تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش داۋامىدىكى قېرىنداشلىق مېھرى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ خۇڭلى

«چاتاق يوق ئىكەن، سۇ، توك نورمال ئىكەن.» 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باھار شامىلى كۇچا شەھىرىنىڭ رەستە كوچا باشقارمىسى لىنجىلۇ يولى مەھەللىسىدىكى كوچىلارنى سىيپاپ ئۆتتى، 58 ياشلىق توختى مەخمۇت ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا قوشنىسى گو شياۋلېينىڭ «پۇسۇ ئائىلىۋى مېھمانخانىسى»غا كىرىپ، ھويلىدىكى گۈل - گىياھلارنى سۇغىرىپ، ئۆيلەرنىڭ سۇ، توك ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرگەچ، تېلېفوندا يىراق خېنەندىكى گو شياۋلېيغا يېقىنقى ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى.

ھويلىدا گۈل - گىياھلار قويۇق ئۆسكەن بولۇپ، يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى، توختى سارغىيىپ كەتكەن بىرنەچچە تال يوپۇرماقنى ئۈزگەچ، كۈلۈمسىرىگىنىچە مۇنداق دېدى: «ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە كېلىپ قونۇپ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ھېس قىلىشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. شياۋلېينىڭ قايتىپ كېلىشىگە يەنە بىر ھەپتە قالدى، <1 - ماي>دا بىز تىجارەتنى باشلاپ مېھمان كۈتۈۋالالايمىز».

36 ياشلىق خېنەنلىك بۇ قېرىندىشىنى تىلغا ئالغاندا، توختى ئىختىيارسىز ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. گو شياۋلېي ئەسلىدە خېنەندە قۇرۇلۇش سودىسى قىلىدىغان بولۇپ، يىللىق كىرىمى 1 مىليون يۈەندىن ئاشاتتى. 2023 - يىلى 10 - ئايدا، ئۇ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كۇچاغا ساياھەتكە كەلگەندە، كونا شەھەرنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى ۋە مەدەنىيەت - ساياھەت يوشۇرۇن كۈچى ئۇنى جەلپ قىلىۋالغاچقا، دەرھال بۇ يەردە قېلىپ بىر ئائىلىۋى مېھمانخانا ئېچىشنى قارار قىلدى. ئىجارىگە ئالىدىغان ھويلا ئىزدەش جەريانىدا، ئۇ توختى ئاكىسى بىلەن تونۇشۇپ قالدى.

گو شياۋلېينىڭ ئائىلىۋى مېھمانخانا ئاچىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، توختى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەمچى بولۇپ، ئۇنى باشلاپ كوچىلارنى ئارىلاپ ئۆي مەنبەسىنى ئىزدىدى، ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى لايىھەلەشكە ياردەملىشىپ، بازارغا بېرىپ ماتېرىيال سېتىۋېلىپ، ئىشچىلار بىلەن باھادا كېلىشىپ، ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ تەييارلىق قىلىشى ۋە تىجارەت باشلىشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا تولۇق قاتناشتى. ئائىلىۋى مېھمانخانا قىش پەسلىدە تىجارەتنى توختىتىش مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە قاراش مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، قەرەللىك ھالدا ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ تەكشۈرۈپ، يۇرتىغا قايتقان گو شياۋلېينى غەم - ئەندىشىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلدۇردى.

بۇ دوستلۇق ئەزەلدىن قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىش بولۇپ كەلدى.

گو شياۋلېيمۇ توختىنىڭ ئىشىنى باشتىن - ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. توختىنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش بولغاچقا، گو شياۋلېي تەشەببۇسكارلىق بىلەن توختى ئەر - خوتۇننى ئېلىپ سىرتقا مال سېتىۋېلىشقا، شەھەر ئەتراپىدا سەيلە قىلىشقا چىقاتتى. ھېيت - بايراملاردا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئاپىرىپ بېرىش بىلەن بىللە، يەنە كونا شەھەردىكى باشقا ئاھالىلەردىن ھال سوراپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ھەر قېتىم خېنەنگە قايتىشتىن بۇرۇن، گو شياۋلېي توختىنىڭ ئۆيىگە ئالايىتەن بېرىپ خوشلىشىدۇ، توختىمۇ دائىم چوڭ - كىچىك خالتىلارغا قاچىلانغان شىنجاڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى بالدۇرلا تەييارلاپ، گو شياۋلېيغا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھەمبەھرىلىنىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىشكە بېرىدۇ.

ئارىلىق ناھايىتى يىراق بولغان بۇ قوشنىدارچىلىق مېھرىنى تىلغا ئالغاندا، گو شياۋلېي ناھايىتى ھاياجانلىنىدۇ.

«ئەڭ ئۇنتۇيالمايدىغىنىم، شۇنداقلا قەلبىمنى ئەڭ ئىللىتقىنى ئاشۇ قېتىمقى جىددىي كېسىلىم تۇيۇقسىز قوزغالغان ۋاقىتتىكى كەچۈرمىشىم.» بۇلتۇر 5 - ئاينىڭ بىر كۈنى سەھەردە، بۆرەككە تاش چۈشۈش كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ ئاغرىقتىن گو شياۋلېيدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى، يېنىدا ئۇرۇق - تۇغقانلىرى يوق بولغاچقا، ئۇ بىرىنچى بولۇپ توختىنى ئېسىگە ئالدى. تېلېفون ئۇلانغاندىن كېيىن، توختى ئىككىلەنمەيلا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىمىنى كىيىپ، كېچىلەپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. نومۇر ئېلىش، تەكشۈرۈشتىن پۇل تاپشۇرۇش، دورا ئېلىشقىچە توختى ئۇياق - بۇياققا چېپىپ، پۈتۈن جەرياندا ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، خۇددى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ ئەستايىدىل، ئەتراپلىق قارىدى. تاكى گو شياۋلېينىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، ئائىلىۋى مېھمانخانىغا تىنچ - ئامان قايتىپ كەلگەندە، توختى ئاندىن خاتىرجەم ئايرىلدى.

«شۇ چاغدا مەن كۇچادا ئۆزۈمنىڭ سىرتتىن كەلگەن ئادەم ئەمەسلىكىمنى، مېنىڭمۇ ئائىلەم بارلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.» گو شياۋلېي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: توختى مېنىڭ ئەڭ يېقىن ئاكام، كۇچا مېنىڭ 2 - يۇرتۇم.

«1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلى يېقىنلىشىپ قالدى، ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، توختى ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىنى رەتلەش بىلەن ئالدىراش بولدى، ئۇ گو شياۋلېينىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە، شۇنداقلا ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.