—— ئۇلۇنگۇر كۆلى ناملىق پاراخوتتا ئانا - بالا تۈمەن چاقىرىملىق مۇساپىدىن ھالقىپ جەم بولدى

4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، باھارگۈل ئۇلۇنگۇر كۆلى ناملىق پاراخوتقا چىقىپ، كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان ئوغلىنى قۇچاقلاپ، ئۇنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويدى.
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي خەۋىرى، فوتوسى
4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، گۇاڭدۇڭ جەنجياڭدىكى مەلۇم ھەربىي پورتتا، دېڭىز شامىلى چىقىپ، ئارمىيە بايرىقى جەۋلان قىلىپ تۇراتتى.
ئۇلۇنگۇر كۆلى ناملىق پاراخوتنىڭ پالوبىسىدا، شىنجاڭ ئالتايلىق جەڭچى ئېستاي مۇقىيات ئۇچىسىغا ئاپئاق دېڭىز ئارمىيە فورمىسى كىيگەن بولۇپ، كۆزلىرى ئىزچىل پىرىستاننىڭ كىرىش ئېغىزىغا تىكىلگەنىدى. ئاشۇ تونۇش سىيما پەيدا بولۇشى بىلەن، ئۇ دەرھال تېز قەدەم بىلەن ئالدىغا بېرىپ، ئىككى قولىنى كەڭ ئېچىپ ئانىسى باھارگۈل مەمەتنى چىڭ قۇچاقلىدى.
«ئوغلۇم، ئورۇقلاپ قاپسەن، يەنە قاۋۇل بولۇپ كېتىپسەن!» باھارگۈلنىڭ ئاۋازى سەل بوغۇلۇپ، كۆز چاناقلىرى بىردىنلا قىزاردى، ئۇ ئالدىغا بېرىپ ئوغلىنى چىڭ قۇچاقلاپ، ئۇنىڭ پېشانىسىگە يېنىك سۆيۈپ قويدى.
ئىككى جۈپ كۆز ئۇچراشتى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى، ئۇزاقتىن بۇيانقى سېغىنىش بۇ قۇچاقلاشقا سىڭىپ كەتتى.
«دۆلەتنىڭ ئوغلۇمنى مۇشۇنداق ياخشى تەربىيەلىگەنلىكىگە رەھمەت، مەن بەك ئىپتىخارلاندىم!» باھارگۈل ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن، كۆزلىرىدىن قەيسەرلىك چىقىپ تۇرغان ئوغلىغا قاراپ، ئىزچىل كۈلۈمسىرەپ تۇردى، ئۇ ھەم پەخىرلەندى، ھەم كۆڭلى يېرىم بولدى.
ئېستاي بۇ يىل 25 ياشتا بولۇپ، ھەربىي سەپكە قاتناشقىنىغا بەش يىل بولدى، بۇ، ئاپىسىنىڭ جەنجياڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشى، ئوغلى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىي پاراخوتقا تۇنجى قېتىم چىقىشى، ئوغلى قوغداۋاتقان ۋەتىنىمىزنىڭ دېڭىز چېگراسىنى تۇنجى قېتىم ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشى ئىدى.
ئالتايدىن نەنخەي دېڭىز ساھىلىغىچە بولغان يول تۈمەن چاقىرىمغا يېتىدۇ. بۇ قىسقىغىنا جەم بولۇشنىڭ ئارقىسىدا بىر ئانىنىڭ يالغۇز ئائىلە باشقۇرۇش جاپاسى بار، شۇنداقلا بىر ياشنىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئەسلىي مەقسىتى بار.
2001 - يىلى، ئېستاي ئالتاي شەھىرىدىكى بىر ئاددىي ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئون ياشقا كىرگەن يىلى، دادىسى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىپ، تۇغۇت بۆلۈمىدە دوختۇر بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئاپىسى پۈتۈن ئائىلىنىڭ يۈكىنى يالغۇز زىممىسىگە ئالغانىدى.
