تىيانشان تورى−شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ چىڭخۇا خەۋىرى، فوتوسى) بىر مەيدان باھار يامغۇرىدىن كېيىن، توققۇزتارا ناھىيەسى كۆلدەنەڭ مەنزىرە رايونىدا بۇلۇت-تۇمان كۆتۈرۈلدى. قاتمۇقات بۇلۇت-تۇمانلار ئاستا-ئاستا شالاڭلىشىپ، ئۈزۈپ يۈرەتتى، خۇددى ھەممە يەرنى قاپلىغان يەڭگىل تور شايىدەك سۇس تۇمان، سۈپسۈزۈك كۆك ئاسمان، ئاپئاق قارلىق تاغ، ئەگرى-بۈگرى دەريا ئېقىنى، بىپايان ئورمان دېڭىزى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇراتتى، مەنزىرىسى گۈزەل، جىمجىت بولۇپ، خۇددى غايىۋى دۇنيادەك كۆرۈنەتتى.
دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، «شىنجاڭ تىيانشان دۇنيا تەبىئىي مىراس ئورنى»نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆلدەنەڭ مەنزىرە رايونىنىڭ ئەزەلدىن «تىيانشان يېشىل جىلغىسى، تىيانشان شەمشادى يۇرتى» دېگەن نامى بار. رايون ئىچىگە ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان تىيانشان شەمشادى ئىپتىدائىي ئورمىنى تارقالغان بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ئۆزگىچە جىلغا يەر شەكلى خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، ھەم ئېكولوگىيە ساياھىتى، تەتقىقات-ئوقۇتۇش-پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىستىراھەت-دەم ئېلىش قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك قىممەتكە ئىگە. ھەر يىلى باھار يامغۇرىدىن كېيىن، تاغ ئارىسىدا بۇلۇت-تۇمان مەنزىرىسى پات-پات كۆرۈنۈپ، ساپ، جانلىق تاغ-دالا يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقىدۇ.
4-ئاينىڭ 25-كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى كۆلدەنەڭ مەنزىرە رايونىدا، بۇلۇت-تۇمانلار قارلىق تاغ چوققىلىرىنى ئوراپ تۇراتتى.
4-ئاينىڭ 25-كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى كۆلدەنەڭ مەنزىرە رايونىدا، تاغ جىلغىسىنى تۇمان قاپلاپ تۇراتتى.
4-ئاينىڭ 25-كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسى كۆلدەنەڭ مەنزىرە رايونىدىكى بىر دەريانىڭ ئۈستىدە تۇمانلار لەيلەپ تۇراتتى.
4-ئاينىڭ 25-كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى كۆلدەنەڭ مەنزىرە رايونى دەريا ۋادىسىدا بۇلۇت-تۇمانلار لەيلەپ تۇراتتى.
4-ئاينىڭ 25-كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى كۆلدەنەڭ مەنزىرە رايونىدا، تاغ جىلغىسىدىكى قارىغايلىق بىلەن بۇلۇت ۋە تۇمانلار بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى.
4-ئاينىڭ 25-كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى كۆلدەنەڭ مەنزىرە رايونىدا، تاغ جىلغىسىدىكى قارىغايلىق بىلەن بۇلۇت-تۇمانلار بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى.
4-ئاينىڭ 25-كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى كۆندەلەڭ مەنزىرە رايونىدا، جىلغىنىڭ ئىچكىرىسىنى بۇلۇت ۋە تۇمان قاپلاپ تۇراتتى.
4-ئاينىڭ 25-كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى كۆلدەنەڭ مەنزىرە رايونىدىكى تاغ جىلغىسىدا تۇمان ئەتراپقا تارالدى.






