شياۋجاڭ ئۆي ئىگىسى ۋاڭ ھەدە بىلەن «ئۆي ئىجارە ئېلىش توختامى» ئىمزالاپ، شەھەر رايونىدىكى دۇكاننى بەش يىللىق ئىجارىگە ئالغان. توختامدا يازما ماقۇللۇقنى ئالماي تۇرۇپ، شياۋجاڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دۇكاننى قايتا ئىجارە بەرسە بولمايدىغانلىقى، ئەكسىچە بولغاندا ۋاڭ ھەدىنىڭ كېلىشىمنى بىكار قىلىش، دۇكاننى قايتۇرۇۋېلىش ھەم زاكالەت پۇلىنى قايتۇرماسلىق ھوقۇقى بارلىقى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. توختام ئىمزالانغاندىن كېيىن شياۋجاڭ ئىجارە پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرغان، لېكىن ئۈچ يىلدىن كېيىن ۋاڭ ھەدە شياۋجاڭنىڭ ئىجارە ئالغان يىلىلا دۇكاننى يوشۇرۇنچە ئىجارىگە بەرگەنلىكىنى بايقىغان. ۋاڭ ھەدە ئۇنى توختامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى دەپ قاراپ سوتقا ئەرز قىلغان. شياۋجاڭ ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلغان، لېكىن زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك دەپ قارىغان.
قانۇندا ئىجارە ئالغۇچى ئۆي ئىگىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ ئىجارە ئالغان ئۆينى باشقىلارغا ئىجارە بەرسە، ئىجارە بەرگۈچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ، بۇنىڭدا توختامغا خىلاپلىق قىلغان تەرەپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شياۋجاڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ باشقىلارغا ئىجارىگە بەرگەچكە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. سوت مەھكىمىسى توختامنى بىكار قىلىش، شياۋجاڭنىڭ يەتتە كۈن ئىچىدە دۇكاننى قايتۇرۇشى، زاكالەت پۇلنى توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى ھېسابىدا قايتۇرۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى.
قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى سودىيە خەن گۇاڭلەن مۇنداق ئەسكەرتتى: ئىجارىگە ئالغۇچى توختامغا ئىمزا قويغاندا توختامدىكى ماددىلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ، ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، ئالاھىدە ئەھۋالدا ئىجارىگە ئالغان ئۆينى ئىجارىگە بەرمەكچى بولسا ئۆي ئىگىسىنىڭ يازما ماقۇللىقىغا ئېرىشىشى كېرەك؛ ئىجارىگە بەرگۈچى ئىجارە ئالغۇچى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باشقىلارغا ئىجارىگە بەرسە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق ماددا يېزىشى، ئۆينى قانداق ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىشى، توختامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە قانۇن بويىچە ھوقۇقنى قوغدىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ لەۋزىدە تۇرۇشى كېرەك. تالاش-تارتىش كۆرۈلگەندە ئالدى بىلەن كېلىشىش، كېلىشەلمىگەندە مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىش ياكى دەۋا قىلىش كېرەك.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