كىچىك ۋاقتىدا، ئېستاينىڭ ھالىدىن كۆپىنچە ۋاقىتتا مومىسى خەۋەر ئالاتتى. «ئاپام دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيتتى، ھەپتە ئاخىرىدىمۇ ناھايىتى ئاز ئارام ئالاتتى، مېنى ئوينىتىپ كېلىشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى» دېدى ئۇ.
ئۇ كىچىك ۋاقتىدا كەپسىز بولۇپ، ئىككى قېتىم ئېھتىياتسىزلىقتىن بارمىقى قىسىلىپ يارىلىنىپ قان چىقىپ كەتكەن. «ئاپام يارىلانغىنىمنى كۆرۈپ، دەرھال مېنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى، بىر ئېغىزمۇ ئەيىبلىمىدى.» ئېستاي مۇنداق دېدى: ئاپام ھەرقانچە جاپا تارتسىمۇ، ئەزەلدىن ماڭا ئاچچىقلانمايتتى، ئىزچىل ناھايىتى مۇلايىم، ناھايىتى سەۋرچان ئىدى.
ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىگىنىدە، ئېستاي كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى تۆۋەن سالدى، ئەمما كۆزلىرىدە ياش ئەگىدى. ئاپىسىنىڭ ھارغىن سىيماسىنى كۆرۈپ، ئۇ ئىلگىرى كۆڭلىدە تېزرەك چوڭ بولۇپ، ئاپىسىنى قوغداپ، مەسئۇلىيەتچان ئادەم بولۇش ئىرادىسىگە كەلگەنىدى.
ئاپىسى باھارگۈلنىڭ نەزەرىدە، ئوغلى كىچىكىدىن تارتىپلا ناھايىتى ئىش ئۇقاتتى، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغان ۋاقتى يوق ئىدى، ئۇمۇ ئەزەلدىن يىغلاپ جېدەل قىلمايتتى.
ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئىچىدە، ئېستاينىڭ ئىككى ئاكىسى ئەسكەر بولغان بولۇپ، دائىم ئۇنىڭغا ھەربىي گازارمىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەتتى، ئاچىسىمۇ ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ: «ئەر كىشى ئەسكەر بولۇپ، يۇرت ۋە دۆلەتنى قوغدىشى كېرەك» دەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئەسكەر بولۇش ئويى ئېستاينىڭ قەلبىدە ئاستا - ئاستا يىلتىز تارتتى.
كورلىدا ئالىي تېخنىكومدا ئوقۇۋاتقاندا، ئۇ ئاپىسى ۋە مومىسىغا: «مېنىڭ ئەسكەرلىككە بېرىپ، ئۆزۈمنى چېنىقتۇرۇپ، ۋەتەننى قوغدىغۇم بار» دېدى. باھارگۈل قىلچە ئىككىلەنمەستىن شۇ ھامانلا: «خاتىرجەم بارغىن، ئاپاڭ سېنى قوللايدۇ!» دېدى.
ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە يەنە يېرىم يىل قالدى، ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلىنىشى بىلەنلا ئېستاي بىرىنچى ۋاقىتتا تىزىملاتتى. سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى. ئاشۇ ۋاقىتتا، ئۇ ھەر كۈنى ئىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ھەم جىددىيلەشتى ھەم تەقەززا بولدى.
2021 - يىلى 9 - ئايدا، ئېستاي ئارزۇسى بويىچە ھەربىي فورما كىيىپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي گازارمىسىغا ئاتلاندى. يېڭى ئەسكەرلەر ليەنىدە ئۈچ ئاي مەشىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇ نەنخەي جيەندۈيىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىدى.
بالا يىراقلارغا سەپەر قىلسا ئانا ئەنسىرەيدۇ. لېكىن ھەر قېتىم تېلېفون قىلغاندا، باھارگۈل ئوغلىنى كۆپ سېغىنغانلىقىنى تىلغا ئالمايتتى، پەقەت قايتا - قايتا مۇنداق تاپىلايتتى: «قىسىمدا ياخشى ئىشلىگىن، ياخشى مەشىق قىل. ئۆيدىكى ھەممە ئىشلار ياخشى كېتىۋاتىدۇ، ئەنسىرىمىسەڭمۇ بولىدۇ، خاتىرجەم ھالدا دۆلەتنى ياخشى قوغدىغىن.» ئۇ ئوغلىغا بولغان سېغىنىشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۇچرىغانلا كىشىگە كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئوغلۇم دېڭىز ئارمىيە جەڭچىسى، نەنخەي جيەندۈيىدە!» دەيتتى.
