭ يېنىك مۈلۈكلۈك، يۇقىرى ئەۋرىشىملىك، كۈچلۈك ماسلىشىشچانلىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن، بازار ئېنىقسىزلىقىغا تېخىمۇ ئاسان جانلىق تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتتى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2025 - يىلى، دۆلىتىمىز مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى تۇنجى قېتىم 80 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ،GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %57.7كە يېتىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %61.4كە يەتكەن. ئوخشاش مەزگىلدە، مۇلازىمەت كەسپىدە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى 545 مىليارد 120 مىليون يۈەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %70تىن ئاشقان؛ مۇلازىمەت سودىسى ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 8 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %7.4 ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مۇقىم تۇرغان.

زامانىۋى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي سىستېمىدا، مۇلازىمەت كەسپى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ مۇلازىمەت كەسپىگە نەزەر سالساق، كۆپ ساندىكىلىرى ئۈچ «%70»لىك سەۋىيەگە يەتكەن، يەنى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %70 ئەتراپىنى ئىگىلىگەن،GDPنىڭ ئېشىشىنىڭ %70ى مۇلازىمەت كەسپىدىكى ئېشىشتىن كەلگەن، مۇلازىمەت كەسپى ئىشقا ئورۇنلاشقان نوپۇسنىڭ %70ىنى قوبۇل قىلغان. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كۆلىمىنىڭ 100 تىرىليون يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

كەڭ بازار بوشلۇقى ئالدىدا، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىشىنى تېزلىتىپ، كۆپ ساھەلىك ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولغاندا، كۆلەمنى كېڭەيتكىلى بولۇپلا قالماي، يەنە بازار رىقابىتى ئارقىلىق مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.

تور ئويۇنىنى مەملىكەت سىرتىغا چىقىرىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چەت ئەللىك دوختۇرلارنىڭ ئامبۇلاتورىيە ئېچىشىنى قوللاش، چەت ئەل مەبلىغىدىكى پەرۋىش شۆيۈەنى ئېچىشنى قوللاش، پۇل ئىئانە قىلىش شەكلىدە پايدا ئالمايدىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىش، خەلقئارا كاپالەتلىك باشقۇرۇش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى قوللاش، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ خەلق پۇلى ئارقىلىق چېگرا ھالقىغان مەبلەغنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈش كەسپىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاش، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلىش... يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، ياسىمىچىلىقتا چەت ئەل مەبلىغى ئىجازىتى چەكلىمىسىنىڭ نۆللەشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز مۇلازىمەت كەسپىدە ئېچىۋېتىش قەدىمى بارغانسېرى تېزلىشىپ، نەپ يەتكۈزۈش دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيدى.

ھالبۇكى، شۇنى جەزمەن كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، نۇقتىسى كۆپ بولۇش، دائىرىسى كەڭ بولۇش، تۈرى مۇرەككەپ بولۇش قاتارلىق ساھە ئالاھىدىلىكى ھەمدە تۈزۈلمە - مېخانىزم تاكامۇل بولماسلىق، قانۇن - نىزام، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مۇكەممەل بولماسلىق، ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىۋېتىش ھەرگىزمۇ «بازارنى قويۇۋېتىش»تەك بۇنداق ئاددىي بولمايدۇ. مال سودىسىدا تاۋارلارنىڭ چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئوخشىمايدىغىنى، مۇلازىمەت سودىسى سانلىق مەلۇمات، مەبلەغ، تېخنىكا قاتارلىق كۆپ خىل ئامىلنى چېگرا ھالقىپ سەپلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئېچىۋېتىشنىڭ چېتىلىش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا - قايتا مۇنداق تەكىتلىدى: ئېچىۋېتىش ئىلگىرىلەش ئېلىپ كېلىدۇ، بېكىنمىچىلىك مۇقەررەر ئارقىدا قالدۇرىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇلازىمەت كەسپىدىكى ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىشنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىلانلىدى، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى كۆز قاراشلار ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەشنى نامايان قىلدى: «ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت ئىمپورتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىپ، بىلىم كۆجۈملەشكەن مۇلازىمەت ئېكسپورتىنى كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىش» «خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، مۇلازىمەت ساھەسىدىكى قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەملەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش» «ئەركىن سودا سىناق رايونى، دۆلەت مۇلازىمەت سودىسىنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قاتارلىق سۇپىلارنى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىشنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەت بازىرىنى ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش».

ۋەزىيەتكە بېقىپ تەدبىر قوللانغاندا، كۆپ ھاللاردا ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ كۆپ ئىش قىلغىلى بولىدۇ. 2013 - يىلى تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە 23 ئەركىن سودا سىناق رايونى ھەم خەينەن ئەركىن سودا پورتى ئەندىزىسى شەكىللەندى؛ مۇلازىمەت كەسپىدە ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال سىناق نۇقتىسىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ 20گە يېتىپ، شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي ۋە شەرقىي شىمال رايونلىرىنى قاپلىدى؛ يىلمۇيىل ئۆتكۈزۈلگەن مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى، رەقەملىك سودا يەرمەنكىسى قاتارلىق چوڭ - چوڭ كۆرگەزمىلەر مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

