تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيلى | پامىر ئېگىزلىكىدىن بىر تۈركۈم «توردا ئالقىشلانغان ياش»لار يېتىشىپ چىقتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن جياڭلىن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ يافاڭ

«تىيانشاننىڭ ئۇ تەرىپىدە خەلق بولغاچقا، تەس بولسىمۇ تىيانشاننى تېشىپ ئۆتتۇق.» يېقىندا، ئاتۇش شەھىرىدىن كەلگەن ياش ساياھەت يېتەكچىسى دىلنۇر تۇرسۇنجاننىڭ تىيانشان غالىبىيەت تونېلىدا تەيۋەنلىك ساياھەتچىلەرگە ئېيتقان بۇ بىر جۈملە يۈرەك سۆزى پۈتۈن تورنى قاپلىدى.

بۇ بىر جۈملە ئاددىي سۆز تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ دۆلەت مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ سەمىمىي بولۇش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، دوستانە ئۆتۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتىن ئىبارەت مەنىۋى ئاساسىي رېڭىنى جۇلالاندۇردى.

ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي چېگراسىغا، پامىر ئېگىزلىكى ئېتىكىگە جايلاشقان ئاتۇش شەھىرى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزى، كۆپ مىللەت بۇ جايدا ئەۋلادمۇئەۋلاد بىللە ياشاپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ كەلمەكتە. يىللارنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى داۋامىدا، بۇ مېھىرلىك تۇپراقتىن غايىلىك، قابىلىيەتلىك، ھارارەتلىك تۈركۈم - تۈركۈم ياش يېتىشىپ چىقتى، ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالماي، سەمىمىيىتىدە چىڭ تۇرغان ۋەيمەي توشۇغۇچى، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن باشقا يۇرتلارغا بېرىپ باتۇرلۇق بىلەن ئىگىلىك تىكلىگەن ياش، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىللىقلىق يەتكۈزگەن داشۆ ئوقۇغۇچىسى، يۇرتىنى قىزغىن سۆيۈپ چىن ھېسسىياتىنى يەتكۈزگەن ياش ساياھەت يېتەكچىسى... ئۇلار ھەربىر سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋر ياشلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئىزاھلىدى.

ئاددىي - ساددا ئائىلە ئىستىلى سەمىمىي، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ئاساسىي رەڭنى يېتىشتۈردى

ئائىلە كىشىلىك ھاياتتىكى تۇنجى مەكتەپ، ئائىلە ئىستىلى ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئوزۇق بولىدىغان مەنىۋى مۇنبەت تۇپراق.

3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، گۇاڭجوۋ شەھىرىنىڭ خۇاڭپۇ رايونى، 27 ياشلىق ھەزرىتىئېلى ئابدۇرېشىت ئىلگىرىكىگە ئوخشاش توكسىكلىتىنى مىنىپ ۋەيمەي توشۇدى، بىر تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە، يەردە ئىككى باغلام نەق پۇلنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقاپ، دەرھال توكسىكلىتنى توختىتىپ پۇلنى تېرىپ ئالدى.

«شۇ چاغدا مەن يولدىن ئۆتۈۋاتاتتىم، پۇلنى تېرىپ ئالغاندا تەپسىلىي قارىمىدىم. يولدىن ئۆتۈپ بولۇپ توختاپ تەكشۈرۈپ قاراپ، ئاندىن بۇ پۇلنىڭ توپتوغرا 20 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى بايقىدىم» دېدى ھەزرىتىئېلى.

ھەزرىتىئېلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتى ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق بازىرى ئوڭئېرىق كەنتىدىن ئايرىلىپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، گۇاڭجوۋ شەھىرىدە ۋەيمەي توشۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى، ھەر كۈنى كوچا - كويلاردا چېپىپ يۈرۈپ، تېجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ ئائىلىسىنىڭ خىراجەت قىلىشى ئۈچۈن پۇل ئەۋەتتى. 20 مىڭ يۈەن ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاز پۇل ئەمەس ئىدى.

«مەن يىتكەن پۇلنىڭ ئىگىسىنى تېپىشنىلا ئويلاپ، دەماللىققا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي، قىز دوستۇمغا تېلېفون قىلدىم، ئۇمۇ يىتكەن پۇلنىڭ ئىگىسى ئۈچۈن تىت - تىت بولۇپ، مېنىڭ دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشىمنى ئېيتتى.» ھەزرىتىئېلىنىڭ سۆزىدىن ئىچ - ئىچىگە ئورناپ كەتكەن بىر خىل سەمىمىيلىك چىقىپ تۇراتتى. ئارقىدىن ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، نەق پۇلنى گۇاڭجوۋ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى خۇاڭپۇ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى چاڭلىڭ ساقچىخانىسىغا يەتكۈزۈپ بەردى، ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرى كۆپ تەرەپتىن ئىزدىگەندىن كېيىن يىتكەن پۇلنىڭ ئىگىسىنى تاپتى.

