تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

سېپىل راۋىقىغا قاپىيە يوشۇرۇنغان، چىراغ نۇرلىرىغا مۇھەببەت سىڭگەن

   سۇس بىر قەۋەت گۇگۇم پەردىسى تىيانشاننى قاپلىدى، قەدىمىي شەھەرنىڭ سېپىل تاملىرى يېقىملىق چىراغ نۇرلىرىدا گەۋدىلىنىپ، كۈندۈزدىكى بىپايان كەڭلىكنى سۇسلىتىپ، يىپەك يولىنىڭ ئۇزاق تارىخى ئاساسى بىلەن جاھاندىكى قاينام ـ تاشقىنلىققا تولغان ئىللىق كېچە مەنزىرىسىنى تەڭلا نامايان قىلدى، ھەربىر چىراغ نۇرى تولىمۇ ئىللىق بولۇپ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان گۈزەل كېچە مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلدى.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى. سەي زېڭلې فوتوسى

كېچىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرى. جوۋ پېڭ فوتوسى

    چىراغ نۇرلىرى ئادەتتىكى كوچا-كويلارنى يورۇتۇپ تۇراتتى، چوڭ بازاردىكى ئىللىق سېرىق رەڭ، قەدىمىي شەھەرنىڭ خىشلىق كوچىلىرىدىكى سۇس چىراغ نۇرلىرى، ئىلى دەرياسى بويىدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان نۇرلار بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى، كاۋاپنىڭ كۆيگەن خۇش ھىدى سالقىن شامالدا دىماغلارغا ئۇرۇلاتتى، چايخانىدىن كېلىۋاتقان تارىلىق چالغۇلارنىڭ ئاۋازى بىلەن بالىلارنىڭ خۇشال كۈلكىسى يەڭگىل يۇغۇرۇلۇپ، شىنجاڭغا خاس كېچە مەنزىرىسى ۋە ئاۋاتلىقنى ئۆز قوينىغا يوشۇرغانىدى.

كېچىدىكى كۇچا شەھىرى. لى شياڭدۇڭ فوتوسى

كېچىدىكى قاراماي شەھىرى. تيەن گوجيەن فوتوسى

   كېچە مەنزىرىسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، تىيانشان كېچە ئاسمىنىدا تىمتاسقىنا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، چىراغ نۇرلىرى يەنىلا كۆزلەرنى قاماشتۇراتتى، چېچىلغان نۇرلار ئۆزگىچە كېچە مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەم تاغ-دەريالارنىڭ ئېغىر ۋەزنى، ھەم جاھاننىڭ ئىللىقلىقى بار ئىدى، ھەربىر كۆرۈنۈشكە ئالدىراشلىقتىن خالىي شېئىرىي تۈس ۋە قىزغىنلىق يوشۇرۇنغانىدى.

كېچىدىكى كورلا شەھىرى. ياڭ كۈن فوتوسى

كېچىدىكى شىخەنزە شەھىرى. ۋاڭ زىلىن فوتوسى

كېچىدىكى كۆكدالا شەھىرى. سەي زېڭلې فوتوسى

بېيتۈن شەھىرى يۈدەيخې دەرياسى بويىدىكى شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى. سەي زېڭلې فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.