
ھازىر، جىڭ ناھىيەسىدە باش ئەتىيازدا تېرىلغان خاڭگالار بەس-بەستە بازارغا سېلىندى. 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، ماندان يېزىسى شىنجۇاڭ كەنتىدىكى كۆكتات ئۆستۈرۈش بازىسىنىڭ پارنىكلىرىدا سۈزۈلۈپ پىشقان تاتلىق مېۋىلەر، كۆكتاتلارنىڭ خۇش ھىدى دىماغلارغا ئۇرۇلاتتى، ياپيېشىل خاڭگالار پېلەكلەرگە لىق تولغان ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى مەۋقەنى شۇ جاينىڭ كىلىماتى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئەسلىھەلىك كۆكتات تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كەسپىنى زورايتتى. تېمپېراتۇرىنىڭ مۇقىم ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، پارنىكتىكى خاڭگالارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى داۋاملىق ئاشىدۇ، ئۈزۈش ۋاقتى 6-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ. يېڭى مېۋە-كۆكتاتلار بازارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈپ، ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تاماق ئۈستىلىنى بېيىتىپلا قالماي، دېھقانلارنىڭ كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىدۇ.

دېھقان كۆكتات سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ پېلەكلەر ئارىسىدا پىشقان خاڭگالارنى ئۈزمەكتە، ئۇنىڭ چېھرىدىن مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلەندى.

ھوسۇل ئېلىنغان خاڭگالار ئەتراپتىكى بازارلارغا توشۇلۇش ئالدىدا.