يىتكەن پۇلنىڭ ئىگىسى پېڭ ئەپەندى 60 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، ئىشلەمچىلىك قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، يىتتۈرگەن پۇلنى ئالغىنىدا، ئۇ ھەزرىتىئېلىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ قايتا - قايتا رەھمەت ئېيتتى. ھەزرىتىئېلى تارتىنغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم، كىملا بولسا مۇشۇنداق قىلاتتى».

قىسمەن كىشىلەرنىڭ «تەييار پۇلنى ئالمىغان ھەقىقىي ئەخمەق ئەمەسمۇ» دېگەن گۇمانىغا قارىتا، ھەزرىتىئېلى ناھايىتى قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «ئادەم پاك بولۇشى كېرەك، ئۆزىگە تەۋە بولمىغان نەرسىدىن بىر پۇڭنىمۇ ئېلىشقا بولمايدۇ، سەمىمىيلىك پۇلدىنمۇ بەك قىممەتلىك، بۇ سۆزنى مەن كىچىكىمدىن ئاڭلاپ چوڭ بولغان، ئاتا - ئانامنىڭ تەلىم - تەربىيەسىنى يەردە قويسام بولمايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پۇلنى جاپا تارتىپ تاپىدۇ، ئەگەر بۇ پۇلنى ئالسام، بىر ئۆمۈر خاتىرجەم بولالمايمەن.»

ئاتۇش شەھىرىدە «ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش، سەمىمىي - راستچىل بولۇش، تىرىشچان - ئىقتىسادچىل بولۇش، ياخشىلىققا ئىنتىلىش»تىن ئىبارەت ئېسىل ئائىلە ئىستىلى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى، چوڭلار ئاددىي ئەخلاق مىزانىنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە كۈزلۈك يىغىمغا، قوشنىلار بىللە ئۆتۈشتەك كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈردى، سەمىمىي، دوستانە ئۆتۈش ئۇرۇقى كىچىكىدىن باشلاپ بالىلارنىڭ قەلبىگە تېرىلىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھايات يولىدىكى ئەڭ پۇختا ئاساسىي رەڭ بولۇپ قالدى.

قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان سىياسەتلەر ياشلارنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش سەھنىسىنى بەرپا قىلدى

ياشلار روناق تاپسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشى دەۋرنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، سىياسەتنىڭ قوغدىشىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ.

1997 - يىلى تۇغۇلغان خالمۇرات يالقۇن ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسىدىن، كىچىكىدىن ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا چوڭ بولغان ئۇ بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلاتتى، قىزغىن، سەمىمىي ئىدى.

داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ يۇرتىدىكى سۇ ئۈزۈش سارىيىدا سۇ ئۈزۈش تىرېنېرى بولدى، بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن بالىلارغا سۇ ئۈزۈش ماھارىتىنى ئۆگەتتى. لېكىن ئۇ باشتىن - ئاخىر تېخىمۇ چوڭ ئارزۇنى − تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىتىش، شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.

«ئىلگىرى ھەمىشە سىرتقا چىقىپ چېنىقىپ بېقىشنى ئويلايتتىم، لېكىن ئىزچىل ئىشەنچىم يوق ئىدى، بىرىنچىدىن تەجرىبەم يوق، ئىككىنچىدىن مەبلىغىم يوق ئىدى، يۇرتۇمنىڭ ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتى ماڭا جاسارەت بېغىشلىدى.» خالمۇرات مۇنداق دېدى: ئاتۇش شەھىرى ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە قارىتا، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەر بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتەكلەش، ماھارەت تەربىيەسىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، ياشلارنى سىرتقا چىقىپ تەكشۈرۈش، ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، كۆپچىلىكنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، تەجرىبە توپلىشىغا ياردەم بەردى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، بۇ سىياسەت بېغىشلىغان ئىشەنچ بىلەن، ئۇ قەتئىي ھالدا يۇرتىدىن ئايرىلىپ، خاڭجوۋغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىنى باشلىدى.

يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان پىلان يوق، پەقەت پۇختا قەدەم بىلەن ئەجىر سىڭدۈرۈشلا بار ئىدى. ئۇ ھەر كۈنى تاڭ يورۇماستىلا ئورنىدىن تۇرۇپ يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋالدى، پولۇ ئەتتى، يېرىم كېچىدە ئاندىن يايمىسىنى يىغىشتۇردى، بۇ ئىشلارنى ھەر كۈنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇردى.

ياخشى ماتېرىيال ۋە سەمىمىي مۇلازىمەت ئارقىلىق، ئۇنىڭ يايمىسى تېزلا زور بىر تۈركۈم خېرىدارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، نۇرغۇن كىشى بىرمۇنچە يولنى ئايلىنىپ مەخسۇس كېلىپ ئۇ ئەتكەن پولۇنى يەيدىغان، يەنە بەزىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ تەشۋىق قىلىپ بېرىدىغان بولدى.

