4-ئاينىڭ 22-كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ قارايۇلغۇن بازىرى ئوتتۇرا دوغا كەنتىگە جايلاشقان بايىنغولىن ئوبلاستلىق «تېڭيۆ مىڭبۇلاق» يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا قايناق ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولغانىدى. يېڭى سۈت باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، ئارىلاشتۇرۇش، توڭلىتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىش تەرتىپى بويىچە پىششىقلانغاندىن كېيىن، شەكلى ھەر خىل بولغان يېڭى سۈت بۇدىڭى، شىنجاڭ كونا تەم بىڭگۇرى، مەدەنىيەت ئىجادىيەت ماروژنىسى قاتارلىق بەش تۈردىكى خاس مەھسۇلاتلار ئارقا-ئارقىدىن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن چىقىپ، قويۇق سۈتنىڭ خۇش ھىدى تارالدى.
ئوتتۇرا دوغا كەنتىدە ھازىر 110 سېغىن كالا بار بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى يېڭى سۈتنىڭ سېتىلىش يولى بىرلا خىل، قوشۇلما قىممىتى تۆۋەن ئىدى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى (شىركىتى)نىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىكتە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بۇ كەنتنىڭ سېغىن كالا باقمىچىلىقى بايلىقىغا تايىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىسى قۇرۇشقا يېتەكلىدى. بۇ كارخانا بۇ يىل 1-ئايدا رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، سۈتنى ئۆز جايىدا پىششىقلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، 10 نەچچە كەنت ئاھالىسىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتتى.
مۇخبىر: دۇ جيەنخۇي
ئوپېراتورلار: مۇ رۇيتىڭ، لى شىنيى، ياڭ يىجېڭ






