− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر يۈرۈشلۈك بايان (3)
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇ جې، ليۇ جېن
باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىش، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، يېڭى دەۋردىكى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، «پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش» ئاچقۇچلۇق تىرەك.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت كەسپى كۆلىمى مۇقىم قەدەمدە كېڭىيىپ، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى سىجىل ئۆسۈپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرەك بولۇش، خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچ قوشۇشى ئارقىلىق مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇش كېرەك.
پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇنى يۇقىرى دەرىجىلىك كەسىپكە قاراپ كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇشتىكى يادرولۇق يول.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كەسپىيلىشىشى ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بولۇشقا قاراپ ئۇزىرىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان مۇلازىمەت كەسپى يېڭى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئېنىق تەلەپ قىلىندى.
ئۈنۈم − مۇلازىمەت كەسپى رىقابەت كۈچىنىڭ يادروسى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت كەسپى بايلىقىنى تەقسىملەشنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇش، كەسىپلەرنىڭ ماسلىشىشىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.
جېجياڭدىكى نىڭبو جىنشەن شۇاڭلۇ باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا 5G مۇھىتىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروتى تورى بەرپا قىلىنىپ، ئاپتوماتىك يېتەكلىنىدىغان توشۇش ئاپتوموبىلى ئارقىلىق باتارېيە خام ماتېرىيالى، يېرىم تەييار مەھسۇلات ۋە تەييار مەھسۇلاتنى ئاپتوماتىك ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئوبوروت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئامباردا ساقلاش ئوبوروت ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. بۇ كۆرۈنۈش دەل زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى بىلەن ئىلغار ياسىمىچىلىقنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىققا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزگىرىشلەر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈزبەرمەكتە: خۇنەن چاڭشا شەھىرى مالەنشەن سىنلىق مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسىپلەر باغچىسىغا تايىنىپ، ئۈن - سىن جابدۇق كەسپى بىلەن رەقەملىك مەدەنىيەت كەسپىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى؛ گۇاڭشى گۇيگاڭ شەھىرى يىنۇڭ ئاقىل شال دېھقانچىلىق مەيدانىدا، بېيدوۋ يول باشلاش ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەيدەش سىستېمىسى يەر ئاغدۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئادەمسىز مەشغۇلات قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنىڭ پۈتۈن زەنجىرىگە سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، قىممىتىنى ئاشۇرۇشتىكى تىرەكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىپنى ئۆزگەرتىش تېزلىتىلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپى قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بولۇشقا قاراپ ئۇزىرىشىغا كۈنسېرى تۈرتكە بولماقتا.
پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، مۇلازىمەت تەمىناتىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ: تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىللاشقان، قولايلاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا: «ئەلا سۈپەتلىك تاۋار ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى كېڭەيتىش» «مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش ئۈچۈن، پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچ قوشۇشى ئارقىلىق، دىققەت خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلماقتا.
توڭلاتقۇ يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى پەرقلەندۈرگەندىن كېيىن يېڭى پېتى ساقلاش، باشقۇرۇش ۋە مال سېتىۋېلىش تەكلىپى بېرەلەيدۇ، كىرئالغۇ كىيىم - كېچەكلەرنىڭ ماتېرىيالىغا ئاساسەن ئاپتوماتىك ھالدا يۇيۇش، ئاسراش لايىھەسى ھاسىل قىلالايدۇ؛ شاڭخەي قاتناش داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى رۇيجىن دوختۇرخانىسى يولغا قويغان كۆپ مودېل ھالىتىلىق پاتولوگىيەلىك چوڭ مودېلنى جەمئىي 100 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق قوللىنىش تاماملىنىپ، كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇش - داۋالاشقا ئۈنۈملۈك كۈچ قوشۇلدى؛ گۇگۇڭ سارىيى AI مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي ياردەمچىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىنى پەرقلەندۈرەلەپلا قالماي، يەنە ساياھەتچىلەرنىڭ توختاپ تۇرۇش ۋاقتىغا ئاساسەن چۈشەندۈرۈش مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەڭشىيەلەيدۇ...
چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋەكىللىكىدىكى پەن - تېخنىكا يېڭى كۈچلىرى خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، كۈندىلىك ئائىلە تۇرمۇشى، ساغلاملىقنى دەل جايىدا باشقۇرۇش، زاكازلاشقان مەدەنىيەت - ساياھەت تەسىراتى قاتارلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ مايىللاشتۇرالايدۇ.
«سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش، ياسىمىچىلىق كەسپىنى رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش... پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچلۈك موتور قىلغاندا، مۇلازىمەت كەسپى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 2030 - يىلىغا بارغاندا 100 تىرىليون يۈەنلىك پەللىگە چىقىشىغا كۈچ قوشۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشتىن ئۈمىد بار.
پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشتىكى مۇھىم تەدبىر.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رەقەملەشكەن، تورلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، «رەقەملىك ھاڭ»نى تۈگىتىشكە ئورتاق كۈچەپ، مۇلازىمەت - سودىنىڭ رەقەملىشىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
پەن - تېخنىكا − ۋاسىتە، مۇلازىمەت − مەقسەت. باشتىن - ئاخىر ئادەمنىڭ ئېھتىياجىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كەسىپنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھارارەتنى ساقلاپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنىڭ ياشانغانلار، مېيىپ كىشىلەر، يېزىلار ھەم چەت - ياقا رايونلارغىچە كېڭىيىشى ۋە قاپلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
بۈگۈنكى كۈندە، كۆرۈش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەر ئەمالارغا يول باشلايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئاپشاركىغا تايىنىپ كوچىلاردا ماڭالايدىغان بولدى، چەت، يىراق يېزا - كەنتلەردىكى ئوقۇغۇچىلار تور دەرسخانىسى ئارقىلىق داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ھەر ۋاقىت ھەمتۈرتكە بولالايدىغان بولدى، ياشانغانلارمۇ قىسقا سىن سۇپىسىدا ئىجادىيەتلىرىنى ھەمبەھرىلەپ «ياشانغان ۋاڭخۇڭ»غا ئايلاندى.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان 3000دىن ئارتۇق تور بېكىتى ۋە APP ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ھەم توسالغۇسىز ئۆزگەرتىشنى تاماملىغان؛ دۆلىتىمىزدە يېزىلاردا ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %69.5كە يەتكەن.
يىراق مۇساپىلىك داۋالاشتىن بۇلۇت دەرسخانىسىغىچە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازلىرىدىن ئاقىل ساغلاملىق - كۈتۈنۈشكىچە، ئىلگىرى تەسەۋۋۇردىكى بىر قاتار كۆرۈنۈشلەر پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسى ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇشتىكى ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلاندى. پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش «رەقەملىك ھاڭ»نى «رەقەملىك پايدا»غا ئايلاندۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزدى.
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «ياشانغانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى قوللىنىش قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»دە ياشانغانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى قوللىنىش جەھەتتە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش تەلەپ قىلىندى؛
توققۇز تارماق بىرلىكتە «پەن - تېخنىكا ئارقىلىق مېيىپلەرگە ياردەم بېرىشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش بويىچە پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەلا سۈپەتلىك پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى تەمىناتىنى ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛
2026 - يىلى مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە، رەقەملىك يېزا - كەنتلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ۋە چەت، يىراق رايونلارنىڭ تور بىلەن قاپلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى...
بىر قاتار سىياسەتلەر تېز سۈرئەتتە ئەمەلىيلەشتى، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش ئاقىل مۇلازىمەت كاپالىتى تورىنى بارغانسېرى زىچ قىلىدۇ.
پەن - تېخنىكا گۈللەنسە كەسىپ گۈللىنىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش كۈچەيسە مۇلازىمەت كۈچىيىدۇ.
«15 - بەش يىل»لىق يېڭى مۇساپە باشلاندى، قەدەم ئېلىندى، بىز جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچ قوشۇشى ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك زامانىۋىلاشقان مۇلازىمەت كەسپى يېڭى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.
پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر كۈچ قوشۇشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ ئەۋرىشىملىككە ئىگە، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان، تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولغان زامانىۋىلاشقان مۇلازىمەت كەسپى يېڭى سىستېمىسى مۇقەررەر تېز شەكىللىنىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)






