− مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدىن ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتىگە نەزەر
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى
«15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، «ئىقتىساد خىزمىتىنى تېخىمۇ زور سالماق ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ياخشى تۇتۇش» «ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش»نى تەكىتلىدى ھەم بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىش، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىقىنى مەھكەم ئىگىلەش، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
ئىقتىسادنىڭ سىجىل تۈردە مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسىلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش
بۇ يىل 1 - پەسىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.0 ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ باشلىنىش قەدىمى كۈچلۈك بولدى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىندى».
يىغىندا شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئىقتىسادنىڭ سىجىل تۈردە مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسىلىش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشكە توغرا كېلىدۇ» «ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ زور سالماق ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك».
«يىغىن ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ، ھەم نەتىجىلەرنى كۆرۈپ، ھەم مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرماي، ھەقىقىي تۈردە ئىقتىساد خىزمىتىنى كۈچلۈك، ياخشى ئىشلەشنى تەكىتلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنىڭ روشەن سىگنالىنى تارقاتتى» دەپ بىلدۈردى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ لىنشەن.
باشلىنىش ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك. «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا ۋاقىت كۆزنىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىش تەشەببۇسكارلىقنى، ئەۋزەللىكنى، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالىدۇ.
«دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش» «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا، كەسىپ زەنجىرىنى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلغىلى بولۇشقا تۈرتكە بولۇش» «سىجىل تۈردە ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇش، كۆپەيمە مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇش» «كۈچەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش»... يىغىن بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى.
«يىغىندا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش تەكىتلەندى، ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ يۆنىلىشى ئېنىق، دەل جايىدا ۋە كۈچلۈك بولدى، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىش ۋە تاشقى بوشلۇقنى كېڭەيتىشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلدى، <ئاساسنى پۇختىلاش، ئومۇميۈزلۈك كۈچەش> تەلىپى نامايان قىلىندى، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، <15 - بەش يىل>نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت» دېدى گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى چېڭجيەن.
ماكرولۇق سىياسەتتىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىش
ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەت، دەل جايىدا بولغان ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇۋاپىق، كەڭ پۇل سىياسىتىنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇش كېرەك» «ماكرولۇق سىياسەتتىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىش كېرەك».
مالىيە سىياسىتى جەھەتتە، يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» تۆۋەن چېكىنى پۇختىلاش كېرەك.
«1 - پەسىلدە، دۆلىتىمىز مالىيە كىرىم - چىقىمىنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى، مالىيە چىقىمىدا ئالدىن پىلانلاپ كۈچەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىلگىرىلەش سۈرئىتى يېقىنقى بەش يىلدا ئەڭ تېز بولۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشكەنلىكى نامايان قىلىندى. مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، مالىيە چىقىم ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.» جۇڭگو مالىيە ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ياڭ جىيۇڭ مۇنداق دېدى: يىغىندا ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» تۆۋەن چېكىنى پۇختىلاش تەكىتلەندى، بۇ، ئاساسىي قاتلام مالىيەسىنىڭ مۇقىم، ساغلام يۈرۈشۈشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
پۇل سىياسىتىنى تەڭشەش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشتە، سىياسەتنى يولغا قويۇش سالمىقى، رىتىمى ۋە پۇرسىتىنى ياخشى ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «پۇل سىياسىتىنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، جانلىقلىقى، قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئوبوروتنىڭ يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك».
بېيجىڭ داشۆ گۇاڭخۇا باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى تيەن شۈەن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلار مۇۋاپىق، كەڭ پۇل سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش. تۈرلۈك پۇل سىياسىتى قوراللىرىدىن جانلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئوبوروتنىڭ يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاش ئارقىلىق، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى پۇل ۋە پۇل مۇئامىلە مۇھىتى ياراتقىلى بولىدۇ.
«ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنىڭ ئۇزاققىچە يۈكسىلىشى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىدىكى پۇختا تىرەك.» تيەن شۈەن مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز بازارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى شەكىللەندۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ساقلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆزلىمە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىدۇ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدە ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى داۋاملىق ساقلىشىدىن ئۈمىد بار.
ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىش
ئىستېمال ۋە مەبلەغ سېلىشتىن تەركىب تاپقان ئىچكى ئېھتىياج ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسىي موتور. دىققەتنى ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يىغىندا بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشلار قىلىنىپ، «ئەلا سۈپەتلىك تاۋار ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش» تەكىتلەندى.
«دۆلىتىمىزنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDPسى 14 مىڭ دوللارغا يېقىنلاشتى، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجى <بولۇش - بولماسلىق>تىن <ياخشى بولۇش - بولماسلىق>قا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلەتمەكتە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلار يېڭى ئىستېمال ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرمەكتە. كەلگۈسىدە، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى ئۇچتىن ماس كۈچەپ ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ بازارنىڭ ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچى يەنىمۇ قوزغىتىلىپ، تەرەققىياتنىڭ ئەۋرىشىملىكى ئاشۇرۇلىدۇ» دېدى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دۆلەت ئۇچۇر مەركىزى ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زوۋ يۈنخەن.
بۇ يىل 1 - پەسىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت جەھەتتىكى پارچە سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئېشىپ، تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسىدىن 3.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. مۇلازىمەت تىپىدىكى، ھېس قىلىش تىپىدىكى ئىستېمالنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم تۇتقىغا ئايلاندى.
يىغىندا مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش تەلەپ قىلىندى. «دۆلىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت كەسپى تېز تەرەققىي قىلىش بىلەن بىللە، تەمىنلەش قۇرۇلمىسى ئەلا بولماسلىق، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە يەنىلا دۇچ كەلمەكتە.» سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى پاڭ چاۋرەن مۇنداق بىلدۈردى: مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كەسىپلىشىش ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىشكە قاراپ ئۇزىرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى تەرەققىيات ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن بوشلۇق ئېچىشقا پايدىلىق.
ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتا ئىستېمالنى جانلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىش ۋە قوزغىتىش كېرەك. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «سۇ تورى، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر تورى، ھېسابلاش ئىقتىدارى تورى، يېڭى بىر ئەۋلاد خەۋەرلىشىش تورى، شەھەر يەر ئاستى تۇرۇبا تورى، ئەشيا ئوبوروتى تورى قاتارلىقلارنى پىلانلاش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك» «شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش باشلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك».
چىڭخۇا داشۆ جۇڭگو تەرەققىيات يىرىك پىلانى تەتقىقات ئورنىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى دۇڭ يۈ مۇنداق بىلدۈردى: چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ يېتەكلەش رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرغاندا، ئۈنۈملۈك سېلىنمىغا پائال تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش
زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تېز يۈكسىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ مۇۋاپىق نىسبىتىنى ساقلاش كېرەك».
«زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماددىي تېخنىكا ئاساسى. يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تايانچ قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك» دېدى جۇڭگو ئۇچۇر - ئالاقە تەتقىقات ئورنى سىياسەت ۋە ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شىن يۇڭفېي.
