□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇ
مائارىپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلى. مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن ئالىي مائارىپقىچە، بالىلار «ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇش»تىن «ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش»قىچە، مائارىپ بايلىقى «تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈش»تىن «ئەلا سۈپەتلىك، تەڭپۇڭ بولۇش»قىچە، بۈگۈنكى كۈندە، زامانىۋىلاشقان مەكتەپلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى قاپلىدى، مائارىپ ئادىللىقىنىڭ نۇرى ھەربىر شىنجاڭ ئائىلىسىنى يورۇتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسىدا «ئىككىنى پەقەتلا ئاشۇرۇش، ئازايتماسلىق» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مائارىپنى ئىستراتېگىيەلىك سېلىنما سۈپىتىدە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش، نۇقتىلىق كاپالەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇردى. 2025 - يىلى، شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت مائارىپ چىقىمى 113 مىليارد 170 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %4 ئاشتى، سېلىنما سالمىقى سىجىل زورايدى.
زامانىۋىلاشقان مەكتەپلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى قاپلىدى
3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سانجى شەھەرلىك 20 - يەسلىنىڭ ئازادە، يورۇق سىنىپىدا، كىچىك دوستلار خۇشال ھالدا ھەر خىل ئويۇن ۋە ئويۇنچۇقلارنى ئويناۋاتاتتى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، تۇرپان شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى بۇلۇت دەرسخانىسىدا دەرس ئاڭلاۋاتاتتى؛ قەشقەر شەھەرلىك 32 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان مەكتىپىدە، ئوقۇغۇچىلار قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن ھالدا تەنتەربىيە دەرسىگە قاتنىشىۋاتاتتى.
بۇ جانلىق كۆرۈنۈشلەر شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى. 2025 - يىلى، شىنجاڭ سىجىل ھالدا مائارىپ ئادىللىقىنى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە ئۇزارتتى، تۈركۈم - تۈركۈم ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەر ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ بالا يېقىن ئەتراپتا ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن بولدى.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭدا ھەر 817 باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ توغرا كېلىدىكەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىنىڭ مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىدە %97تىن يۇقىرى بولۇش ساقلانغان.
مالىيە سېلىنمىسى مۇقىم ئېشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، شىنجاڭنىڭ ئاساس مائارىپ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى تەدرىجىي ئۆسۈپ، مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، رايونلار، شەھەر - يېزىلار ۋە مەكتەپلەر ئارىسىدىكى پەرق ئۈزلۈكسىز كىچىكلىدى.
4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو بىناكارلىق - قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىنجاڭ بىناكارلىق - قۇرۇلۇش (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ داشۆ قەشقەر مەكتەپ رايونىدا 100 كۈن كەڭ كۆلەمدە ئىشلەش باش تېمىسىدىكى ئەمگەك مۇسابىقىسىنى باشلاپ، شىنجاڭ داشۆ قەشقەر مەكتەپ رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100دىن ئارتۇق نۇقتىلىق تۈرنى قۇرۇشنى تېزلەتتى. شىنجاڭ داشۆ قەشقەر مەكتەپ رايونىنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئۈستى ئومۇميۈزلۈك يېپىلدى، 7 - ئايدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ. 1 - قارارلىق قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن مۇكەممەل بولغان ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، تۇرمۇش يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئىقتىدارنى ھازىرلاپ، 2000 نەپەر ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
مالىيە مەدىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ بايلىقى ئەڭ ئاجىز بولغان جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى تولۇق كۇرس مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلىنىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار قۇۋۋىتى قوشتى.
«ئاساس مائارىپتىن ئالىي مائارىپقىچە، مالىيەنىڭ سىجىل مەبلەغ سېلىپ قوللىشىدا، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك مەكتەپ قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشى تېز بولدى، ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىدىكى مائارىپ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پەن - مائارىپ ۋە مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى شيا شۆجۈن مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ رايونىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى بىلەن تەمىنلىدى.
بىرمۇ بالا ئائىلە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالمىدى
مالىيەدىن سىجىل مەبلەغ سېلىش مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق ماتېرىيال ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاپلا قالماي، يەنە ئىقتىسادىي ياردەم سىستېمىسىنى تولۇق قاپلىدى.
«ناھىيە بازىرىدىكى مەكتەپتە ھەقسىز ياتاقتا يېتىپ ئوقۇشتىن بەھرىمەن بولدۇق، ئوقۇش پۇلى مەسىلىسىدىن ئەنسىرىمەيمىز، يەنە تاماق ياردەم پۇلى ۋە مەززىلىك تائاملار بار.» ھەر دەرىجىلىك مالىيە مەبلىغىنىڭ قوللىشىدا، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ چارلۇڭ يېزىسى پازلاۋات كەنتىدىكى قىز گۈلجامال «ئوقۇش ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇردى.
دۆلەت ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ قوللىشىدا، ئاقتۇ ناھىيەسى تاغلىق رايوندىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قوشۇۋېتىش ئارقىلىق، مەركەزلىك مەكتەپ باشقۇرۇشنى يولغا قويدى، چەت، يىراق چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى بالىلار خاتىرجەم ياتاقتا يېتىپ ئوقۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىمەن بولدى.
