تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيلى | بىر ھەربىي پاراخوتتىكى تۈمەن چاقىرىملىق مېھىر - مۇھەببەت

​− ئۇلۇنگۇر كۆلى ناملىق پاراخوت تۇنجى قېتىم ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەندە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي

4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جەنجياڭدىكى مەلۇم ھەربىي پورت پىرىستانىدا، دېڭىز شامىلى يۈزنى سىيپاپ ئۆتەتتى، ئۇرۇش پاراخوتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. نەننىڭ ناملىق پاراخوت، كوئېنلۇن تېغى ناملىق پاراخوت، ئۇلۇنگۇر كۆلى ناملىق پاراخوتقا بايراقلار ئېسىلغان بولۇپ، شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى. شۇ كۈنى، دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان 903 تىپلىق ئۇنىۋېرسال تەمىنات پاراخوتى − ئۇلۇنگۇر كۆلى ناملىق پاراخوت تۇنجى قېتىم ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر پاراخوتقا چىقىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، چوڭ دۆلەت ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ سالاپىتىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدى.

ئۇلۇنگۇر كۆلى ناملىق پاراخوت شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئۇلۇنگۇر كۆلىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئۇلۇنگۇر كۆلى مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلىنىڭ بىرى بولۇپ، كۆل سۈيى كۆپكۆك، بېلىق ۋە قۇشلار توپلاشقان، مەنزىرىسى گۈزەل.

پائالىيەت نەق مەيدانى ئادەملەر بىلەن لىق تولغانىدى. بەزىلەر پويىزغا، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي، پەقەت ئۇلۇنگۇر كۆلى ناملىق پاراخوتنىڭ سالاپىتىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆرۈش ئۈچۈن يېتىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە تولۇپ تاشقان ئۈمىد ۋە ھۆرمەت ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

جياڭشىدىن كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان شېن يىلۇڭ قەدىمىنى توختاتماي، ئۇرۇش پاراخوتىغا چوڭقۇر نەزەر سالدى: «ئۇ زور ھەم ھەيۋەتلىك بولۇپ، دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۇنىۋېرسال تەمىنات پاراخوتى. پالۇبىغا چىققاندا، ئاندىن ۋەتىنىمىزنىڭ دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىشىنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى ھەقىقىي چۈشەنگىلى، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن، ئاجىزلىقتىن كۈچەيگەنلىكىدىن ئىبارەت مەزمۇت قەدىمىنى ھەقىقىي ھېس قىلغىلى بولىدىكەن».

پاراخوتنىڭ يان شوتىسىنى بويلاپ ئۈستىگە چىققاندا، پاراخوتتىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر پۈتۈن مۇساپىدە يول باشلىدى، تەپسىلىي چۈشەندۈردى، ئۇلۇنگۇر كۆلى ناملىق پاراخوتنىڭ يادرولۇق ئەمەلىي كۈچى نۇرغۇن كىشىنى قايىل قىلدى. خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يىراق ئوكياندا ئۇرۇش قىلىش سېپىنىڭ «ئارقا سەپ كاپالىتى تۈگۈنى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلۇنگۇر كۆلى ناملىق پاراخوت توغرا يۆنىلىش، ئۇزۇن يۆنىلىش، تىك يۆنىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ يۆنىلىشلىك تەمىنات يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى تەڭ ھازىرلىغان بولۇپ، ماس قەدەمدە كۆپ ھەربىي پاراخوتقا يېقىلغۇ ماي، تاتلىق سۇ، مىنا - ئوق، قۇرۇق مال ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ، ئۇ، يىراق ئوكياندا ئۇرۇش قىلىش، دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش - چارلاش، بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈش، بىرلەشمە مەشىق قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولۇپ، ھەربىر قورال - جابدۇق ئىشەنچ ۋە كۈچنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

دۆلەت مۇداپىئەسى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمە رايونى، دېڭىز ئارمىيەسى مەدەنىيەت كۆرگەزمە رايونى ماس قەدەمدە ئېچىۋېتىلدى، كۆرگەزمە تاختىسىدا سۈرەت بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلۈپ، ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ، ئاممىغا خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدۇردى، نۇرغۇن كۆرۈرمەن قەدىمىنى توختىتىپ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، تەپسىلىي كۆرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى بىلىملىرىنى چۆكۈش شەكلىدە چۈشەندى.

