□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا
يېقىندا، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ كۆرگەزمە ئويۇن قويۇش كوللېكتىپى ئەتلەس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى كىيىم - كېچەكلىرىنى ئېلىپ فىرانسىيەدىن قايتىپ كەلدى. پارىژ كىتاب بايرىمىدا، بۇ يۈرۈشلۈك ئەسەر جۇڭگو كىيىم - كېچەك تۈرىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىردىنبىر ۋەكىللىك تۈرى سۈپىتىدە كۆرگەزمە قىلىنىپ، دۇنياغا شەرق ئېستېتىكىسى ۋە جۇڭگو كەسپىي مائارىپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى.
شۇ جاي ۋاقتى 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، 2026 - يىللىق پارىژ كىتاب بايرىمى پارىژ چوڭ خۇاڭگۇڭ سارىيىدا باشلاندى. شۇ مەزگىلدە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئىمپورت - ئېكسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلغان، جۇڭخۇا كەسپىي مائارىپ جەمئىيىتى تەشكىللەپ يولغا قويغان «قەدىمىي كىتابلاردىكى جۇڭگو − جۇڭخۇا كەسپىي مائارىپى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئوقۇتۇش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى»دە، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئەتلەس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى كىيىم - كېچەكلىرى ئوقۇتۇش نەتىجىلىرىنى ئېلىپ كەلدى.
جۇڭگو كۆرگەزمە رايونىدا، بۇ مەكتەپنىڭ كۆرگەزمە ئورنى نۇرغۇن تاماشىبىننى جەلپ قىلدى. توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن خۇاڭ فابەي، يې باۋۋېن، چېن جىڭيى ئەمەلىي بۇيۇم، ھەرىكەت ھالىتىدە كۆرسىتىش ۋە چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىش ئارقىلىق، پۈتۈن دۇنيادىكى كۆرگەزمىگە قاتناشقان 1000دىن ئارتۇق ئاپپاراتقا ئەتلەس توقۇش - بوياش ھۈنىرى بىلەن كىيىم - كېچەك لايىھەلەش يۇغۇرۇلغان بەدىئىي جەلپكارلىقنى نامايان قىلدى. چىرايلىق گۈل نۇسخىلىرى، نەپىس ھۈنەر - سەنئىتى ھەمدە ئەنئەنە بىلەن مودىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى ھەرقايسى دۆلەت تاماشىبىنلىرى ھەم خەلقئارادىكى تاراتقۇلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
«نۇرغۇن چەت ئەللىك دوستلار شىنجاڭدىن كەلتۈرۈلگەن بۇ كىيىم - كېچەكلەرگە ئىنتايىن قىزىقىپ، بۇ جۇڭگونىڭ يىپەكلىرىمۇ، قەيەردىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ، دەپ توختىماي سورىدى» دەپ تونۇشتۇردى خۇاڭ فابەي. خۇاڭ فابەي كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان كىيىم - كېچەكلەرنىڭ لايىھەلىگۈچىسى، شۇنداقلا تۇنجى تۈركۈمدىكى «شىنجاڭ ھۈنەرۋەنلىرى» تۈرىگە تاللانغان كىشى. بۇ قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان ئەسەرلەر ماميەن قاتلاق يوپكىسى، چىپاۋ، كاستۇم - بۇرۇلكىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل پاسوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان، «بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنى بىز ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ئىجاد قىلدۇق. بۇ ئەسەرلەرنى ئېلىپ پارىژغا كېلىپ، جۇڭگونىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى دۇنياغا نامايان قىلالىغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن پەخىرلەندۇق» دېدى خۇاڭ فابەي.
ئەتلەس «يىپەك يولىدىكى تىرىك تاشقاتما» دەپ تەرىپلىنىدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ پىلە بېقىش، يىپەك تارتىش تېخنىكىسى بىلەن غەربىي يۇرتنىڭ توقۇش، بوياش ھۈنەر - سەنئىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئەقىل - پاراسەت جەۋھىرى. بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى 2015 - يىلى شىنجاڭ ئەتلەس تەتقىق قىلىپ ئېچىش، كېڭەيتىش مەركىزى قۇرۇپ، كەسپىي ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى زامانىۋى تۇرمۇشتا جانلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولدى.
مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار ئۆمىكىنى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھۈنەرۋەنلەرنى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللەپ، 200 خىلدىن ئارتۇق ئەنئەنىۋى گۈل نۇسخىسىنى توپلاپ، رەتلەپ، رەقەملىك گۈل نۇسخىسى ئامبىرى قۇرۇپ، ئوقۇتۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا ئاساس سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم ئاسىيا - ياۋروپا مودا كىيىم ھەپتىلىكى، جۇڭگو خەلقئارا مودا كىيىم ھەپتىلىكى قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆرەكلەردە نامايان قىلىندى، «ئەتلەس كىيىم - كېچەكلەر كوئېنلۇندا كۆزنى قاماشتۇرۇش . تىيانشاندىن چىقىش» داڭلىق ماركىسى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئەنئەنە بىلەن مودا يۇغۇرۇلغان بىر قاتار لايىھە ئەسەرلىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى.
«خەلقئارا سەھنىگە چىقالىغانلىقىمىز ھەر ساھەنىڭ مەكتىپىمىزنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئوقۇتۇش نەتىجىلىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.» شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۈگاڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەكتىپىمىز ئەتلەسكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.






