□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن
«ئىلگىرى كۆمۈر كاندا ئىشلەش ھەم جاپالىق ھەم مەينەت بولغاچقا ئىشچى قوبۇل قىلىشمۇ ئىنتايىن تەسكە توختايتتى. ھازىر ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، كۆمۈر كانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى، بىخەتەرلىك كوئېففىتسېنتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا يەنە تېخى نۇرغۇن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى قوبۇل قىلىندى!» 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، كۆمۈر كاندىكى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنغاندا، شىنجاڭ تۇننەن كۆمۈرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 3 - تارماق شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋۇ جياڭشېڭ ناھايىتى ھاياجانلاندى. قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان تۇننەن كۆمۈرچىلىكىدە 1955 - يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، ۋۇ جياڭشېڭ شىنجاڭنىڭ كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدى، «40 نەچچە يىل ئىلگىرى، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشتا ئاساسەن ئادەم كۈچىگە تايىناتتۇق، 20 نەچچە يىل ئىلگىرى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، ھازىر ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان دەۋرگە قەدەم قويدۇق.»
كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش شىنجاڭ كۆمۈرچىلىك ساھەسىنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك تەدبىر. 2023 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتى قاتارلىق توققۇز تارماق بىرلىكتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى (2023 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2025 - يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كۆمۈر كاننىڭ ھەممىسىنى دەسلەپكى دەرىجىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىگە يەتكۈزۈش، قۇرۇلۇش شارائىتى ھازىرلانغانلىرىنى ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شىنجاڭدىكى كۆمۈرچىلىك كارخانىلىرى پائال ئاۋاز قوشۇپ، 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، كۆمۈر كانلارغا «ئاقىل چوڭ مېڭە» ئورناتتى. ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ھەربىر كۆمۈر كانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشتى، ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى ئارقا - ئارقىدىن 300 مىليون، 400 مىليون، 500 مىليون توننىدىن ئېشىپ، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە ئاساسلىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە باش ئورۇندا تۇردى.
شوپۇرسىز كان يۈك ئاپتوموبىلى ئۆلچەملىك سەپلىمىگە ئايلاندى
4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاراتۆرۈك ناھىيەسى بەيشىخۇ ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىدا، 700دىن ئارتۇق شوپۇرسىز كان يۈك ئاپتوموبىلى ھالقىسىمان كان يولىدا قاتناپ، داشقال، كۆمۈرنى تەرتىپلىك توشۇماقتا ئىدى.
«بۇ شوپۇرسىز كان يۈك ئاپتوموبىللىرى يول توساقلىرىنى ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرەلەيدۇ، شوپۇرلۇق كان يۈك ئاپتوموبىللىرى بىلەن ئارىلىشىپ ئەترەت تەشكىللىنىپ توشۇيدۇ، ئاپتوموبىللارنىڭ سوقۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەش پۈتۈنلەي ھاجەتسىز» دېدى ئاراتۆرۈك گۇاڭخۇي كانچىلىق چەكلىك شىركىتى تىجارەت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ جيې.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاراتۆرۈك گۇاڭخۇي كانچىلىقى 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، بەيشىخۇ ۋە مالاڭ كۆمۈر كېنىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆمۈر كان ئىشلەپچىقىرىشىدا پەن - تېخنىكا ئۈلگىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. «ھازىر ئىشچىلار ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ، ئۈسكۈنىلەرنى يىراق مۇساپىلىك كونترول قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشقا قاتنىشىدۇ» دېدى جاڭ جيې.
دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭدا يەتتە كۆمۈر كېنى بار بولۇپ، 2020 - يىلى شەرقىي جۇڭغار ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىدا تۇنجى شوپۇرسىز تۈرنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويغانىدى. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت قارىمىقىدىكى تۆت ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كاندا 229 شوپۇرسىز كان يۈك ئاپتوموبىلى ئىشلىتىلدى، ئۇنىۋېرسال مەشغۇلات ئۈنۈمى %85 − %90كە يەتكۈزۈلۈپ، ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانلارنىڭ «ئادەم قوبۇل قىلىش قىيىن بولۇش، ئادەم ئېلىپ قېلىش قىيىن بولۇش، بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى بولۇش» مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى.