مەيلى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، بۇلۇت ھېسابلاش، رەقەملىك مەزمۇن قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇلازىمەت ساھەسىنىڭ ئېكسپورتتىكى يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىشى بولسۇن، ياكى تەنتەربىيە، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرگە مۇجەسسەملەنگەن غايەت زور سېلىنما بوشلۇقى بولسۇن، «سىرتقا چىقىرىش» بىلەن «كىرگۈزۈش»كە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش، ئامىل تىپىدىكى ئېچىۋېتىش بىلەن تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت قوش چاق ئارقىلىق قوزغىتىش مۇلازىمەت ساھەسىدىكى ئىجازەت توسۇقى ۋە تۈزۈلمە توسالغۇسىنى بۇزۇپ تاشلاشقا، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا ياردەم بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا ئىختىساسلىقلارنى توپلاش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئايلىنىشقا قاتنىشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

«15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پىلانلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنىڭ دۆلىتىمىزگە بولغان تەسىرىنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئىگىلەپ، ۋەزىيەتكە قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ ئىقتىساد ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش كېرەك».

ھازىر، دۇنيانىڭ ئىقتىساد ئەندىزىسى چوڭقۇر تەڭشىلىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى كەسپى، ئۇچۇر مۇلازىمىتى كەسپى، پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى كەسپى، قانۇن مۇلازىمىتى كەسپى قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرى بارغانسېرى دۇنياۋى ئىقتىساد - سودا ئايلىنىشىنىڭ مۇھىم ئاساسىغا، شۇنداقلا چوڭ دۆلەتلەر تىركىشىشىنىڭ مۇھىم كۈچ سىنىشىش مەيدانىغا ئايلانماقتا. خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت كەسپىدىكى بەزى ساھەلەردە يەنە ئاز بولمىغان پەرق بار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇلازىمەت كەسپىدە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى يوچۇق بىرقەدەر چوڭ، داۋالاش، سۇغۇرتا، مائارىپ، تەربىيەلەش قاتارلىق ساھەلەردە يۇقىرى دەرىجىلىكلەشكەن، خاسلاشقان تەمىنلەش يېتەرلىك ئەمەس، بەزى يۇقىرى كىرىملىك كىشىلەر توپى چېگرا سىرتىغا چىقىپ ئىستېمال قىلىشنى تاللىدى، بۇ، مۇلازىمەت كەسپىدە ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىشنىڭ يەنىلا بىرقەدەر زور يوشۇرۇن كۈچكە ۋە بوشلۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.

«15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا: «مۇلازىمەت سودىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش» «مۇلازىمەت ئېكسپورتىغا ئىلھام بېرىش» «تىرانسپورت، ساياھەت قاتارلىق مۇلازىمەتنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2026 - يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «مۇلازىمەتچىلىك ئىجازەت چەكلىمىسىنى تەرتىپلىك بوشىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ مۇلازىمەتچىلىك سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش» مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ كونكرېت مەزمۇنى قىلىندى.

يېقىندا، گوۋۇيۈەن «مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. پىكىردە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2030 - يىلىغا بارغاندا، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 100 تىرىليون يۈەنلىك پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ كۆپ «جۇڭگو مۇلازىمىتى» ماركىلىرى يېتىلدۈرۈلىدۇ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ دۇنياۋى رىقابەت كۈچى، تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى سىجىل ئاشۇرۇلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پىكىردە يەنە مۇلازىمەت كەسپىدە ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، قوشۇلما قىممەت تېلېگرافى، بىيوتېخنىكا، چەت ئەل سودىگەرلىرى مۇستەقىل مەبلەغ سالغان دوختۇرخانا قاتارلىق ساھەلەردە ئېچىۋېتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسى پاسسىپ تىزىملىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نۇقتىلىق دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان مۇلازىمەت سودىسى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى، ساياھەت مۇلازىمىتى ئېكسپورتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرادىن كىرىپ ئىستېمال قىلىشنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق كونكرېت مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئىجادىي ئىدىيەنى ئېلىپ كېلىش، ئەۋزەل بايلىقلارنى كىرگۈزۈش بىلەن بىللە، يەنە ئىسلاھاتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ھاسىل قىلىدۇ.

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېڭى بىر تۈركۈمدىكى بەلگە خاراكتېرلىك چوڭ - چوڭ تاشقى مەبلەغ تۈرىدىن 13نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تۇنجى قېتىم ئەشيا ئوبوروتى تۈرىنى تىزىملىككە كىرگۈزدى؛ بېيجىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى «بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق باج قايتۇرۇش» مۇلازىمەت يېڭى ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى؛ گۇاڭجوۋ كەسپىي بازارلارنىڭ مەملىكەت سىرتى كۆرگەزمە زالى، مەھسۇلات تاللاش مەركىزى ۋە مەملىكەت سىرتى ئامبىرىغا جايلىشىشىغا ئىلھام بەردى ۋە ئۇنى قوللىدى... بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مۇلازىمەت كەسپىنى تۇتقا قىلىپ ئىسلاھاتنى تۇتۇپ، مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەت مەدىتىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شۇ ئارقىلىق ئىقتىساد يېڭى قۇۋۋىتىنى تاۋلاپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلەندى.

ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋېتىپ ھەمكارلىق كۆزلەندى، دۇنياغا قۇچاق ئېچىپ تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلدى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، سۈپەت، ئۈنۈمنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىشى، ئېچىۋېتىشنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى جەزمەن تېخىمۇ قۇدرەتلىك قۇۋۋەتنى ئۇرغۇتۇپ، دۇنيانى كەڭ پۇرسەت، مۇقىم تەمىنات ۋە تەرەققىيات پايدىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.