تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

سانائەت ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش يېڭى بولۇشقا، يۈكسىلىشكە قاراپ يۈزلەندى

ياسىمىچىلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، زەنجىر توپى شەكىللەندۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش

سانائەت ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش يېڭى بولۇشقا، يۈكسىلىشكە قاراپ يۈزلەندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا بىرقەدەر تېز ئېشىش ۋەزىيىتى داۋاملىشىپ، نۇقتىلىق ساھەلەر كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچى سىجىل ئەسلىگە كېلىپ، ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 1 - پەسىلدە، شىنجاڭ بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.8، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. سانائەت ئىقتىسادى ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىسىگە ئالدى، تەرەققىيات قەدىمى پۇختا، كۈچلۈك بولدى.

ھەمبەھرە ياسىمىچىلىقتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش

جابدۇق كەسپى كۈچ توپلاپ قەد كۆتۈردى

«بۇ يىل سانائەت ۋەزىيىتى ياخشى بولۇپ، تەرەققىيات ئۇلى پۇختىلاندى. سانائەتنىڭ <تۇراقلاشتۇرغۇچ>لۇق رولى يەنىمۇ گەۋدىلەندى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋېي خۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 1 - پەسىلدە، سانائەتتىكى ئۈچ چوڭ تۈر تەڭ ئىلگىرىلىدى، ماس كۈچ چىقاردى، ياسىمىچىلىق، كانچىلىق، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش كەسپى كۆپ نۇقتىدىن تىرەك بولۇپ، سانائەتنىڭ مۇقىم ئېشىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش دولقۇنىدا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، ياسىمىچىلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش مۇسابىقە يولىدا ئالدى بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يول ئاچتى، يول باشلىدى.

شىنجاڭ داداۋ ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ياسىمىچىلىق زاپچاسلىرى «ھەمبەھرە زاۋۇتى» − ئوتتۇراھال قېلىن تاختىلىق قاچىلاش ئۈسكۈنىسى تۈرى بۇلتۇر 10 - ئاينىڭ ئاخىرى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلدى، بۇ يىل 1 - پەسىلدە 1 مىليارد 400 مىليون يۈەندىن ئارتۇق زاكازغا ئېرىشتى، زاكاز يىل ئوتتۇرىسىغىچە تىزىلدى.

پىلان بويىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى بەش «ھەمبەھرە زاۋۇت» ئارقا - ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئۈنۈمى سىجىل زورايتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئومۇمىي سېلىنمىسى 48 مىليون يۈەن بولغان چۇڭچىڭ ئېلېكتىرلىك ھەل بېرىش كەسپى ئۈلگە كارخانىسى تەۋەلىكىدىكى رايونغا ماكانلىشىپ، يېڭىدىن نۇرغۇن كەسپىي ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرۇپ، 6 - ئايدا ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەش ھەم ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى تاماملاپ، سىرتقى يۈزنى بىر تەرەپ قىلىش زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە بەرپا قىلىپ، رايوننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىقىنىڭ يۈرۈشلۈك كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاپ، يېپيېڭى قۇۋۋەت قوشۇشنى پىلانلىدى.

مەۋقەنى ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتقا قويۇپ، بۇ رايون پۈتۈن شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسىپ توپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، ئاساسىي تېخنولوگىيە ئاجىز تۈرلىرىنى تولۇقلاپ، ئاچقۇچلۇق زاپچاسلارنى يەرلىكلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، 2 - دەرىجىلىك تەمىنات سودىگەرلىرىنى ماكانلىشىشقا، توپلىشىشقا جەلپ قىلىدۇ. تىرىشىپ «15 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە، جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ شۇ جايدا يۈرۈشلەشتۈرۈلۈش نىسبىتىنى ھازىرقى %3تىن %30كە، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى %10تىن %75كە تېز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن زەنجىرى مۇكەممەل، ئىقتىدار دەرىجىسى تېز ئۆستۈرۈلگەن جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسىپ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىدۇ.

زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىش

توقۇمىچىلىق كەسىپ توپى گۈللەپ ياشنىدى

ئۆزگىچە پاختا بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بۇ يىل شىنجاڭ توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېزلەشتى، 1 - پەسىلدە، توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22 ئاشتى، ھەرقايسى چوڭ پاختا - توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشى تەڭ جانلاندى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ سانائەت باغچە رايونىدىكى مەلۇم توقۇمىچىلىق كارخانىسى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، بازارغا سېلىش قەدىمىنى سىجىل تېزلىتىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى. «بىز 200 خىلدىن ئارتۇق نۇسخىدىكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالايمىز، ھەم مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالايمىز، ھەم بازارنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىغا تېز ئۇيغۇنلىشالايمىز.» كارخانىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ فاڭجيې مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختىسىدىن ئىبارەت بۇ بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، يىپ ئېگىرىش، يىپ تەييارلاشتىن پايپاق توقۇشقىچە بولغان مۇكەممەل ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدۇق. 1 - پەسىلدە، بۇ كارخانىنىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت سوممىسى 3 مىليون 250 مىڭ دوللارغا يەتتى.

جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا توقۇمىچىلىق كەسپى تەڭ ئىلگىرىلىدى. 1 - پەسىلدە، شىخو شەھىرىدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ جەمئىي ياراتقان ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 227 مىليون 500 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44.02 ئاشتى؛ تاماملىغان سانائەت قوشۇلما قىممىتى 42 مىليون 110 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.9 ئاشتى.

4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، شىخو شەھىرى خېڭفەن پاختا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئاپتوماتلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان 17 ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تولۇق نورمىلىق ئىشلەۋاتاتتى، زاكاز 7 - ئايغىچە تىزىلغان بولۇپ، مەھسۇلات ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتاتتى. «1 - پەسىلدە، كارخانىمىز جەمئىي 1500 توننا پاختا يىپ ئىشلەپچىقىرىپ، 30 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ياراتتى.» شىركەتنىڭ دىرېكتورى لى جيەنفېڭ مۇنداق دېدى: پۈتۈن يىللىق 120 مىليون يۈەن سېتىش سوممىسى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىمىز.

ھازىر، شىنجاڭنىڭ سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇۋاتقان تىجارەت - سودا مۇھىتى، شۇنداقلا كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش سىياسىتىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە (ئايرىم ئايلىق ئىستاتىستىكا)، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ نېفىت خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، پايدا ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 38.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە پايدا سەۋىيەسى ماس قەدەمدە ئاشتى.

يېشىللاشتۇرۇش بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى قوش يۆنىلىشلىك يۇغۇرۇش

يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردە تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىندى

يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىش دولقۇنى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سانائەت ساھەسىنى قاپلىدى، ھەرقايسى چوڭ كارخانىلار تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتكۈل زەنجىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ماس قەدەمدە بولۇش، ماس تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

شىنجاڭنىڭ مىس تاۋلاش كەسپىدىكى باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ۋۇشىن مىسچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىش يۆنىلىشىنى نىشانلاپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشتى. 1 - پەسىلدە، بۇ كارخانىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش بويىچە ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش تۈرىدە نەتىجە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80.05 ئاشتى. شىركەتنىڭ داشقال تاللاش سېخىنىڭ تېخنولوگىيە خادىمى مەن تيەنشىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «مېتال تاۋلاشتىكى داشقال بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش سانائەت تەجرىبە تۈرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر يىلى 1000 توننىدىن ئارتۇق مېتال مىسنى يىغىۋالغىلى بولىدۇ، ھازىرقى بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، يىلىغا يېڭىدىن كۆپىيىدىغان ئىقتىسادىي ئۈنۈم 68 مىليون يۈەن بولىدۇ.» ھازىر، ۋۇشىن مىسچىلىق شىركىتى يېشىل مېتال تاۋلاش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت، يېڭى ماتېرىيالدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلەكنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېشىل توكنى ئورنىغا دەسسىتىش، قالدۇق ئىسسىقلىقنى يىغىۋېلىش، نېيترال سۇدىن قايتا پايدىلىنىش قاتارلىق يېشىل تۈرلەرنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ تىپىنى يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىپقا ئۆزگەرتىش ئۈلگىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلماقتا.

4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، شىنجاڭ رۇنجىڭ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەيتتى، ئىشلەپچىقىرىش ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى. بۇ كارخانا قومۇلنىڭ ئەرزان، مۇقىم بولغان يېشىل ئېلېكتىر بايلىقىغا تايىنىپ، ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىملىق بىرىكتۈرۈش تېخنولوگىيەسىگە تايىنىپ ئىشلەپچىقارغان ئالماس يەككە كىرىستالىنىڭ سۈپىتى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى، جابدۇق، يورۇقلۇق ۋولت، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك تەمىنات زەنجىرىگە كىرگۈزۈلدى. شىركەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ۋاڭ فېڭلى مۇنداق بىلدۈردى: «تۈرنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىش كۆزلىمە نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 500 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، قومۇلنىڭ ئەنئەنىۋى بايلىق ئېچىشتىن يۇقىرى دەرىجىلىك ياسىمىچىلىققا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق ماتېرىيال كەسپىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلىرى ئۈچۈن ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرىدۇ، بۇ، رايون ياسىمىچىلىقىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ».

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپلەر چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى قۇۋۋەت جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. 1 - پەسىلدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.8 ئاشتى، يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش، بىيوتېخنىكا كەسپى ئايرىم - ئايرىم %57.2، %17.5، %9.2 ئاشتى؛ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %9.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭكىدىن 1.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.