□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇاڭ يۆ، شاڭ يىيىڭ
يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «يىۋۇ تەرەققىيات تەجرىبىسى»نى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى خۇلاسىلەپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جايلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنى تېپىپ چىقىش كېرەك.
جېجياڭدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم يىۋۇغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، «<ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدىغان> تەرەققىيات، <يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن> تەرەققىيات، <تاشنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرغان> تەرەققىيات» دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق «يىۋۇ تەرەققىيات تەجرىبىسى»نىڭ جەۋھىرىنى مۇپەسسەل ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. 2006 - يىلى 4 - ئايدا، «يىۋۇ تەرەققىيات تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش، كېڭەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تارقىتىلىپ، پۈتۈن ئۆلكە دائىرىسىدە ئۆگىنىش، كېڭەيتىش قارار قىلىندى.
20 يىلدىن كېيىن، «15 - بەش يىل» باشلىنىپ، قەدەم تاشلانغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «يىۋۇ تەرەققىيات تەجرىبىسى»نى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى خۇلاسىلەش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى، بۇ، ئومۇملۇققا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
− شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يىۋۇ ئۇششاق تاۋارلار ئارقىلىق چوڭ بازارلارنى ئېچىپ، چوڭ كەسىپلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، «يىۋۇ تەرەققىيات تەجرىبىسى»نى شەكىللەندۈردى، بۇ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى.
يىۋۇ دەرياغا يېقىن ئەمەس، دېڭىزغا يېقىن ئەمەس، چېگرا بويىدا ئەمەس. 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، «سودىنى گۈللەندۈرۈپ شەھەر قۇرۇش» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بويلاپ، يىۋۇ يېڭىلىق يارىتىشنى كوزىر قىلىپ، ئىسلاھات تامىقى يەپ، ئېچىۋېتىش يولىدا مېڭىپ، كىچىككىنە كولدۇرما ئارقىلىق دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئۇششاق تاۋارلار بازىرىنى ئاچتى.
جېجياڭدا خىزمەت قىلغاندا، يولداش شى جىنپىڭ پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھەرقايسى جايلاردىن «يىۋۇ تەرەققىيات تەجرىبىسى»نى ئۆگىنىشنى يەنى: «يىۋۇنىڭ قانداق قىلىپ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ مەركەزنىڭ روھى ۋە ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجادىي ئىزچىللاشتۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، يىۋۇنىڭ قانداق قىلىپ مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ ئاساسىي ئەمەلىي ئەھۋالىغا قويۇپ، ئۆز جايىنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئېچىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش...»نى تەلەپ قىلدى.
يىۋۇ مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، جۇڭگونىڭ ناھىيە رايونى ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىكى مۆجىزىنى پۈتۈپ چىقتى.
ۋىلايەت، ناھىيە ياخشى ئىدارە قىلىنسا جاھان تىنچ بولىدۇ. خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي بىرلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ناھىيە رايونى ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تايانچ. «15 - بەش يىللىق» يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا «ئۆزگىچىلىككە ئىگە ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
باشلاش، قەدەم تاشلاش دەل يېڭى - كونا قۇۋۋەت ئالمىشىدىغان مۇھىم باسقۇچقا توغرا كەلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئېنىق يۆنىلىش بىلەن تەمىنلەپ، ھەرقايسى جايلارنى مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى دەل جايدا تېپىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشكە يېتەكلىدى.
− ئاساسىي قاتلامنىڭ ۋە ئاممىنىڭ تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىش.
بىللە ئىشلىگەن بىر خىزمەتدىشىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، يولداش شى جىنپىڭ ئەينى يىلى «يىۋۇ ئەندىزىسى»دىن ئەمەس، بەلكى «يىۋۇ تەجرىبىسى»دىن پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلغان، چۈنكى ئاتالمىش «ئەندىزە» مۇقىم ئۆزگەرمەيدۇ، ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چېكى بولمايدۇ.
«مىڭ - تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسى، «يىۋۇ تەرەققىيات تەجرىبىسى»، «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»... قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئىسلاھات - تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدە، جېجياڭ بىر قاتار قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ تەجرىبىلەر خەلق ئاممىسى ئارىسىدا يىلتىز تارتقان ئىجادىيەت بولۇپ، ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىدىكى ئەقىل - پاراسەت مۇجەسسەملەنگەن.
2023 - يىلى 9 - ئايدا جېجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھازىرغا نەزەر سېلىپ ئۆتمۈشنى ئەسلەپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن جېجياڭدا ئوتتۇرىغا قويغان <قوش سەككىز ئىستراتېگىيەسى> چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن تۈزۈلگەن. <قانۇنچىل جېجياڭ> <تىنچ - ئامان جېجياڭ> <ئېكولوگىيەلىك جېجياڭ>... نۇرغۇن تەجرىبە، ئۇسۇل ھازىر پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىلدى، بۇنىڭدا جېجياڭ پۇقرالىرىنىڭ تۆھپىسى بار. كوممۇنىستىك پارتىيە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىجادىيىتىگە ئاساسەن، ياخشى تەجرىبە، ئۇسۇللارنى بايقاپ، ئاندىن خۇلاسىلەپ كېڭەيتىدۇ. شۇڭا، ئامما ھەقىقىي قەھرىمان».
ئوخشاشلا، يىۋۇ تەجرىبىسىمۇ تەرەققىيات داۋامىدىكى تەجرىبە، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئاممىنىڭ تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، باشتىن - ئاخىر دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان تەجرىبە. «جىجياڭ يېڭى سۆزلىرى»دە يولداش شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يىۋۇ تەرەققىيات تەجرىبىسىنى ئۆگىنىشتە، يىۋۇ خەلقىنىڭ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان، ئىجادىي ئەمەلىيەت تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش كېرەك».
تومۇرداش بولدى، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلدى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىجادىي ئىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى يېڭى تېما، يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا، جەزمەن ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، تەسىرلىك، جانلىق بولغان ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتى داۋامىدىن ئەقىل - پاراسەتنى بايقاش، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان لايىھە، ئۈلگە شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك.
− توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئارقىلىق ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش.
بۇ قېتىم، باش شۇجى شى جىنپىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، «يىۋۇ تەرەققىيات تەجرىبىسى»نى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى خۇلاسىلەپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلدى.
يىۋۇنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى نېمىنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئىكەنلىكىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بەردى: «بازارنى تۇتقانلىق دەل ئىقتىسادنى تۇتقانلىق دېگەن ئىدىيە» ئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى؛ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىجادىي تۇتۇلۇپ، تۈزۈم - مېخانىزم توسالغۇسى تۈگىتىلىپ، «تېز ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىغا چوڭ كىيىم كىيگۈزۈلدى»؛ ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، بازار ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدى، ھۆكۈمەت ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدى؛ تەرەققىيات ئومۇميۈزلۈك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، GDPنى بىردىنبىر باھالاش ئۆلچىمى قىلىۋالمىدى...
توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى توغرا تەرەققىيات قارىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا «ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش»نى تەكىتلىدى. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «يىۋۇ تەرەققىيات تەجرىبىسى»نى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى خۇلاسىلەپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىدىغان ئىرادە بىلەن ھەقىقىي نەتىجىلەرنى يارىتىپ، باشلىنىش يىلىدا ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)