قىسقىغىنا ئۈچ ئايدا، ئۇ كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ياخشى باھاسىغا تايىنىپ، «شىنجاڭ بەيجىن گۆش پولۇسى» ئۆزگىچە تائاملار ئاشخانىسىنى ئېچىپ، پولۇ، سامسا، نان، چەينەك شورپىسى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملىرىنى بىر - بىرلەپ نامايان قىلىپ، خاڭجوۋلۇق خېرىدارلارنى ھەقىقىي شىنجاڭچە تەمنى تېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«يۇرتىمىزنىڭ سىياسىتى بىزگە سىرتقا چىقىپ ئىشلەش غەيرىتى بېغىشلىدى، مەن شىنجاڭچە تەم، چېگرا رايوننىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى تېخىمۇ كۆپ شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭغا يېقىنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ قىزغىنلىقى، سەمىمىيلىكى، ئىشچانلىقىنى ھېس قىلدۇرىمەن» دېدى خالمۇرات.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاتۇش شەھىرى دىققەتنى ياشلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئېلان قىلىپ، ياشلارنىڭ ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانى، ئىگىلىك تىكلەشنى يۆلەش مەخسۇس ھەرىكىتى قاتارلىق باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ياشلارغا ئۆسۈپ يېتىلىش سەھنىسى ھازىرلاپ بېرىپ، كۈرەش قىلىش كۈچى قوشۇپ، ئۇلارنى سىياسەتنىڭ ئىللىق نۇرىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىش، بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ھەربىر ياشنى تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ كىشىلىك ھايات ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئاددىي - ساددا خەلق ئىستىلى ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتۈش پەزىلىتىنى بارلىققا كەلتۈردى

1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى يېرىم كېچىدە، شىئەن شيەنياڭ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، 74 ياشلىق ۋاڭ مىن ئۆزى يالغۇز ئايروپىلان ئالمىشىۋاتقاندا، ئاپتوماتىك لىفىتتا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، باش قىسمى قاناپ، پۈتۈن بەدىنى تىترەپ، دەماللىققا ئورنىدىن تۇرالماي قالدى.

ئايروپىلان ئالمىشىۋاتقان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئالىمجان ئابدۇغوپۇر بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، قىلچە ئىككىلەنمەي، دەرھال تېزلىكتە ئالدىغا بېرىپ، ئاۋايلاپ موماينى يۆلەپ، يارىلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، موماينىڭ باش قىسمىنىڭ قانىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ يەنە دەرھال موماينى يۆلەپ ئايروپورت داۋالاش نۇقتىسىغا ئېلىپ باردى، ئالدىراش يۈرۈپ ئاراممۇ ئالمىدى، موماينىڭ يېنىدا ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ، ئۇنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇردى.

تاكى موماينىڭ سالامەتلىكىدە چوڭ چاتاق يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن ئوڭۇشلۇق ئالاقىلەشكەندىن كېيىن، ئالىمجان ئاندىن ئۈن - تىنسىز كەينىگە بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى. ئىسىم - فامىلىسى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرمىغاچقا، موماي پەقەت ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ «ئالى» ئىكەنلىكىنىلا ئېسىدە تۇتۇۋالدى، شىنجاڭدىن كەلگەن، قىزغىن، ئاق كۆڭۈل بۇ يىگىتنى ئېسىدە تۇتۇۋالدى.

سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، يىراق لياۋنىڭدىكى ۋاڭ مىن بۇ ئىللىقلىقنى باشتىن - ئاخىر ئەستە ساقلاپ، بىر پارچە رەھمەت خېتى يېزىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىگە ئەۋەتىپ، يۈزتۇرا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، قەلبىنى ئىللىتقان بۇ ياشنى تېپىشىغا مەكتەپنىڭ ياردەم بېرىشىنى ئۆتۈندى.

مەكتەپ خەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىرىنچى ۋاقىتتا «ئادەم ئىزدەش پىلانى»نى يولغا قويۇپ، ۋاڭ مىن تەمىنلىگەن ۋاقىت ۋە نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇرىغا ئاساسەن، ناھايىتى تېزلا ئالىمجاننى تاپتى. تۇيۇقسىز ماختاش ئالدىدا ئالىمجان تارتىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن ھېچقانچە ئىش ئەمەس، مەن پەقەت ئادەتتىكى بىر كىچىك ئىشنى قىلدىم، ئاتۇش شەھىرىدە، مەيلى كىمنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولسۇن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىدۇ، بۇ بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزغا ئورناپ كەتكەن ئادەت.»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاتۇش شەھىرى گىرەلەشمە جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» «قوشنىلار ئارا بىر - بىرىگە ياردەم بېرىش» «ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كىچىك ھويلىسى» «ياشلار كىچىك ھويلىسى»دىن 63نى بەرپا قىلىپ، نۇرغۇن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىللە ئولتۇراقلىشىش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىشىغا تۈرتكە بولدى.

ھەزرىتىئېلىنىڭ سەمىمىي چىڭ تۇرۇشى، خالمۇراتنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى، ئالىمجاننىڭ قەلبلەرنى ئىللىتىپ ياردەم بېرىشى، دىلنۇرنىڭ چىن ھېسسىياتنى يەتكۈزۈشى... ئۇلار ئاددىي ئىشلارنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ دۆلەت مۇھەببىتى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى تولۇق نامايان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.