«5G ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۇلۇت كونترول سۇپىسىغا تايىنىپ، شوپۇرسىز كان يۈك ئاپتوموبىلى مۇرەككەپ ئىش ھالىتىگە ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇنلىشالايدۇ.» دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شەرقىي جۇڭغار ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىنىڭ باش ئىنژېنېرى لى سىۋېي مۇنداق دېدى: بىر خىزمەتچى خادىم 60 شوپۇرسىز كان يۈك ئاپتوموبىلىنى تەڭشەپ، بىخەتەر يۈرۈش پۈتۈن جەريانىنى كونترول قىلالايدۇ.
شوپۇرسىز كان يۈك ئاپتوموبىلى شىنجاڭدىكى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانلارنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسىگە ئايلاندى.
«بۇ يىل 2 - ئايغىچە، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تاماملانغان 16 جايدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كاندا، شوپۇرسىز كان يۈك ئاپتوموبىلى 1955كە يەتتى.» جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ما خۇادۇڭ شىنجاڭدىكى كۆمۈر كانلارنىڭ شوپۇرسىز كان يۈك ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن مۇنداق تونۇشتۇردى: شوپۇرسىز كان يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى ئىنتايىن ناچار شارائىتتا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پەن - تېخنىكا مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملىدى. ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان قېزىش، شوپۇرسىز مەشغۇلات قىلىش ۋە تۈجۈپىلىك باشقۇرۇش - كونترول قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى كۆمۈر كانلار بايلىق ئېچىش ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى تەڭ ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئاپتوماتىك كونترول قىلىش ئاساسىي ئورۇندا تۇردى
«2 - ئەۋلاد كۆمۈر كان ئىشچىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى ۋۇدۇڭ كۆمۈر كېنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەمەتئېلى روزى كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى 1953 - يىلى ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى كان ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ليۇداۋان كۆمۈر كېنىغا خىزمەتكە چۈشكەندە، كۆمۈر قېزىش سايمانلىرىدىن جوتۇ، گۈرجەك، بازغان قاتارلىقلارلا بار ئىدى.
1994 - يىلى ليۇداۋان كۆمۈر كېنىغا خىزمەتكە چۈشكەن مەمەتئېلى قىرغۇچ تاختىلىق توشۇش ماشىنىسى قاتارلىق ماشىنىلاشقان ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئۇچراشتى. 2011 - يىلى، ليۇداۋان كۆمۈر كېنى رەسمىي تاقالدى، شۇ چاغدا پۈتۈن شىنجاڭدا كۆمۈر كانلارنى ئاپتوماتلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. 2020 - يىلى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق سەككىز مىنىستىرلىق، كومىتېت بىرلىكتە «كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى، شىنجاڭدا كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنىڭ مۇقەددىمىسى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، ۋۇدۇڭ كۆمۈر كېنى، ئوقۇربۇلاق كۆمۈر كېنى، جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى قاتارلىقلار مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدىغان 71 كۆمۈر كان قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
2021 - يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى جەمئىي 1 مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭدىكى كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولدى، ھازىرغا قەدەر، ئالتە كۆمۈر كان ئاپتونوم رايوننىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋۇدۇڭ كۆمۈر كېنى دۆلەتنىڭ 2 - تۈردىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كۆمۈر كېنى سەۋىيەسىگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان جىددىي يانتۇلۇقتىكى ئالاھىدە قېلىن كۆمۈر قاتلىمىدا كىچىك دائىرىلىك ئۇنىۋېرسال شوپۇرسىز قېزىش ئىش كۆلىمىنى بەرپا قىلىپ، «يەر يۈزىدە كۆمۈرنى پىلانلاش - كېسىش - قويۇش، قۇدۇق ئاستى جابدۇقلىرىنى ئاپتوماتىك ئىجرا قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش مەزگىلى - دائىرىسى ئىچىدە ئادەمسىز مەشغۇلات قىلىش، يەر يۈزىدە يىراق مۇساپىلىك دەل جايىدا ئارىلىشىش»تىن ئىبارەت يېپيېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇردى.
