تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا خەۋىرى، فوتوسى) 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر يېزىسى قاراباغ كەنتىدىكى كۆچەتزارلىق بازىسىدا، كەنت ئاھالىسى ما شىڭفا كۆكتات مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇ 21 يىللىق مايسا يېتىشتۈرۈش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، ئائىلىسىدىكى ئۈچ پارنىكتا ھەر يىلى 2 مىليون تۈپتىن ئارتۇق كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ.
4-ئاينىڭ 28-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى كۆكتات مايسىلىرىنى توشۇماقتا.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىشەھەر يېزىسى كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئاغدۆڭ كەنتى، يىڭگۇەن تيەنيۈەن كىچىك بازىرى قاتارلىق جايلاردا كەسپىي مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكىدىن 50 نەچچىنى ئورتاق قۇردى. ھازىر دەل خاڭگا مايسىسى سېتىشنىڭ ئاۋات مەزگىلى بولۇپ، پارنىكتىكى خاڭگا، شوخلا، چەيزى قاتارلىق 120 نەچچە خىل سورتتىكى كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى سۆيۈندۈرەتتى.

4-ئاينىڭ 28-كۈنى، كەنت ئاھالىسى كۆكتات مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

4-ئاينىڭ 28-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى كۆكتات مايسىلىرىنى رەتلىمەكتە.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يېڭىشەھەر يېزىسى بۇ يىل 10 مىليون تۈپتىن ئارتۇق كۆكتات مايسىسى ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولۇپ، 10 مىڭ مودىن ئارتۇق كۆكتاتلىقنىڭ تېرىقچىلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن. كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈش كەسپى شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى خاس يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشتى.

4-ئاينىڭ 28-كۈنى، خېرىدار كۆكتات مايسىسى سېتىۋالماقتا.






