تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1-دەرىجىلىك مۇكاپات! ئۇ خې جياۋلۇڭنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى دەرسخانىغا ئېلىپ كىردى...

    يېقىندا 2026-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئالىي كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسى «يېڭى دەرس، تايانچلارنى چېنىقتۇرۇش» ئوقۇتۇش كۆرسەتمە پائالىيىتى چۇڭچىڭ شەھەر باشقۇرۇش كەسپى شۆيۈەنىدە ئاياغلاشتى. شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى-ئوفىتسېرلار كەسپىي شۆيۈەنىنىڭ ياش ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىسى ۋۇ شياۋنى خې جياۋلۇڭنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى يادرولۇق مىسال قىلىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، «ئىدىيە-ئەخلاق ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش» بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھېكايىسىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوقۇتۇش سەھنىسىگە ئېلىپ چىقتى.

شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى-ئوفىتسېرلار كەسپىي شۆيۈەنىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسى ئوقۇتقۇچىسى ۋۇ شياۋنى ئوقۇتۇش كۆرسەتمىسى قىلماقتا.

سۈرەتنى شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى-ئوفىتسېرلار كەسپىي شۆيۈەنى تەمىنلىگەن

     مۇسابىقىدە، ۋۇ شياۋنى قۇرۇق سۆز قىلىش ئۇسۇلىنى چۆرۈپ تاشلاپ، خې جياۋلۇڭنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چېپىپ يۈرۈپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش ئارقىلىق ئېقىم مىقدارىنى يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىغا ئايلاندۇرۇشتەك ھەقىقىي كەچۈرمىشىنى جانلىق دەرسلىك قىلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش روھىنى دەرسلىككە سىڭدۈردى. ئۇنىڭ دەرس ئۆتۈش لوگىكىسى ئېنىق، ھېسسىياتى سەمىمىي، ھەم نەزەرىيە چوڭقۇرلۇقىغا، ھەم تۇرمۇش ئىللىقلىقىغا ئىگە بولۇپ، نەق مەيداندىكى باھالىغۇچىلار ۋە جايلاردىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلارنى تەسىرلەندۈردى.

    بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى مەملىكەتلىك ئالىي كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشى ئىتتىپاقى ئۇيۇشتۇرغان. مۇسابىقە تەييارلىقى باشلىنىشى بىلەن، شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى-ئوفىتسېرلار كەسپىي شۆيۈەنى ماركسىزم شۆيۈەنى مەخسۇس دەرس تەييارلاش ئەترىتى تەشكىللەپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، دېلو مىساللىرىنى قېزىش، دەرسخانىدا قايتا-قايتا مۇھاكىمە قىلىشنى چۆرىدەپ، خې جياۋلۇڭنىڭ ئەمەلىي ئىشلەش ھېكايىسىنى جانلىق سۆزلەپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسىنى ئوقۇغۇچىلارغا، رېئاللىققا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى.

    «خې جياۋلۇڭ ئەتراپىمىزدىكى كۆرگىلى، ئۆگەنگىلى بولىدىغان ئۈلگە، ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەپ بېرىشتىكى مەقسەت كۆپچىلىككە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ۋە تۆھپە قوشۇشنىڭ يىراق ئەمەسلىكىنى، كۈندىلىك ئەمەلىي ئىشلەش ۋە چىڭ تۇرۇش جەريانىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش.» ۋۇ شياۋنى مۇنداق دېدى: مۇكاپاتقا ئېرىشىش شەخسنىڭ ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ روھىنى ئېتىراپ قىلغانلىق. كەلگۈسىدە ئەتراپىمىزدىكى ئۈلگىلەردىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئېتىقاد ئارقىلىق ياشلىق باھارىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەيمىز.

 «شىنجاڭ گېزىتى»ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.