«ئىلگىرى، بىر ئىسمېنىدا 11 ئادەم قۇدۇق ئاستىدا جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، كۈنىگە 200 توننا كۆمۈر قازاتتۇق؛ ھازىر بەش ئادەم نۆۋەتچىلىك قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى يەر يۈزىدە يىراق مۇساپىلىك كونترول قىلىش ئارقىلىق، كۈنىگە 2000 توننىغا يېقىن كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىمىز» دېدى ۋۇدۇڭ كۆمۈر كېنىنىڭ 30 نەچچە يىللىق كۆمۈر قېزىش تەجرىبىسىگە ئىگە باش تېخنىكا ئۇستىسى ياڭ شۇيوۋ.
ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ۋۇدۇڭ كۆمۈر كېنى %50تىن ئارتۇق مەشغۇلات خادىمىنى قىسقارتىپ، ھەر توننا كۆمۈرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى %18 تۆۋەنلەتتى.
«جاپاغا چىداپ ئىشلەش»تىن «يىراق مۇساپىلىك نۆۋەتچىلىك قىلىش»قىچە، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنىڭ ئېلىپ كەلگىنى ئۈنۈم بىلەن تەننەرخنى قوش ئەلالاشتۇرۇش بولۇپلا قالماي، يەنە كۆمۈر كان ئىشچىلىرىنىڭ «كۆمۈر قازغۇچى قارىۋاي»دىن «تېخنىكىلىق ئاق ياقىلىقلار»غىچە بولغان سالاھىيەت ئۆزگىرىشى بولدى.
ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش يەنە ئادەم كۈچىنىڭ ئورنىغا ماشىنا ئادەمنى ئىشلىتىپ، ئادەمنى خەتەرلىك مەشغۇلات مۇھىتىدىن ئازاد قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. كۇچا ئوقۇربۇلاق كۆمۈر كېنى، شىخو چىگىشور كۆمۈر كېنى، قومۇل بوغاز 7 - نومۇرلۇق كۆمۈر كېنى قاتارلىق قۇدۇقلۇق كۆمۈر كانلار تىرانسفورموتور پونكىتى، سۇ پومپىسى ئۆيى قاتارلىق مۇقىم ئىش ئورنىدا ماشىنا ئادەم نۆۋەتچىلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. «ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاپ تەكشۈرگۈچى ماشىنا ئادەم ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق تېمپېراتۇرا سېزىش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق مەيدان - سورۇننىڭ تېمپېراتۇرىسى، ئىس - تۈتەك، ئوت يالقۇنى قاتارلىقلارنى ئۆلچەپ تەكشۈرىدۇ، چارلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى تېخىمۇ دەل جايىدا بولىدۇ» دېدى بۈگۈر تاللىق 2 - نومۇرلۇق كان قۇدۇقىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ قوللىنىشقا مەسئۇل خادىمى شا زوجياڭ.
رەقەملىك تور بىلەن تولۇق قاپلاندى
كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش. 2024 - يىلى بېسىپ تارقىتىلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى (ۋاقىتلىق يولغا قويۇلىدۇ)»دا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: قۇدۇقلۇق كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى، گېئولوگىيەلىك كاپالەت سىستېمىسى، قېزىش سىستېمىسى، كۆمۈر قېزىش سىستېمىسى، ئاساسىي تىرانسپورت سىستېمىسى، قوشۇمچە تىرانسپورت سىستېمىسى، بىخەتەرلىك كاپالىتى سىستېمىسى قاتارلىق توققۇز تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېشىش - پارتلىتىش، كان قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇش تەدبىرى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان باغچە رايونى قاتارلىق ئالتە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭمېي گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى 200 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، قومۇل بوغاز 7 - نومۇرلۇق كۆمۈر كېنى ۋە غۇلجا ناھىيەسى پىلىچى كۆمۈر كېنىدا ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويدى. قومۇل بوغاز 7 - نومۇرلۇق كۆمۈر كېنى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ قۇدۇقلۇق كان بولۇپ، 5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك قوش سىستېما، نەرسە تورى قاتارلىق تېخنىكىلارغا تايىنىپ، «بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش - كونترول سۇپىسى، بىر 3D يول باشلاش خەرىتىسى، 10 مىڭ مېگالىق بىر ئايلانما تور، بىر بۇلۇت (ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۇلۇت كونترول سۇپىسى، 3D جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سىستېمىسى، 10 مىڭ مېگالىق بىر ئايلانما تور ۋە بىر بۇلۇت ئېكران يۈزى)»تىن ئىبارەت ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئاساسىي رامكىنى بەرپا قىلدى.
«ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا قۇدۇق ئاستىنى سىمسىز تور بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ كۆمۈر قېزىش سىستېمىسى رەقەملىك قوش سىستېما ۋە ئېنېرتسىيەلىك يول باشلاش تېخنىكىسى ئاساسىدا، ئاپتوماتىك كۆمۈر كېسىش، ئىتتىرىش - جازىنى يۆتكەش، ۋاقىت تەرتىپى بويىچە كۆمۈر قويۇش ھەم توشۇش قاتارلىق پۈتكۈل جەرياننى بىر كۇنۇپكا بىلەن قوزغىتىش - توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ بىخەتەرلىك كاپالەت سىستېمىسىدا زىيانلىق گازنى ئاپتوماتىك كۆزىتىپ ئۆلچەش، قۇدۇق ئاستىدا ئاپتوماتىك سۇ چىقىرىۋېتىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى ئېھتىياج بويىچە ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى جۇڭمېي گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى قومۇل بوغاز 7 - نومۇرلۇق كۆمۈر كېنىنىڭ ماشىنا - ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ جيەنفېڭ.
شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جياڭجۈن چۆللۈكى 2 - نومۇرلۇق كېنى، ۋۇسەيۋەن 1 - نومۇرلۇق كېنى قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كان جايلاشقان. رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ۋۇسەيۋەن 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېشىش - پارتلىتىش مۇھىتى پائال بەرپا قىلىندى، خىزمەتچى خادىملار ئۈچ ئۆلچەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارتلىتىش لايىھەلەش يۇمشاق ماتېرىيالىغا پارامېتىرنى كىرگۈزسىلا، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان بۇرغىلاش ماشىنىسى تۆشۈك ئىزدەش ۋە تۆشۈك تېشىش مەشغۇلاتىنى ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارالايدۇ.
«كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشنى يول قىلىپ، كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، كەسىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، <ئادەم قىسقارتىش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش>»نى ئىشقا ئاشۇردى. غەربىي قىسىم ئېنېرگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ داشۆ ئاسپىرانتلار شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ ۋېنفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى كۆمۈر كانلارنىڭ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى سىجىل قوزغىتىلدى.
ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ۋە قومۇل ئىككى جايدا 100 مىليون توننا دەرىجىلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى قۇرۇپ چىقتى، بۇ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننىدىن ئارتۇق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ %94ىنى ئىگىلىدى، يەككە قۇدۇقنىڭ ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يىلىغا 5 مىليون 500 مىڭ توننىدىن كۆپرەككە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %70كە يەتتى.
«15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىدۇ. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت كان بىخەتەرلىكى رېۋىزىيە ئىدارىسى شىنجاڭ ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە «ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كۆمۈر كانلارنى دائىملىق يۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى، مەزمۇنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كۆمۈر كانلارنى دائىملىق يۈرۈشتۈرۈشنى ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىش، قۇرۇلۇپ بولغان سىستېمىنىڭ ئىقتىدار يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىش ۋە كاپالەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۈچ يىللىق ھەرىكەتتىن دائىملىق يۈرۈشتۈرۈشكىچە، شىنجاڭدىكى كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىشتىن پۈتۈن رايون بويىچە چوڭقۇرلاپ كېڭەيتىشكە يۈزلەندى. پەن - تېخنىكا كۈچى ئارقىلىق ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قوزغىتىپ، سىستېمىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشماقتا.