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاقىل ئىقتىساد يېڭى ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
«ھازىر، <سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +>نى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق گەۋدىنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەسلىي ئاقىل يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە يېڭى ئەندىزىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ئۆلچەملىك شەكلىنى بەرپا قىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى <كۈچلۈك كۆپەيمە مىقدار>غا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دېدى شىن يۇڭفېي.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ئىچكى تالىشىش شەكلى»دىكى رىقابەتنى چوڭقۇر تۈزەش كېرەك. دۇڭ يۈ مۇنداق بىلدۈردى: «ئىچكى تالىشىش شەكلى»دىكى رىقابەتنى چوڭقۇر تۈزەپ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بازار مۇھىتى بەرپا قىلىپ، كارخانا ئاساسىي گەۋدىسىنى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق رىقابەت ئەۋزەللىكىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش بازار ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ قوزغىتىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە سىجىل داۋالغۇش كۆرۈلۈپ، دۇنياۋى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك بولدى، 1 - پەسىلدە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ خام نېفىت، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %1.3 ۋە %3.0 ئاشتى. يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تاشقى زەربە ۋە خىرىسقا سىستېمىلىق تاقابىل تۇرۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
شىن يۇڭفېي مۇنداق بىلدۈردى: مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال قىلىش ۋە ئىمپورت قىلىش چوڭ دۆلىتى بولۇشتىن ئىبارەت دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت «ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىق»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئەھۋالدىكى بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۈچەپ دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش
دولقۇن قانچە كۈچلۈك بولغانسېرى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى شۇنچە ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. يىغىندا نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە قارىتا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
ھازىر ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم بولۇش ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىنىپ، بازار ئىشەنچى يەنىمۇ ئاشۇرۇلماقتا. يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۆي - زېمىن بازىرىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇپ، شەھەر يېڭىلاشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
«ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم بولۇش ۋەزىيىتى كۈچىيىۋاتىدۇ، لېكىن ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەر ئارىسىدىكى پەرق يەنىلا روشەن، مۇقىم ھالەتكە قايتىش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشكە توغرا كېلىدۇ.» جېجياڭ سانائەت داشۆسى جۇڭگو تۇرالغۇ ۋە ئۆي - زېمىن تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى يۈ شياۋفېن مۇنداق دېدى: يىغىندا شەھەر يېڭىلاشقا قارىتا ئېنىق ئورۇنلاشتۇرما ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ھەرقايسى جايلارنىڭ كونا كوچا رايونلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى قايتا بەرپا قىلىش، كەسىپ ھالىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ھاياتىي كۈچىنى قايتا ئۇرغۇتۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن كۈچلۈك قۇۋۋەت توپلايدۇ.
يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىنى تەرتىپلىك تۈگىتىپ، كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇل مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ياڭ جىيۇڭ مۇنداق قارىدى: قەرزنى تۈگىتىشكە دائىر بىر قاتار لايىھەلەرنى قاتتىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ يوشۇرۇن قەرزنى يېڭىدىن كۆپەيتىشىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ماس كېلىدىغان ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى يۆنىلىش قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قەرز مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تۈپتىن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى. يىغىندا ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، كاپىتال بازىرىنىڭ ئىشەنچىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بېيجىڭ سىفەن داشۆسى ئىقتىساد ۋە سودا - سانائەت باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جياڭ جيې مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىش ھازىرقى پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھ قىلىپ تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «سانىنى ئازايتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشىدۇ.
تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش
«مائارىپ، داۋالاش، ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» «تىرىك چوشقا قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش»... يىغىندىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلاردا دىققەت خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ روشەن سىگنالى تارقىتىلدى.
ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، تەرەققىياتنىڭ ئاساسى. يىغىندا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسەت يۆنىلىشىنى كۈچەيتىش» تەكىتلەندى.
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى سىياسەت تەتقىقات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى سۈي پېڭچېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىشقا ئورۇنلىشىشتا دوستانە تىپتىكى تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، سىغىمنى كېڭەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەردە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى قوللاپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كېلەچەك كەسىپ ساھەلىرىدە ئىش ئورنى ئېچىش پىلانىنى يولغا قويىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش بويىچە كەڭ كۆلەملىك تەربىيەلەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىمىز.
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىل ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، بۇ يىل دائىملىق يار - يۆلەك بولۇشقا ئۆتۈشنىڭ تۇنجى يىلى. يىغىندا «دائىملىق يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ يۈزبەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش» ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
«بىز قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش، يار - يۆلەك بولۇش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش قېلىپلاشقان، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈلىدىغان، ھەرىكەتچان تەڭشىلىدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەسلىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسلارنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، يار - يۆلەك بولۇش سىياسىتىدىن ئايرىلسا قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپ - خەتىرى كۆرۈلىدىغانلارغا بىز داۋاملىق يار - يۆلەك بولىمىز» دېدى يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى ياردەم بېرىش - يۆلەش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شۈ جيەنمىن.
خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى ئۈنۈمىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
جاڭ لىنشەن مۇنداق بىلدۈردى: سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ توغرا ياكى توغرا ئەمەسلىكى ئىجرا قىلىش سالمىقى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)