شيا شۆجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: 2025 - يىلى، ئاپتونوم رايون مالىيەسى شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدا «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرگە ياردەم پۇلى بېرىش» سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، 710 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ قىيىنچىلىقى بار رايونلاردىكى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق تاماق ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، تەخمىنەن 1 مىليون 870 مىڭ ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزدى.
«ئىلگىرى تويغۇدەك تاماق يەيتتۇق، ھازىر ياخشى تاماق يەيدىغان بولدۇق. مەكتەپ ئاشخانىسىدىكى قورۇما ۋە مېۋىلەرنىڭ تۈرى بارغانسېرى كۆپەيدى، بىز مەكتەپنىڭ تامىقىنى بەك ياخشى كۆرىمىز» دېدى قاغىلىق ناھىيەسى يېتىملىقۇم بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى مۇنىسە ئەختەر.
ھەر مىللەت ئاممىنى مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى مائارىپنىڭ خەلقچىللىق خۇسۇسىيىتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇردى. 2025 - يىلى كۈزدە، مەركەز ھەم ئاپتونوم رايون مالىيەسى شەھەرلەردىكى يەسلىنىڭ ئاخىرقى بىر يىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ بېقىش - تەربىيەلەش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش تۈرىنى قوللاپ يولغا قويدى، يەسلىدە ئوقۇۋاتقان 68 مىڭ بالا نەپكە ئېرىشتى. بۇ سىياسەت ھازىرقى يېزىلارغا، جەنۇبىي شىنجاڭغا قارىتىلغان ھەقسىز سىياسەت بىلەن ئۆزئارا تولۇقلاشنى شەكىللەندۈرۈپ، «شەھەر - يېزا بىر گەۋدىلەشكەن، پۈتۈن رايوننى قاپلىغان» ھەقسىز يەسلى مائارىپى سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.
«مەيلى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ياكى پۇقراۋى يەسلىلەر بولسۇن، مەيلى شەھەر ياكى يېزىلاردا بولسۇن، بالىلارنىڭ ھەممىسى يەسلىنىڭ ئاخىرقى بىر يىلىدا ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولالايدۇ، بۇ، قەلبلەرنى تولىمۇ ئىللىتتى.» ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ دەن مۇنداق دېدى: بالىلار ئىلگىرى يەسلىدە ئوقۇسا بىر يىلدا خېلى كۆپ چىقىم قىلاتتۇق، ھازىر بېقىش - تەربىيەلەش ھەققى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىنىپ، ئاتا - ئانىلارنىڭ يۈكى ھەقىقىي يېنىكلىتىلدى.
مائارىپ سېلىنمىسى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇردى
2025 - يىلى، شىنجاڭ مالىيەسى يەسلى مائارىپى چىقىمىدىن 11 مىليارد 350 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى، بۇ، ئاساسلىقى ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلاردىكى ئۈچ يىللىق ھەقسىز يەسلى مائارىپىنى مۇستەھكەملەشنى داۋاملىق قوللاش، شەھەرلەردىكى يەسلىلەردە ھەقسىز مائارىپنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش، شەھەرلەردە يەسلىلەرنىڭ ئاخىرقى بىر يىللىق بېقىش - تەربىيەلەش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشقا ئىشلىتىلدى.
مەجبۇرىيەت مائارىپى جەھەتتە، شىنجاڭ مالىيەسى 62 مىليارد 880 مىليون يۈەن چىقىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدا «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرگە ياردەم پۇلى بېرىش» سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار رايونلاردىكى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئەلا سۈپەتلىك، تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرگە تۈرتكە بولدى.
ناھىيە رايونىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا مەدەت بېرىش، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك خاس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون مالىيەسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى چىقىمىدىن 10 مىليارد 530 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى. كەسپىي مائارىپ جەھەتتە، 9 مىليارد 860 مىليون يۈەن چىقىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسىپ چوڭ تۈرىنى ئاساس قىلغان كەسپىي مائارىپتىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا توغرا كېلىدىغان پەرقلىق پۇل ئاجرىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، شىنجاڭ قاتناش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ۋە ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسىدىن ئىبارەت ئىككى ئالىي كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ دەرىجىسىنىڭ كەسپىي تولۇق كۇرس داشۆسىگە ئۆستۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئالىي مائارىپ چىقىمىدىن 10 مىليارد 400 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ماھىيەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى.
«14 - بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت مائارىپ چىقىمى 2020 - يىلىدىكى 90 مىليارد 810 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 2025 - يىلى 113 مىليارد 170 مىليون يۈەن بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %4.5كە يەتتى، مائارىپ چىقىمىنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %17.2تىن ئېشىپ، شىنجاڭ ئاممىۋى مالىيەسىدىكى بىرىنچى چوڭ چىقىم بولۇپ قالدى. شىنجاڭ مالىيەسىنىڭ مائارىپ سېلىنمىسى مەيلى ئېشىش نىسبىتى ئەھۋالى ياكى ھەربىر ئوقۇغۇچىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە پۇل ئاجرىتىش ئەھۋالى بولسۇن، بىردەك مەملىكەت بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇردى.
يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ سېلىنمىسى سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، مائارىپ چىقىمى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقى ئىللىقلىقىنى ھەربىر بالىغا يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۇختا ئىختىساسلىقلار تىرىكى ۋە ئەقلىي كۈچ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.