ئالتايدىن يولغا چىقىپ، ئۈرۈمچى ئارقىلىق گۇاڭجوۋغا بېرىپ، ئاندىن جەنجياڭغا بېرىش ئۈچۈن، باھارگۈل ئىككى كۈن ۋاقىت سەرپ قىلدى، ئۇنىڭ بۇنداق نەچچە قېتىم ئايلىنىپ يۈرۈشى پەقەت ئوغلىنى بىر قېتىم كۆرۈش ئۈچۈن ئىدى.
«يولغا چىقىشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى، ھاياجانلانغىنىمدىن ھەر كۈنى كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىدى، ئوغلۇمنى بالدۇرراق كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتىم.» باھارگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن ئەسلىدە يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئوغلۇم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پولۇ ئېتىپ بەرمەكچى ئىدىم. ئېستاي بۇنى بىلگەندىن كېيىن، ئىچى ئاغرىپ: «ئاپا، بۇنداق قىلسىڭىز بەك ھېرىپ كېتىسىز، تاماق ئەتمەڭ، قىسىمنىڭ تامىقى بەك ياخشى»دېدى.
جەم بولغان ۋاقىتتا، ئانا - بالا ئىككىيلەن يەنىلا ئۆيدىكىلەر توغرىسىدا ئەڭ كۆپ پاراڭلاشتى.
«ئاپا، سالامەتلىكىڭىز ياخشىدۇ؟ مومامنىڭ سالامەتلىكى قانداقراق؟» ئېستاي كۆرۈشۈپلا كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا سورىدى. ئېستاينىڭ مومىسى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئىدى، ئېستاي كىچىك ۋاقتىدا دائىم مومىسى ئېيتقان: «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» دېگەن ناخشىنى ئاڭلايتتى.
دېڭىز شامىلىغا يۈزلىنىپ، باھارگۈل سىنلىق تېلېفون قىلدى. ئېكراندا، مومىسى ئانا - بالا ئىككىيلەننىڭ جەم بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ھاياجانلانغىنىدىن كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى.
«ئاپا، ھەمىشە ئۇنداق جاپا تارتىپ كەتمەڭ، ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىڭ. بۇنىڭدىن كېيىن جەنجياڭغا دائىم كېلىپ تۇرۇڭ، مەن سىزنى ئېلىپ دېڭىزنى كۆرسىتىپ كېلىمەن، شەھەر رايونىنى ئايلاندۇرىمەن.» ئوغلىنىڭ تاپىلىشىنى ئاڭلاپ، باھارگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتتى، كۆزلىرىدىن خۇشاللىق چىقىپ تۇراتتى.
ئاپىسىنىڭ دېڭىزغا قاراپ تۇرغان سىيماسىغا قاراپ، ئېستاي تۆۋەن ئاۋازدا: «ئاپام ناھايىتى ئۇلۇغ، مېنى ئۆزى يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلغان، يەنە تېخى مېنى شۇنچە يىراق جايغا ئەسكەرلىككە ئەۋەتتى. ئۇ مېنىڭ ئەڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكۈم» دېدى، ئۇ مۇشتىنى چىڭ تۈگۈپ، يىراقتىكى دېڭىز يۈزىگە نەزەر سالدى.
دولقۇنلار ئۇلۇنگۇر كۆلى ناملىق پاراخوتنىڭ يان تەرىپىگە يېنىك ئۇرۇلۇپ، خۇددى يۇرتىدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلىنىڭ سۇ دولقۇنىدەك يېنىك چايقىلاتتى. بىر پاراخوت، بىر ئائىلە كىشىلىرى، تۈمەن چاقىرىملىق سېغىنىشنىڭ ھەممىسى بۇ زۇمرەتتەك دولقۇنغا سىڭىپ كەتتى، ئۈن - تىنسىز قوغداش بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتتى.






