ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇ دامىن خەۋەر قىلىدۇ) ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئۆرۈك چېچىكى، تاغ شاپتۇلى چېچەكلىرىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى ساي يولى تېز سۈرئەتلىك يولى بويىدىكى قارىياغاچ يوپۇرماقلىق مېيخۇا گۈلى، تاشئالما، سېرىنگۈل، سۆسۈن يوپۇرماقلىق قويۇق ئالۇچا، قارىدان بەس-بەستە ئېچىلدى. قىزىل، ئاق، ھالرەڭ، سۆسۈن، سېرىق قاتارلىق ھەر خىل رەڭدىكى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر كۆزنى قاماشتۇرۇپ، ساي يولى تېز سۈرئەتلىك يولىنى رەڭدار مەنزىرە يولىغا ئايلاندۇردى.
4-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ساي يولى تېز سۈرئەتلىك يولىدىكى خۇالىڭ گۇرۇھى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ ئەتراپىدا، قات بەرگىلىك قارىياغاچ يوپۇرماقلىق مېيخۇا گۈلى ھۈپپىدە ئېچىلغانىدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى
4-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ساي يولى تېز سۈرئەتلىك يولىدىكى خۇالىڭ گۇرۇھى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدە، شەھەر ئاھالىلىرى تاشئالما چېچەكلىگەن پىيادىلەر يولىدا ماڭماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى
4-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ساي يولى تېز سۈرئەتلىك يولىدىكى خۇالىڭ گۇرۇھى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدە، شەھەر ئاھالىسى سۈرەتكە تارتماقتا. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى
4-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان گۈللۈكى ئەتراپىدا، ئاپتوموبىللار گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان ساي يولى تېز سۈرئەتلىك يولى قوشۇمچە يولىدىن ئۆتمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى
4-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئەتراپىدىكى ساي يولى تېز سۈرئەتلىك يولى ئورمان بەلبېغىدا، قات بەرگىلىك قارىياغاچ يوپۇرماقلىق مېيخۇا گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى
4-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ساي يولى تېز سۈرئەتلىك يولى سۇجوۋ يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى ئەتراپىدا، سۆسۈن سېرىنگۈل پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى
4-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى ساي يولى تېز سۈرئەتلىك يولى جەنۇبىي خېنەن يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ ئەتراپىدا، پورەكلەپ ئېچىلغان قات بەرگىلىك قارىياغاچ يوپۇرماقلىق مېيخۇا گۈلى شەھەر ئاھالىسىنى سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ دامىن فوتوسى
«ئانار بۇلۇت» تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






