تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

زاپاس ئاشلىق ئامبىرى تۈر قۇرۇلۇشى ئالدىراشچىلىقى

   4-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ بىڭتۇەنى سۇچىلىق-سۇ، ئېلېكتىر قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى بىڭتۇەن 2-شى تيېمېنگۇەن شەھىرىنىڭ تۇەن دەرىجىلىك زاپاس ئاشلىق ئامبىرى ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىدە قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى قىلماقتا. بۇ تۈر بىڭتۇەن 2-شى تيېمېنگۇەن شەھىرى 22-تۇەنىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاساسلىقى بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىق ئاساسلىق ئاشلىقنى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، تيېمېنگۇەن شەھىرى ھەم ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئاشلىقتا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، بازاردىكى داۋالغۇش ۋە تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئاشلىقنى تەڭشەش-تىزگىنلەشتە «بىر تاختا شاھمات» بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.    ئىختىيارىي مۇخبىر شيې جياڭلىن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.