− ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو چيەن
توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى پارتىيەۋىلىك. پارتىيەۋىلىك كۈچلۈك بولۇپ، شەخسىي غەرەزنى چۆرۈپ تاشلىغاندىلا، ئاندىن سىياسىي نەتىجە قارىشىدا ئېغىش كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئۆگىنىش - تەربىيەسى بىلەن مەركىزىي خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش» ئومۇمىي تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ھەقىقىي تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تۈزىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.
ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا، ئۆگىنىش ئاساس، تەكشۈرۈش ئاچقۇچ، تۈزىتىش مەقسەت، بۇ ئۈچى بىر - بىرىگە زىچ باغلانغان، قاتلاممۇقاتلام تەدرىجىي ئىلگىرىلەيدىغان بولۇپ، ئۆزئارا باغلانغان، ئىچكى جەھەتتە بىرلىككە كەلگەن ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى دىققەتنى «ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە بولۇش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بەش ھەمتۈرتكىلىك ئۆگىنىش» سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەشكە تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى. «تۆت تەكشۈرۈشنى تەڭ تۇتۇش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىستىل جەھەتتىن تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بەنگۇڭتىڭ ئىشلىرى يىغىنىدا رەھبەرلىك بەنزىسى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر تىزىملىكىنى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتىپ، مەسئۇل رەھبەر، تاماملاش ۋاقىت چېكىنى تۈرمۇتۈر ئايدىڭلاشتۇردى. «ئۈچنى تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركەزنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزلىك تۈزەش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كىچىك دائىرە ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ھەل قىلىش، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش بىلەن ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، كۆپ دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەركەزلىك ئۆگىنىش بىلەن شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بىرلەشتۈرۈلگەن ھەر تەرەپلىمە ئۆگىنىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەينەن ھالدا ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇدى، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگەندى، قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈردى. كۆپ دەرىجە بويىچە تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش، سىستېمىلىق رەتلەش ئارقىلىق، يۇقىرىنىڭ تەلىپىگە سېلىشتۇرۇپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلە تىزىملىكى، ۋەزىپە تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكىدىن ئىبارەت «ئۈچ تىزىملىك»نى ئورناتتى. ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، «مەركەزلىك پار بىلەن تەمىنلەش جەريانىدا ئۆي تېمپېراتۇرىسى ئۆلچەمگە يەتمەسلىك، ھەقنى قايتۇرۇش قىيىن بولۇش، پارنى قالايمىقان توختىتىش» ۋە «قېزىلما بايلىقلارنى زىيادە ئېچىپ پايدىلىنىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۇتقا قىلىپ، مەۋقەنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، ئۆتكەلگە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىپ، تېز ئالغا سىلجىتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاش، چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپنى چىڭ كۆزلەپ ئۈلگە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بەش جەھەتتىكى 15 تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتتى، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى. مەركەزنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسەن تۈزىتىش، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈپ يولغا قويۇش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىش قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ھەرىكەت ھالىتىدىكى مەسىلە تىزىملىكىنى رەتلەپ شەكىللەندۈرۈپ، مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرمىدى، يوشۇرمىدى. دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ھۆججەت، يىغىن يۈكىنى يېنىكلىتىش جايىدا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى سىجىل تۈزەپ، «ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىشىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى خىزمەت تەدبىرى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاتارلىق تۈزۈم، ھۆججەتلەرنى بېسىپ تارقىتىپ، تۈزىتىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى پارتىيە گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كىتاب ئوقۇش كۇرسى، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتتى، ئىدىيەۋى ئاساسنى پۇختىلىدى. ئۆزلۈك ئىنقىلابىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى قاتتىق، ئەمەلىي تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، مەنبەدىن چوڭقۇر قېزىپ، ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە رەسمىيەتچىلىك قىلماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئوچۇق - ئاشكارا تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈش، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇر بولغان - بولمىغانلىقى، تەكشۈرۈشنىڭ ئەمەلىي بولغان - بولمىغانلىقىنى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا تۈزىتىش ئۈنۈمىگە تايىنىپ تەكشۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار خەلققە بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت سىياسىي نەتىجە قارىشىنى قەتئىي مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئەستايىدىل ئىشلەپ بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر بىر تۈركۈم ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى.
مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تەكشۈرىدىغان مۇھىم كۆزنەك. ئۈرۈمچى شەھىرى «19365» مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى تۇتقا قىلىپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى «بېجىرگىلى بولۇش»تىن «ياخشى بېجىرىش، تېز بېجىرىش، ئىللىق بېجىرىش»كە ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولدى. سايباغ رايونى پىڭدىڭشەن كوچا باشقارمىسى «ئاساسىي قاتلامدىكى بىر كۆزنەك» ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىي ئىشلار تۈرلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، «پۈتۈن ئىش ئورنى راۋان» قوشۇن بەرپا قىلدى. «نوپۇس دەپتىرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولساممۇ بۇنداق تېز بېجىرىپ بولالايدىغانلىقىمنى ئويلاپ باقماپتىمەن، ھەقىقەتەن بەك قولايلىق بوپتۇ!» پىڭدىڭشەن كوچا باشقارمىسى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزىگە كەسىپ بېجىرگىلى كەلگەن ئاھالە لى لىڭلىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىمغا ئالاقىدار كەسىپنى 15 مىنۇتتىلا بېجىرىپ بولدۇم.
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى شەكىلۋازلىق جاھىل كېسىلىنى سىجىل تۈگىتىپ، ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن چۈشەكنى بوشىتىپ يۈكنى يېنىكلەتتى. ھۆججەت، يىغىنلارنى ئىخچاملاش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، باھالاپ سېلىشتۇرۇش، بەرپا قىلىشنى قاتتىق كونترول قىلىشنى قاتتىق باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، ئومۇمىي مىقدارنى ئازايتىش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە توغرا يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كەنت(مەھەللە)لەرنىڭ ئارخىپ ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەت مېخانىزمى ۋە ۋىۋىسكا ئېسىش ئىشلىرىنى ئېنىقلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، زىيادە ئىز قالدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەسىلە يىپ ئۇچى توپلاش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، توردا ئىنكاس قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ، توپلانغان مەسىلە يىپ ئۇچىنىڭ ھەممىسىنى دەل جايىدا تۈزەتتى. بىر ئاساسىي قاتلام كادىرى مۇنداق بىلدۈردى: يۈكنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرى ئەمەلىي ۋە ئەسقاتىدىغان بولۇپ، كۆپچىلىكنى تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا سەرپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.






