تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

شېرىن تەم كەلدى! تۇرپاننىڭ بازارغا سېلىنىش ئالدىدىكى مېۋىلىرى سىزنىڭ پۈتۈن ئەتىياز، ياز پەسلىڭىزنى «ھۆددىگە ئالىدۇ»

4-ئايدىكى تۇرپاندا
شېرىن تەم شاخلارنى بويلاپ تۇيدۇرماستىن تەييارلاندى

10 مىڭ مولۇق ئۆرۈكلۈك باغدا

ياپيېشىل غورىلار

 خۇددى يېشىل قاشتېشىدەك شاخلارغا ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى

ئۇلار چۈرۈك، يۇمران، چۈچۈمەل تاتلىق بولۇپ

بىر چىشلىسە

تۇرپانغا خاس باش باھارنىڭ تەمى كېلەتتى

پارنىكنىڭ مېۋە-چېۋىلىرى ئالدىن تەييار بولدى

ئادەمگىياھ مېۋىسى، كىچىك تاۋۇز، ياڭجياۋمى

قوغۇن، توغاچ ...

كەينى-كەينىدىن مەي باغلاپ پىشىپ

ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىندى

چۈچۈمەل  تاتلىق تەمدىن يېقىملىق شېرىن تەمگىچە

بىر چىشلەپلا تۇرپاننىڭ گۈزەل باھارىغا چۆمۈلۈپ كېتىسىز

پات ئارىدا

شاخلار ئۈجمىگە تولىدۇ

تاتلىقلىقىدىن قوللىرىڭىزغا شىرنىلەر چاپلىشىپ كېتىدۇ

ئاق ئۈجمە ساپ تاتلىق، يۇمشاق، يېپىشقاق

قارا ئۈجمە قويۇق تەملىك، خۇشپۇراق بولۇپ

پۈتۈن ئەتىياز، يازدا

سىزگە شېرىنلىك بېغىشلايدۇ

ئۇنىڭ ئارقىدىنلا

كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان ئالتۇن رەڭلىك ئۆرۈكلەر ئارقا-ئارقىدىن شاخلارغا «چىقىدۇ»

  ئەتلىك، خۇشپۇراق ئۆرۈكلەر

تۇرپاننىڭ تاتلىقلىقىنى يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ

ئەپسۇس، ئۇنىڭ مېۋە مەزگىلى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ

سەللا بىخەستەلىك قىلسىڭىز بىر پەسىللىك شېرىن تەمنى قولدىن بېرىپ قويىسىز

    

ھەممەيلەن تەقەززا بولغان تۇرپان ئۈزۈمى

باغدا ئاللىبۇرۇن يېڭى شاخلىرىنى يايدى

كىشمىش ئۈزۈم، قىزىل ئۈزۈم، قارا ئۈزۈم،

قىزىلگۈل تەملىك ئۈزۈم، سايۋا ئۈزۈم، خىرۇستال ئۈزۈملەر نامايان بولدى

...

ئۇلار ئۈن-تىنسىز ھالدا ئۆزىگە قەنت توپلاپ

تومۇز كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كېلىپ

بىر پەسىللىك شېرىن تەمنى «ھۆددىگە ئېلىۋېلىشنى» كۈتمەكتە

تۇرپاننىڭ مېۋىسى

تۇغما «شېرىن گېن»غا ئىگە

ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق كۈن نۇرى قەنت تەركىبىنى تۇتۇپ تۇرىدۇ

غايەت زور تېمپېراتۇرا پەرقى تەمنى يىغىدۇ

ھەربىر تال مېۋە توق، شىرنىلىك كېلىدۇ

ئەگەر سىز بۇ يەرگە كەلسىڭىز

بىر تال غورىدىن باشلاپ

بۇ شەھەرنىڭ

چۈچۈمەل تاتلىق تەمدىن شېرىن قىزغىن تەمگىچە بولغان

ئۆزگىچە رومانتىكىلىقىنى ئاستا-ئاستا ھېس قىلىسىز

«تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.