تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئەندىزىسىنى قايتا يارىتىشنى تېزلەتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى مىسلىسىز «چوڭ قۇرۇلۇش قىلىش، چوڭ مەبلەغ سېلىش، چوڭ ھالقىش» مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى.

بۇ يىل، شىنجاڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىدىن 37نى يېڭىدىن قۇرۇش، داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇشنى پىلانلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئون تۈرلۈك قۇرۇلۇشتا يېڭىدىن ئىش باشلاندى، 27 تۈرلۈك قۇرۇلۇش داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇلۇۋاتىدۇ، 750 كىلوۋولتلۇق لىنىيەدىن جەمئىي 4831 كىلومېتىر قۇرۇلىدۇ، بېسىم ئۆزگەرتىش سىغىمى 81 مىليون كىلوۋولت ئامپېر.

«مۆلچەرلىنىشىچە، 2030 - يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىدا <تۆت ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئۆزگىرىشچان توك يەتكۈزۈش يولى، ئالتە ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش يولى> سىرتقا يەتكۈزۈش ئاساسىي تور رامكىسى ئەندىزىسى بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 60 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشۇرۇلىدۇ» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى تەرەققىيات - پىلانلاش بۆلۈمى ئاساسىي تور پىلانلاش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى ياڭ گۇيشىڭ.

بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ يىرىك پىلان پىروگراممىسى تۈزۈپ چىقىلىدۇ. يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى كۈچەپ بەرپا قىلىنىپ، ئاقىل ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە ساقلاش تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، يېشىل توك ئىشلىتىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ.

مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

مەبلەغ سېلىش سالمىقى يىلمۇيىل زورايدى

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقى يىلمۇيىل زورىيىپ، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى يىلمۇيىل ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 35 كىلوۋولتلۇق − 750 كىلوۋولتلۇق تۈر سېلىنمىسى 2021 - يىلىدىكى 9 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك بولۇشتىن كۆپىيىپ 2025 - يىلىدىكى 20 مىليارد يۈەندىن كۆپرەككە يېتىپ، ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى.» ياڭ گۇيشىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل بۇ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە يەنىلا كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سېلىش سالمىقى ساقلىنىدۇ.

ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كەلگەندە، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرە تەدرىجىي نامايان بولدى. 27 تۈرلۈك ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى بىرلا ۋاقىتتا ئالغا سىلجىتىلىپ، دائىرىسى پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىدى. تىيانشان تېغىدىن قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگىچە، چۆللۈكتىن كۆللەرگىچە بولغان جايلاردا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشچىلىرىنىڭ ئالدىراش قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

3 - ئاينىڭ ئاخىرى، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا، ئىلى − كۇچا Ⅱ قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا تۇنجى ئۇلغا بېتون قۇيۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى تاماملاندى، بۇ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ «چوڭ تومۇر»نىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۇل قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىلى − كۇچا Ⅱ قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تۈرى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تىيانشاننىڭ غەربىي بۆلىكىنى ئوراپ تۇرىدىغان 750 كىلوۋولتلۇق ھالقىسىمان تورىنىڭ ئاچقۇچلۇق تەركىبىي قىسمى. بۇ قۇرۇلۇش ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نىلقا ناھىيەسىدىكى 750 كىلوۋولتلۇق ئىلى تىرانسفورموتور پونكىتىدىن باشلىنىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرىنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق كۇچا تىرانسفورموتور پونكىتىدا ئاخىرلىشىدۇ، لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 371.408 كىلومېتىر بولۇپ، يېڭىدىن 741 تۆمۈر مۇنار ئورنىتىلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 700 مېتىردىن 3750 مېتىرغىچە كېلىدۇ.

«قۇرۇلۇش تىيانشاننى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئادەمسىز رايون، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز تاغلىق رايون، قەدىمىي مۇزلۇق گېئوئاپەت رايونى قاتارلىق مۇرەككەپ يەر شەكلىدىن ئۆتىدۇ، %70 يول بۆلىكى تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز يېرى 3750 مېتىر بولۇپ، قۇرۇلۇش قىلىش قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن زور» دېدى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۈلۈك ئىگىسى تۈر دىرېكتورى لى جۈن.

بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يېرىمدىن كۆپرەك لىنىيەسى تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، %37 مۇنار ئورۇنلىرىغا ئاپتوموبىل يېتىپ بارالمايتتى، يىللىق ئۈنۈملۈك قۇرۇلۇش مۇددىتى ئاران بەش ئاي ئىدى، قۇرۇلۇش ئەترىتى ئىسمېنانى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، مەخسۇس ئۈسكۈنىلەرنىڭ تىپىنى تاللاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، قۇرۇلۇشنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

شىنجاڭنىڭ بىپايان تۇپرىقىدا، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن بۇنداق قۇرۇلۇش مەنزىرىسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا نامايان بولماقتا، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى مىسلىسىز سالماق بىلەن تېز ئالغا سىلجىتىلماقتا.

ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان مەبلەغ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئارقىسىدا، دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى بار. بۇ مەبلەغ ئەنئەنىۋى ئېلېكتىر تورىنى مۇستەھكەملەشكە ئىشلىتىلىپلا قالماي، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئۇلاش ۋە ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يوللاش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ كۆپ مىقداردا مايىللاشتى، بۇ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشىنى پۇختا «ئېلېكتىر ئېنېرگىيە موتورى» بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يوللىرى كېڭەيدى

ئەگەر ئېلېكتىر تورىنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ جان تومۇرى دېسەك، ئۇنداقتا ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق قۇرۇلۇش ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يەتكۈزىدىغان «چوڭ تومۇر» بولىدۇ.

2026 - يىلى شىنجاڭدا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇلىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشلىرىغا نەزەر سالساق، ئۇلاردا مۇنداق بىر روشەن ئورتاقلىق بار: مۇتلەق كۆپ ساندىكى تۈرلەر «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ۋە «يېڭى ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش» مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

لوپنۇر 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، تاشى 750 كىلوۋولتلىق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ھەمدە شىنجاڭ توكىنى (جەنۇبىي شىنجاڭ) يەتكۈزۈش بويىچە سىچۇەن - چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش ئۇچىدىكى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئۇلاش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى 4 - ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن قۇرۇلغان يۈرۈشلەشكەن تۈرلەر.

شىنجاڭ توكىنى(جەنۇبىي شىنجاڭ) يەتكۈزۈش بويىچە سىچۇەن - چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش ئۇچىدىكى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئۇلاش قۇرۇلۇشى ھەمدە شىنجاڭ توكىنى (جەنۇبىي شىنجاڭ) يەتكۈزۈش بويىچە سىچۇەن - چۇڭچىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق يۈرۈشلەشكەن ئوت ئېلېكتىر 750 كىلوۋولتلۇق يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى چاقىلىق 800± كىلوۋولتلۇق توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىغا ئۇلىنىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 - لىنىيەسىنىڭ يۈرۈشلەشكەن 750 كىلوۋولتلۇق ئۇلاش قۇرۇلۇشى بولۇپ، 2026 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىش باشلاپ، 2028 - يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلاندى.

بۇ قۇرۇلۇشلار چاقىلىق 800± كىلوۋولتلۇق توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى ئارقىلىق شىنجاڭ ئاساسىي تورى بىلەن زىچ تۇتاشتۇرۇلۇپ، كەلگۈسىدە «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»كە پۇختا ئاساس سالىدۇ.

«بۇ يىل يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورى تۈرى ئىچىدە تۆت تۈر <شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش> 4 - لىنىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ تۈرلەردە ماس قەدەمدە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتى بېجىرىلىۋاتىدۇ» دېدى ياڭ گۇيشىڭ.

«شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» لىنىيەسى قۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ دۆلەت تاپشۇرغان «ئۈچ بازا، بىر لىنىيە» رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا دەل جايىدا ماسلىشىپ، پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىستېمالى زور مەركەزلەرگە يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئۈستۈنلۈكىنى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە يېشىل تەرەققىيات قۇۋۋىتىگە ئايلاندۇرالايدۇ.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئىقتىساد - تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ شياۋبىن مۇنداق بىلدۈردى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمىنى سىجىل كېڭەيتىمىز. قۇرۇلۇپ بولغان سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، يېشىل توكنى يەتكۈزۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرىمىز. قۇمتاغ، تەكلىماكان قۇملۇقى قاتارلىق «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» ئېنېرگىيە چوڭ بازىسى سىرتقا يەتكۈزۈش بويىچە تەتقىق قىلىپ دەلىللەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، تىرىشىپ «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 - لىنىيەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سىرتقا يەتكۈزۈش 5 -، 6 - لىنىيەسىدە ئىش باشلاپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا «تۆت ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئۆزگىرىشچان توك يەتكۈزۈش يولى، ئالتە ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش يولى» سىرتقا يەتكۈزۈش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى 60 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىدۇق.

يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە كۈچ قوشتى

2026 - يىلىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، «15 - بەش يىل»غا نەزەر سالساق، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جەسۇرانە ئىرادىسى تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ.

2026 - يىلى 1 - پەسىلدە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش مىقدارى 38 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن توك چىقىرىش مىقدارى 8 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت ئېشىپ، پۈتكۈل جەمئىيەت توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ كۆپەيمە مىقدارىنىڭ %118ىنى ئىگىلىدى. بۇ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئېچىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنىڭ سىجىل ئۆسكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ، دۆلەت ئېنېرگىيەسىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

2025 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى سىغىمچانلىقى جەمئىي 169 مىليون كىلوۋاتتىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئومۇمىي گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى سىغىمچانلىقىنىڭ %64ىنى ئىگىلىدى، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى سىغىمچانلىقى كۆلىمى بىردەك مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مۇقىم تۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلنى پۇختىلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى غول تور رامكىسىنى كۈچەيتىش، سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسىنى كېڭەيتىش، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يول ئارقىلىق، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا چوڭقۇر ماسلىشىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

بۇ يىل يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇلىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق قۇرۇلۇشلاردىن قارىغاندا، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئۇلاش قۇرۇلۇشى مۇتلەق ئاساسىي كۈچنى ئىگىلىگەن. چۆچەك - دۆربىلجىن 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدىن قاراماي 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغىچە، مېيگۇيچۈەن 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدىن جياڭجۈنمياۋ 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغىچە، بۇ قۇرۇلۇشلار پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىلىرىدىكى شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى چوڭ ئېلېكتىر تورىغا ئۇلىنىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچىيىدۇ.

ۋاڭ شياۋبىن مۇنداق بىلدۈردى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىدىكى مەبلەغ 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇ زور مەبلەغ سېلىش پىلانى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا، بولۇپمۇ ئاليۇمىننى ئاساس قىلغان، ئەقلىي ھېسابلاش مەركىزى قاتارلىق يۇقىرى يۈكلىمىلىك ئېنېرگىيە تۈرلىرىنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا تىرەك بولۇشنى مەقسەت قىلغان.

تۈر پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىگە بولغان تۈرتكىلىك رولى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بولىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، «15 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىستېمالى، توك مىقدارىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %7.8 ۋە %6.9كە يېتىدىكەن.

بۇ ئېشىشنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، «15 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن توك ئىشلىتىش ئېھتىياجى ئاساسلىقى يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش ئارقىلىق قاندۇرۇلىدۇ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى سىغىمچانلىقىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %65تىن كۆپرەككە يېتىدۇ.

بۇ بىر نىشان بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر مەيدان چوڭقۇر ئېنېرگىيە ئۆزگىرىشى. يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش، يورۇقلۇق - ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى قاتارلىقلارنى تەڭشەش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى يېڭى ئېنېرگىيەنى قوبۇل قىلىش، تەقسىملەش ۋە تەڭشەش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، شامال، يورۇقلۇق، سۇ، ئوت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بويىچە كۆپ خىل ئېنېرگىيە بىر - بىرىنى تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. شۇ چاغدا، شىنجاڭدا جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، شەرق بىلەن غەرب ئۆزئارا تەمىنلەيدىغان يادرولۇق كەسمە يۈزنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى 10 مىليون كىلوۋاتتىن كۆپرەككە يېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.