«بۇنداق قالتىس تەمىنات پاراخوتىنى تۇنجى قېتىم يېقىن ئارىلىقتىن ئېكسكۇرسىيە قىلىشىمىز!» جەنجياڭدىكى بالا يىتىلىۋالغان بىر شەھەر ئاھالىسى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۇ ئۇلۇنگۇر كۆلىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپتۇ، بەك ئەھمىيەتلىك ئىكەن. چېگرا رايوندىن دېڭىز تەۋەسىگىچە، بىز ۋەتەننىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىغا گۇۋاھ بولماقتىمىز. بالىلارنى ئېلىپ بېرىپ ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىشقا قاتنىشىشمۇ بىر قېتىملىق جانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بولدى.»

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، تەسىرلىك پەيتلەر ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىللىق نامايان بولدى. ئالتە ياشلىق ئوغۇل بالا چېن ئېنيۈنىڭ تۇغۇلغان كۈنى خەلق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغان كۈن بىلەن ئوخشاش بىر ئاي، ئوخشاش بىر كۈندە ئىدى، دېڭىز ئارمىيەسىدىكى دادىسىنىڭ تەربىيەسىدە، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، گۆدەكلەرچە دادىللىق بىلەن مۇنداق دېدى: «چوڭ بولغاندىن كېيىن مەنمۇ دېڭىز ئارمىيە جەڭچىسى بولىمەن!» نەق مەيداندا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى، ساياھەتچى بىرلىكتە يۇقىرى ئاۋازدا «خەلق دېڭىز ئارمىيەسى، تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!» دەپ توۋلىدى، تىلەك سۆزلىرىگە خەلق دېڭىز ئارمىيەسىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت مۇجەسسەملەنگەنىدى.

كىشىلەر توپى ئارىسىدا، ئۇچىسىغا مىللىيچە كىيىم كىيگەن ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ئالتايلىق سەككىز پېشقەدەم ئەسكەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن بۇ بىر توپ پېشقەدەم ئەسكەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 59 ياش بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭى 1961 - يىلى تۇغۇلغان، يېشى ئەڭ كىچىكى 1976 - يىلى تۇغۇلغان. ئۇلار ئالايىتەن كېلىپ، پالۇبىغا چىققاندىن كېيىن، ھەۋەس بىلەن «قارا جورغا» ئۇسسۇلىنى ئوينىدى. پىرقىراش، مۈرە ئېتىش، جانلىق ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى شوخ رىتىمغا جور بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يايلاق مەنزىرىسىنى ئۇرۇش پاراخوتىغا ئېلىپ چىقتى، نەق مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەر بەس - بەستە قەدىمىنى توختىتىپ، چاۋاك چېلىپ تەنتەنە قىلدى، بەزىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوشۇلۇپ ئۇسسۇلغا چۈشتى، كۈلكە سادالىرى ئىچىدە، نەق مەيدان كەيپىياتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

«ئۇلۇنگۇر كۆلى ناملىق پاراخوت ئالتاي بىلەن جەنجياڭنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇردى.» ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن پېشقەدەم ئەسكەر موۋ جېنۋۇ چەكسىز ھاياجانلاندى.

ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن پېشقەدەم ئەسكەر باخدات ئابىشتاي مۇنداق دېدى: «ھاياجانلانغىنىمدىن بىرقانچە كۈن كۆزۈمگە ئۇيقا كەلمىدى. بۈگۈن بۇ ھەيۋەتلىك ئۇرۇش پاراخوتىنى كۆرۈپ، نېمىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇھىم جابدۇقى، دۆلەتنىڭ ئۆتكۈر قورالى ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.»

ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن پېشقەدەم ئەسكەر جەكىن ئاۋباكىر پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ۋەتىنىمىز دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى ئالقىشلايمەن!»

ھەربىي پاراخوت بۆلمىسى كارىدورىدا، ئالتاي ئامىللىرىنى ھەممىلا جايدا كۆرگىلى بولاتتى − ئېگىز تاغدا قار تېيىلىش مەنزىرىسى، ساياھەت بايلىقىنى نامايان قىلىش، يەنە مەخسۇس كۆرگەزمە ئىشكاپىغا تىزىلغان قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى... يېقىندا ئۇلۇنگۇر كۆلى ناملىق پاراخوت بىلەن ئالتاي ۋىلايىتى «شەھەر - ھەربىي پاراخوت ئورتاق بەرپا قىلىش» كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ تەپسىلاتلار دەل «شەھەر بىلەن ھەربىي پاراخوت قەلبداش بولۇش»نىڭ جانلىق نامايەندىسى.

«ۋاقتىم بولسا چوقۇم شىنجاڭغا بېرىپ كۆرۈپ باقىمەن، تىيانشان غالىبىيەت تونېلىدا مېڭىپ باقىمەن!» دېدى خۇبېيدىن كەلگەن ساياھەتچى خۇ شياۋدۇڭ چىن قەلبىدىن تەلپۈنۈپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.