تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياشانغانلار سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ «1-ماي»نى كۈتۈۋالدى  نەشپۈت شەھىرىدىكى بۇ مەھەللە مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى ئۆتكۈزدى

4-ئاينىڭ 28-كۈنى، سەنئەت ئۆمىكى ئەزالىرى «پارتىيەگە يەنە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» ناملىق ئۇسسۇلنى ئورۇنلىماقتا.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا خەۋىرى، فوتوسى) 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ كۆنچى دەرياسى بويىدىكى مودەنگۈل باغچىسى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈپ، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭرىدى. كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ «يېقىملىق ناخشا» سەنئەت ئۆمىكى بىلەن سايباغ كوچا باشقارمىسىغا قاراشلىق لىشياڭيۇەن مەھەللىسى بىرلىكتە «مەھەللىدىكى پۇقرالارغا مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش چوڭ سەھنىسى» پائالىيىتىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈپ، «1-ماي»نى كۈتۈۋېلىش تېمىسىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھۇزۇرىغا كاتتا مەدەنىيەت زىياپىتىنى سۇندى.

  4-ئاينىڭ 28-كۈنى، سەنئەت ئۆمىكى ئەزالىرى «ۋەتەن» ناملىق ناخشىنى ئېيتماقتا.

  4-ئاينىڭ 28-كۈنى، سەنئەت ئۆمىكى ئەزالىرى چالغۇ تەڭكەش قىلىنغان «ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىنى بىرلىكتە ئورۇنلايمىز» ناملىق نومۇرنى ئورۇنلىماقتا.

  ئويۇن چالغۇ تەڭكەش قىلىنغان «ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىنى بىرلىكتە ئورۇنلايمىز» ناملىق نومۇر بىلەن باشلاندى، ئەر، ئايال يالغۇز كىشىلىك ناخشا، قوش كىشىلىك ناخشا، ئۇسسۇل قاتارلىق نومۇرلار نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاندى. ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر خور ئۆمىكىنىڭ ھەربىي مارشى پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  4-ئاينىڭ 28-كۈنى، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت بىلىملەر توغرىسىدا سوئاللارغا تالىشىپ جاۋاب بەرمەكتە.

  ئىگىلىنىشىچە، «يېقىملىق ناخشا» سەنئەت ئۆمىكى دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيەگە چىققان 50 نەچچە كادىردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، 2023-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مەھەللىلەرگە بېرىپ، 130 مەيداندىن ئارتۇق خالىس ئويۇن قويۇپ، ياشانغانلارنىڭ سالاپىتى ئارقىلىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ۋە ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، نەشپۈت شەھىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى يارقىن نام كارتىسىغا ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.