تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

سۈرەتلىك ھېكايە∣يېزا-كەنتتە يىلتىز تارتىپ، تۈرلۈك تەملەرنى تەتقىق قىلدى قەشقەرلىق ياش تەم خۇرۇچلىرىنى چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇردى

4-ئاينىڭ 27-كۈنى، نۇرمەمەت زىياۋۇدۇن (سولدا) ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن تەم خۇرۇچلىرىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.

   تىيانشان تورى−شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات خەۋىرى، فوتوسى) 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ بازىرى ئالغا كەنتىدە، 35 ياشلىق نۇرمەمەت زىياۋۇدۇن ئۆزىنىڭ تەم خۇرۇچلىرى پىششىقلاش زاۋۇتىدا ئىشچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. ئون يىل ئىلگىرى، شۇ جايلىق بۇ ياش تېخنىكىسى كەمچىل، تىجارەت قىلىشنى بىلمەيدىغان ئادەتتىكى دېھقان ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە تەم خۇرۇچلىرى پىششىقلاش كەسپىگە تايىنىپ، شۇ جايدىكى بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى.

   بالدۇرلا جەمئىيەتكە قەدەم قويغان نۇرمەمەت بىلىم ۋە ماھارەت بولمىسا پۇت تىرەپ تۇرۇشنىڭ قىيىنلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. 2007-يىلى، ئۇ مەخسۇس ئۈرۈمچىگە بېرىپ، دۆلەت ئورتاق تىلى ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ئاساس سالدى. يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، ئۇ ئىشنى ئۇششاق سودا قىلىش، تەم خۇرۇچلىرىنى ۋاكالىتەن سېتىشتىن باشلاپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا تىجارەت يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. تەم خۇرۇچلىرى پىششىقلاش يادرولۇق تېخنىكىسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇ يەنە سىچۇەن، نىڭشيا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئىلغار ھۈنەر-سەنئەت ۋە تەجرىبىلەرنى يۇرتىغا ئېلىپ كەلدى.

4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەم خۇرۇچلىرى پىششىقلاش زاۋۇتىدا تېتىتقۇلارنى ئايرىپ قاچىلىماقتا.

   2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ يار-يۆلەك بولۇشى بىلەن، نۇرمەمەت تەم خۇرۇچلىرى پىششىقلاش زاۋۇتى قۇردى. زاۋۇت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئورۇن تار، ئاساس ئاجىز ئىدى، ئۇ ھۈنەرنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئاستا-ئاستا بازار ئاچتى. بۈگۈنكى كۈندە، زاۋۇت رايونى 1000 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كۆلەمگە كېڭەيتىلدى، مەھسۇلاتلىرى نوقۇل لازا قىيامىدىن داپەنجى تېتىتقۇسى، خوگو تېتىتقۇسى، چاۋمىفېن تېتىتقۇسى قاتارلىق 18 تۈرگە كېڭەيدى، مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىغا سېتىلىپ، يىللىق سېتىش سوممىسى 10 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى. كارخانا شۇ جايدىكى 20 كەنت ئاھالىسىنى ئىشلەشكە جەلپ قىلدى، ئۇلارنىڭ كىشى بېشى ئايلىق كىرىمى 2800 يۈەن بولدى.

   كېيىنكى قەدەمدە، نۇرمەمەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، ئاپتوماتلاشقان ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى.

4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەم خۇرۇچلىرى پىششىقلاش زاۋۇتىدا تېتىتقۇلارنىڭ ئېغىزىنى پېچەتلىمەكتە.

4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەم خۇرۇچلىرى پىششىقلاش زاۋۇتىدا مەھسۇلات توشۇماقتا.

4-ئاينىڭ 26-كۈنى، نۇرمەمەت زىياۋۇدۇن قەشقەردىكى شىنخۇا كىتابخانىسىدا كىتاب تاللىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.