بۇ بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان خاتا قاراش.
يۈز چاپلىقىنى زىيادە كۆپ ئىشلىتىش تېرىنى تېخىمۇ ساغلام قىلمايلا قالماستىن، ئەكسىچە تېرىگە بېسىم ئېلىپ كېلىشى، ھەتتا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

يۈز چاپلىقىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى قىسقا مۇددەتلىك نەملىك ساقلاش ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش، لېكىن، ئۇ بارلىق تېرە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال ۋاسىتە ئەمەس.
ئالدى بىلەن، تېرە تەبىئىي ھالدا ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە، يۈز چاپلىقىنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلەتكەندە بۇ خىل تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ، سۇ بىلەن ماينىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرە قۇرغاقلىشىش، مايلىق بولۇش ياكى زىيادە سېزىمچانلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ، بەزى يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئاكتىپ تەركىبلەر مول بولغان يۈز چاپلاقلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈمى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە ئەكسىچە تېرىنىڭ تەبىئىي تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، تېرە ياللۇغى ۋە زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىككىنچىدىن، نۇرغۇن يۈز چاپلىقى مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىنىڭ سۈپىتى ئوخشاش ئەمەس، قىسمەنلىرىدە ئاسان غىدىقلايدىغان، رېئاكسىيە قىلىدىغان تەركىبلەر بار، ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە تېرىگە يوشۇرۇن زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. بولۇپمۇ سەزگۈر تېرىگە نىسبەتەن بۇ خىل خەتەر تېخىمۇ چوڭ.
ئاخىرىدا، ساغلام تېرە ھالىتىنى ساقلاش ھەرگىزمۇ بىرلا خىل پەرۋىش مەھسۇلاتىغا تايىنىۋالماستىن، بەلكى ئومۇميۈزلۈك پەرۋىش لايىھەسىگە موھتاج. ساغلام تېرە ياخشى تۇرمۇش ئادىتىدىن كېلىدۇ، ئۇ ئاپتاپتىن ساقلىنىش، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، يېتەرلىك ئۇيقۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تېرىنى قىسمەن ئاسراشنىڭ ئاساسى كۈندىلىك تازىلىق، نەملىك ساقلاش ۋە ئاپتاپتىن ساقلىنىش بولۇشى كېرەك، يۈز چاپلىقى ئەڭ كۆپ بولغاندا كۈندىلىك زۆرۈر بۇيۇم ئەمەس، بەلكى تۆلەم ۋاسىتىسى بولۇشى كېرەك.
ئەگەر يۈز چاپلىقى چاپلايدىغان ئادەت بولسا، ھەر ھەپتىدە 2 ~ 1 قېتىم بولسىلا كۇپايە، ئۇنىڭغا زىيادە تايىنىۋالماسلىق كېرەك.
ئاپتور: تاڭ جياۋچىڭ، تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى، تېببىي پەنلەر دوكتورى، جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: شۈ مىن، تيەنجىن تېببىي داشۆسى مېتابولىزم كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى (تيەنجىن تېببىي داشۆسى جوۋ شيەنيى خاتىرە دوختۇرخانىسى) تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى






