تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

سۈرەتلىك ھېكايە | ۋۇ شاۋجيې: رەڭلىك لاي ھەيكەل ياساش ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى بايان قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ خەۋىرى، فوتوسى

  شىنجاڭ رەڭلىك لاي ھەيكەل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى ۋۇ شاۋجيېنىڭ جياڭشياۋتاۋ رەڭلىك ھەيكەل ياساش ئىشخانىسىغا كىرسىڭىز، خۇددى بەدىئىيلىككە تولغان رەڭلىك ھەيكەل دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز. رەڭلىك ھەيكەل ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى مول ۋە كۆپ خىل بولۇپ، نەپىس ئاسما بۇيۇملار ۋە تىزىپ قويۇلىدىغان بۇيۇملاردىن ھەيۋەت ھەيكەل بۇيۇملىرىغىچە قويۇق شىنجاڭ خاسلىقى نامايان بولۇپ تۇراتتى.

ۋۇ شاۋجيې لايدىن ھەيكەل ياسىماقتا.

  ۋۇ شاۋجيې كىچىكىدىن باشلاپ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى شۈ شۇجاڭدىن ئەنئەنىۋى رەڭلىك لاي ھەيكەل ياساش ھۈنىرىنى ئۆگەنگەن، 2010-يىلى شىنجاڭدىكى ھۈنەر-سەنئەت ۋە گۈزەل سەنئەت ئۇستىسى جاڭ گوجىڭدىن شىنجاڭنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەش ۋە ياساشنى ئۆگەنگەن، كېيىن «جەنۇبىي ئەنخۇي رەڭلىك ھەيكەل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى» جېن مىڭجيېنى ئۇستاز تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭ ھۈنەر-سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سېغىز لايدىن رەڭلىك ساپال، لاي ھەيكەل ياساش ھۈنەر-سەنئىتىنى ئىگىلىگەن. ھۈنەر-سەنئەت ئۆگىنىش جەريانىدا، ئۇ شىنجاڭنىڭ خەلق ئۆرپ-ئادىتى مەدەنىيىتىگە ئىشتىياق باغلاپ، ئىجادىيەت ئىلھامىغا ئېرىشكەن.

ۋۇ شاۋجيې سېغىز توپىنى بازغان بىلەن ئۇۋۇتماقتا.

   2019-يىلى، ئۇ تاراتقۇ شىركىتى قۇرۇپ، جياڭشياۋتاۋ ماركىسىنى ياراتقان. ئۇ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقى بىلەن ئىجادىيەتنى بىرلەشتۈرۈش يوشۇرۇن كۈچىگە قەتئىي ئىشەنچ باغلاپ، ماتېرىيال توپلىغاچ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، شۇنداقلا مەھسۇلاتلىرى بازاردا ناھايىتى تېزلا ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن.

ۋۇ شاۋجيې تاللىۋالغان سېغىز توپىنى تاسقىماقتا.

   ۋۇ شاۋجيې ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش يولىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. شىنجاڭ رەڭلىك لاي ھەيكەل غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. «ئون ئىككى مۇقام» ناملىق ئەسىرى 55-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى يەرمەنكىسىدە «ئالتۇن سۇمۇرغ» مۇكاپاتى بويىچە ئالتۇن مۇكاپاتقا، «دولان مەشرىپى» ناملىق ئەسىرى «بەيخې لوڭقىسى» مۇكاپاتى بويىچە شىنرۇي مۇكاپاتىغا، «ئورتاق سادا» ناملىق ئەسەرلىرى ئىچىدىكى «تارىم كۈيى» ناملىق ئەسىرى ياشلار ئىگىلىك تىكلەشكە يار-يۆلەك بولۇش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن، رەڭلىك ھەيكەل ئەسەرلىرى جۇڭگو ھۈنەر-سەنئەت ۋە گۈزەل سەنئەت سارىيى (جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى) تەرىپىدىن يىغىپ ساقلانغان ھەم كۆرگەزمە قىلىنغان.

ۋۇ شاۋجيې پىرسوناژ ئوبرازىنى ياسىماقتا.

   رەڭلىك لاي ھەيكەل ياساش ھۈنەر-سەنئىتى جۇڭگو خەلق ئىچى ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئىتى ئىچىدىكى قەدىمىي ھەم كۆپ ئۇچرايدىغان خەلق ئىچى سەنئىتى ھىسابلىنىدۇ، ئۇ سېغىز لاي بىلەن ھەر خىل ئوبرازلارنى ياسايدىغان بىر خىل خەلق ئىچى قول ھۈنەر-سەنئىتىدۇر. ۋۇ شاۋجيې ياسىغان رەڭلىك لاي ھەيكەللەردە ئاساسلىقى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش مەنزىرىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قويۇق رايون خاسلىقىغا ئىگە.

ۋۇ شاۋجيې ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھەيكەلگە رەڭ بېرىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

   «شىنجاڭنىڭ خەلق ئۆرپ-ئادىتى مەدەنىيىتى مول، مەن تېخىمۇ كۆپ رەڭلىك لاي ھەيكەل مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىمەن.» ۋۇ شاۋجيې غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن زامانىۋىلىقنى يۇغۇرۇشقا تىرىشىپ، رەڭلىك لاي ھەيكەل ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى.

ۋۇ شاۋجيې خېرىدارلار زاكاز قىلغان رەڭلىك لاي ھەيكەل ئەسەرلىرىنى رەتلىمەكتە.

6-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنغان ۋۇ شاۋجيېنىڭ رەڭلىك لاي ھەيكەل ئەسەرلىرى.

«视觉新疆»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.