تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

«گۈل»دەك بېيىش كورلىدىكى بۇ پارنىكلار يىلىغا 5 مىليون تەشتەكتىن ئارتۇق كۆچەت بىلەن تەمىنلەيدۇ

4-ئاينىڭ 27-كۈنى، گۈلچى دېھقانلار گۈللەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى، خەۋىرى) 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىسى ئاغدۆڭ كەنتىدىكى گۈل-گىياھ پارنىكىدا پۈچەكگۈل، تاجىگۈل قاتارلىق ئون نەچچە خىل گۈل-گىياھ بەس-بەستە پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. كەنت ئاھالىلىرى بۇ يەردە ئالدىراش ئىشلەپ، گۈل-گىياھلارنى پەرۋىش قىلىش، ئايرىپ قاچىلاپ توشۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇۋاتاتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاغدۆڭ كەنتى ئۆلچەملەشكەن تېرىقچىلىق پارنىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، خاس كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن كەنتتە 35 ئۆلچەملەشكەن تېرىقچىلىق پارنىكى قۇرۇلۇپ، كۆلەملەشكەن سامان غوللۇق گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش بازىسى شەكىللىنىپ، يىلىغا 5 مىليون تەشتەكتىن ئارتۇق كۆچەت بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. ئەلا سۈپەتلىك گۈل-گىياھ كۆچەتلىرى شەھەرنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى سىجىل تەمىنلەپ، ھەم نەشپۈت شەھىرىدىكى كوچىلارنى بېزەپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلىدى، ھەم خاس تېرىقچىلىق كەسپىگە تايىنىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا مۇقىم تۈرتكە بولدى.

4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ساياھەتچى گۈل تاللىماقتا.

4-ئاينىڭ 27-كۈنى، گۈلچى دېھقانلار گۈل-گىياھلارنى رەتلىمەكتە.

​4-ئاينىڭ 27-كۈنى، گۈلچى دېھقانلار گۈل-گىياھلارنى توشۇماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.