تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

قوشنىلار زىياپىتى باشلاندى! بۇ جەم بولۇش قەلبلەرنى ئىللىتتى

مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئىجادىيىتى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن خەۋىرى، فوتوسى) 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى «قەلبىنى ئىللىتىدىغان قوشنىلار زىياپىتى، ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق يۇغۇرۇلۇش» قوشنىلار بايرىمى باش تېمسىدىكى پائالىيەتنى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى، تېز يەتكۈزگۈچىلەر، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەر، مەھەللىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرى، مەھەللە ئاھالىلىرىنى خۇشال جەم بولۇپ، بىرلىكتە قوشنىلار ئۇچرىشىشىغا كېلىشكە تەكلىپ قىلىندى.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى «قەلبنى ئىللىتىدىغان قوشنىلار زىياپىتى، ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق يۇغۇرۇلۇش» قوشنىلار بايرىمى باش تېمسىدىكى پائالىيەتنى ئۆتكۈزدى.

   پائالىيەت مەيدانى شاد-خۇراملىققا چۆمدى، كۆپچىلىك ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، مېھىر-شەپقەت چۈشلۈك تامىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، خۇشال كۈلكە سادالىرى ئىچىدە قوشنىلار بىلەن بولغان ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى. «ئادەتتە خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، قوشنىلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ياخشى پاراڭلىشىش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز ئىدى، كوچا باشقارمىسى ئۆتكۈزگەن قوشنىلار زىياپىتى بىزگە چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى» دېدى مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسى لېي شيا.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، قوشنىلار بايرىمى پائالىيىتىنىڭ نەق مەيدانى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتتى، مەھەللە ئاھالىلىرى بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينىدى.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، قوشنىلار بايرىمى پائالىيىتىنىڭ نەق مەيدانىدا، ھەر خىل مەززىلىك تائاملار ئاھالىلەرنىڭ رىشتىنى تېخىمۇ تۇتاشتۇردى.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، قوشنىلار بايرىمى نەق مەيدانىدا، كۆپچىلىك بىرلىكتە قوشنىلار زىياپىتىدىن ھۇزۇرلاندى.

   بۇ قېتىمقى قوشنىلار زىياپىتى پائالىيىتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماي، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق، دوستانە، ئىتتىپاق ئۆتىدىغان ياخشى مەھەللە كەيپىياتىنى ياراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.