تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىش

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر يۈرۈشلۈك بايان (2)

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋۇ يۈ

يېقىندا، مەملىكەتلىك مۇلازىمەت كەسپى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدىن مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم نۇقتىلار ۋە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە «ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش» گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى.

ئىسلاھات مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا. ئىسلاھات ئارقىلىق مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگەتكەندە، كەسىپلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

«15 - بەش يىل» باشلاندى، قەدەم ئېلىندى، ئىقتىساد يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۈزلەنگەن ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتى يەنىلا بىر قىسىم توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارغا دۇچ كەلمەكتە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىگە توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ئىسلاھاتتا ھالقىلىق بىر قەدەم بېسىلسا، تەرەققىياتتا پۈتكۈل ۋەزىيەت جانلىنىدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى قايتا - قايتا تەكىتلەپ، مۇلازىمەت ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئىجازەتنى قويۇۋېتىش، توسالغۇنى تۈگىتىپ چۈشەكنى بوشىتىش كەسىپ ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر.

3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، كۆپلىگەن پۇقراۋى كارخانىلارنى چاقىرىپ سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى. مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى نىشانلاپ، تەرەققىياتتىكى ئاغرىق نۇقتىلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىشىگە مەدەت بېرىش توغرىسىدا ئاكتىپ سىگنال تارقاتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسالغۇلارنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا مەدەت بېرىپ، تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى ئۆزگەرتىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرنىڭ ئىجازەت چەكلىمىسىنى قويۇۋېتىش؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلق ئىچى سېلىنمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىدىكى تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىگە قارىتا مۇۋاپىق بولمىغان ئىجازەت چەكلىمىسىنى تۈگىتىش... بىر قاتار سىياسەتلەر زىچ ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، كۆپ خىل ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مونوپوللۇق بۇزۇپ تاشلىنىپ، مۇلازىمەت كەسپى بازىرىنىڭ «بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش»قا يۈزلىنىشى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە: كۆپ خىل ئاساسىي گەۋدىلەر بىر سەھنىدە رىقابەتلىشىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، باھانى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى؛ چەت ئەل مەبلىغىنىڭ تەرتىپلىك كىرىشىگە ئىلھام بېرىلىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلىنىلدى؛ كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ خاسلاشقان، ئىنچىكىلەشكەن، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش بارلىققا كەلتۈرۈلدى.

كەسىپلەرنىڭ بۆلۈنۈشىنى تۈگىتىش، ئامىللارنىڭ يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇش تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتى ۋە يېڭى ئەۋزەللىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم تىرىكى.

يېقىندا، جياڭسۇ ئۆلكىلىك قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى تەبىئىي بايلىق نازارىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، دىققەتنى تۆۋەن بوشلۇق ئاممىۋى مۇلازىمىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، رەقەملەشتۈرۈش ئاساسى بەرپا قىلىش، سانلىق مەلۇماتلاردىن ماس، ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولدى.

«يېگانە ئارال تەپەككۇرى»نى چۆرۈپ تاشلىغاندىلا، ئاندىن ماس تەرەققىي قىلىش داۋامىدا بازار «تورت»ىنى چوڭايتقىلى بولىدۇ. يېقىنقى ئىككى يىلدا، دۆلىتىمىز رايون ھالقىپ، تور ھالقىپ، ساھە ھالقىپ ماسلىشىش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپى، رەقەملىك ئىقتىساد كەسپى قاتارلىقلار بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى بارلىققا كەلتۈردى.

تيەنجىندىكى ئىنژېنېرلار ئۈچ ئۆلچەملىك رەقەملىك مودېلدىن پايدىلىنىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى زاۋۇتلارغا كىرىپ ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچىدى؛ چۇڭچىڭدىكى ئىنژېنېرلار سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسىغا تايىنىپ، مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى زاۋۇتنى «يىراقتىن كونترول قىلىپ» ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پارامېتىرىنى ئەلالاشتۇردى؛ شاڭخەيدىكى دوختۇرلار VR كۆزەينىكى تاقاپ، يىراق شىنجاڭ قەشقەردىكى ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا دىياگنوز قويدى...

ئىسلاھات كۈچىگە تايىنىپ، رايون توسۇقى، بوشلۇق چەكلىمىسى ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ تاشلىنىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇلازىمەت مەنزىرىسى تېز بارلىققا كەلتۈرۈلۈپ، مۇلازىمەت كەسپى ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇلۇپ، تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتى سىجىل ئۇرغۇتۇلدى، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىلىرى يېتىلدۈرۈلدى.

«ئىككى قول» ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، گوۋۇيۈەن بېسىپ تارقاتقان «مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر» سىرتقا ئېلان قىلىندى. پىكىردە ھەم كۆپ جەھەتتىكى توسۇقلارنى تۈگىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم مول مۇلازىمەت مەنزىرىسى بىلەن تەمىنلەش، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆپ ئۆلچەملىك ئۇنىۋېرسال باھالاش كۆرسەتكۈچى بەرپا قىلىش، چوڭ سانلىق مەلۇماتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. «بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش» «بىكار قىلىش بىلەن ئورنىتىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش»تىن ئىبارەت ئىسلاھات يولى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل قۇۋۋەت قوشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشتىكى يادرولۇق مەسىلە ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.

ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ ھوقۇق - مەسئۇلىيەت پاسىلى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق توسۇق نۇقتىلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، بازاردىن ئىبارەت «شەكىلسىز قول» بىلەن ھۆكۈمەتتىن ئىبارەت «شەكىللىك قول»نىڭ ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىندى.

ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى مۇلازىمەت ئۆلچىمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت ۋەدىسى، ئىسپات بېرىش ۋە بەلگە قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ماھارەت باھالاش مېخانىزمى ۋە ئىناۋەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش... «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلار ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، قانۇن - نىزام، تۈزۈم سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن كۈچ چىقىرىلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ئۆلچەملەشتۈرۈلۈپ، كەسىپ تەرەققىياتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، بازار رىقابىتى تەرتىپلەشتۈرۈلۈپ، «جۇڭگو مۇلازىمىتى» ماركىسىنىڭ تېز قەد كۆتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇلدى.

ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بۇرغىسى چېلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىش ئىرادىسى، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى ئارقىلىق، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى سىجىل تۈگەتكەندە، جەزمەن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.